ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
64 بىتلىق ئۇبۇنتۇدا 32 بىت ئامبىرىنى ئىشلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى524 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 31 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,728+

نەچچە كۈن ئاۋۋال مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ 64 بىتلىقنى قاچىلىدىم. ھەقىقەتەن ئالاھىدە سۈزۈك كىنولارنى كۆرگەندە 32 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا قارىغاندا ئازراق ياخشىكەن.

32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن، بۇلارنىڭ نىمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاددىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مىنىڭ كەسپىم كومپيۇتېرغا ئالاقىدار بولغاچقا، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز چۈشەنچەم بىلەن، ناھايىتى ئاددىي تىلدا يېزىشقا تىرىشتىم، ھەم بۇلارنى خەنچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەندە ئازراق مەسىلە بۆلىشى مۇمكىن، چۈشەنمىگەنلەر ئايرىم ئىنكاس يازارسىلەر.

ئالدى بىلەن گەپنى كومپيۇتېردىن باشلايلى. كومپيۇتېرنىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ يەنى CPU ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. CPU نىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولۇپ، 64 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ. بىراق 32 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بىلسە كېرەك، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەممە ئۇچۇرنى ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) دىن ئالىدۇ. ھەمدە بىرتەرەپ قىلىپ بولغان ئۇچۇرنى ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) قا ساقلايدۇ، ئاندىن بىز ئىشلىتىمىز. مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ھەر قېتىم بىر تەرەپ قىلالايدىغان سانلىق قىممەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) دەپ ئاتىلىدۇ. سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) نىڭ چوڭ كىچىكلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كومپيۇتېرنىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئانالىز (解析) قىلغان سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) نىڭ چوڭ كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 32 بىتلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئەڭ چوڭ بولغاندا 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) نى قوللايدۇ.

مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئىقتىدارى قايسى خىل سىستېمىدا ( 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق) ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېچ قىلدىڭلار ھە قاچان.

2004-يىلىدىن كىيىن چىققان خاتىرە كومپيۇتېر ۋە تەييار ئۈستەل كومپيۇتېرلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك 64 بىتلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئىشلىتىلگەچكە، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەمدى ئىشلىتىپ باقساق بولىدۇ. Windows نىڭ 64 بىتلىقىنى قاچىلىغاندا 32 بىت ئامبىرى سىستېما بىلەن بىرگە سەپلەگلىك بولغاچقا، 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللارنى 64 بىتلىقى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا بىمالال ئىشلىتەلەيمىز. ئىككى ئامبار ئايرىم بولغاچقا، 32 بىتلىق 64 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللار ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.

ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ISO ھۆججىتىنى ياكى دېتالى ھۆججىتى ئاخىرىغا قوشۇلغان i386، i586، i686 دېگەنلەر بۇ ISO نىڭ 32 بىتلىق كومپيۇتېر ئۈچۈن ئىشلەنگەنلىكىنى ( 64 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە )، ياكى 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن دېتال دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.
x86_64، AMD64 بولسا 64 بىتلىق سىستېما ISO ھۆججىتىنى ياكى دېتال دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇبۇنتۇ 11.04 تىن باشلاپ، 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا 32 بىت ئامبىرى سەپلەنگەن، ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار، ياكى 32 بىت ئامبىرى بىنورماللار تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

sudo apt-get install ia32-libs*

32 بىت ئامبىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇدا 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز. نىمىلا دېگەن بىلەن 64 بىتلىق سىستېما نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش، دېتاللىرى 32 بىتلىق سىستېمىدىن ئاز.

قېنى ئەمىسە مەن ئىشلىتىلىۋاتقان 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇ 11.04 كە، 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن google chrome جاھاننامىسىنى قاچىلاپ، بۇ ئامبارنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.

مەسىلەن مەن https://www.google.com/chrome بۇ ئۇلىنىشتىن google-chrome-stable_current_i386.deb ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم، بۇنى 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا قاچىلىماقچى، ئۇنداقتا تېرمىنالدا cd بۇيرۇقى ئارقىلىق بايا چۈشۈرگەن ھۆججەت بار مۇندەرىجىگە كىرىپ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ قاچىلايمەن.

sudo dpkg –force-architecture -i google-chrome-stable_current_i386.deb

يەنى dpkg –force-architecture نى ئىشلىتىمىز. ئۆچۈرۈش ئۈچۈن P نى ئىشلىتىمىز، مەسىلەن: sudo dpkg -P detal_ismi

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 31 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە. دەلىللەنگىنى: 27

  1. نۇرقۇت : 2011-يىل 10-ئىيۇل17:44 جاۋاب

    بۇ بىلىپ قويساق بولىدىغان ئىشكەن. ھەشقاللا

  2. ئو.تۇرپان : 2011-يىل 10-ئىيۇل18:03 جاۋاب

    نۆۋىتى كەلگەندە شۇنى سوراپ باقاي، CPU نىڭ قانچە بىتلىقىنى سېستىمىنىڭ قەيەرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ؟ ياكى قۇرال ئىشلىتەمدۇق؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 10-ئىيۇل18:10 جاۋاب

      لىنۇكسدا تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزسىڭىز، قىممىتى 0 دىن چوڭ بولسا، cpu رىڭىز 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.

      cat /proc/cpuinfo | grep flags | grep lm | wc -l

      windows دا CPU-Z دېتالى ئارقىلىق كۆرەلەيسىز، ياكى توردىن باشقا دېتال چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ

  3. دولقۇن731 : 2011-يىل 10-ئىيۇل18:30 جاۋاب

    ھىمم، بۇ بىلىمنىمۇ بىلىپ قۇيۇش كېرەك ئەلۋەتتە. رەھمەت.

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×