ئۇبۇنتۇ 16.04 دا ئۇيغۇرچە فونتلارنى نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى

بۇ تېمىدا، ‍ئۇبۇنتۇ 16.04 ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. گەرچە بۇ 16.04 نەشرىدىكى ئۇسۇل بولسىمۇ، 13.04 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرىگىمۇ توغرا كېلىدۇ.

1.سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يېڭىلانما ئۇچۇرى چىقىدۇ. <<بۇ مەشغۇلاتنى ھازىر ئىجرا قىلىش>> نى تاللايمىز.
configure_language01

2. <<تىل قوللىشى تولۇق قاچىلانمىدى >> دېگەن كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىن <<قاچىلا>> نى تاللايمىز.
configure_language02

باشقۇرغۇچىنىڭ ئىم كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىنىدۇ، سىستېمىنى ئورناتقان ۋاقىتتىكى ئىمنى كىرگۈزىمىز. كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ”Athonticate“ نى باسىمىز.
configure_language03

”Applying Changes“ دېگەن كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. يەنى <<ئۆزگىرىشلەرنى ئورنىتىش>> دېگەن كۆزنەك ، بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تەمىنلىگەن بىر قىسىم فونتلار سىستېمىغا قاچىلىنىدۇ.
configure_language04

4.ئۆزگىرىشلەر ئورنىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىل قوللىنىش كۆزنىكىدىكى ”Close“ نى بېسىپ كۆزنەكنى ئۆچۈرىمىز. سىستېمىدىن چېكىنىپ چىقىپ قايتا كىرىمىز.

configure_language05

”Log out“ نى بېسىپ سىستېمىدىن چېكىنىپ چىقىپ قايتا كىرىمىز.
configure_language09

ئىشلەتكۈچى ئىسمى بىلەن ئىمنى كىرگۈزۈپ سىستېمىغا كىرىمىز.
configure_language10

5.سول تەرەپتىكى ئىستوندىن <<كومپيۇتېردىن ئىزدە>> نى باسىمىز.
configure_language11

ئىزدەش رامكىسىغا رەسىمدىكىدەك فونت دەپ كىرگۈزىمىز ۋە چىققان پروگراممىنى ئاچىمىز.
configure_language12

يۇقىرىقى فونت كۆزنىكىنى ئاچساق تۆۋەندىكىدەك ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى UKIJ نىڭ فونتلىرىنى كۆرەلەيمىز. بۇ يەردە بۇ فونتلارنى كۆرەلىسىڭىز، كېيىنكى باسقۇچتا بۇ فونتلارنى سىستېمىنىڭ ئۆلچەملىك فونتى قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز.
configure_language13

6. سول تەرەپتىكى ئىستوندىن <> نى ئاچىمىز.
configure_language14

ئىزدەش كۆزنىكىگە ”Unity Tweak Tool“ دەپ كىرگۈزىمىز.( بۇ پروگرامما بولسا ”Unity“ ئۈستەلئۈستىنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان پروگرامما.)
configure_language15

7. يۇقىرىقى ”Unity Tweak Tool“ دېگەن يۇمشاق دېتالنى چېكىمىز، چۈشەندۈرۈلۈشى بىلەن <<ئورنىتىش "Install">> كۇنۇپكىسى كۆرۈنىدۇ، <<ئورنىتىش "Install">> نى تاللاپ ئورنىتىش ئىلىپ بارىمىز.
configure_language16

سىستېما ئورناتقان ۋاقىتتىكى باشقۇرغۇچىنىڭ ئىمنى كىرگۈزىمىز.
configure_language17

8.يۇقىرىقى يۇمشاق دېتال قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ”Launch“ كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىمىز.
configure_language18

9. يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، بۇنىڭدىن ”Fonts“ نى چېكىمىز.
configure_language19

تۆۋەندىكى تەڭشەك كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.
configure_language20

يۇقىرىقى كۆزنەكتىكى ”Default font“,“Document font“,“Monospace font“,“Window title font“ دىن ئىبارەت ئاساسلىق تۆت رايوننىڭ فونتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولۇپ بۇلارنى 5-باسقۇچتا كۆرگەن خالىغان فونتقا ‍ئۆزگەرتسەك سىستېما شۇ فونتتا كۆرۈنىدۇ.
configure_language20

configure_language21

يەنى تۆۋەندىكىدەك:
configure_language22

10. ئەمدى سىستېمىدىن چېكىنىپ چىقىپ ، قايتا كىرىپ كۆرۈپ باقايلى .(سىستېما تەڭشىكىنى مىسال)
configure_language23_01

سىستېما تەڭشەك كۆزنىكى:
configure_language23

يۇقىرىقىغا قارايدىغان بولساق ، ”UKIJ Tuz Basma Regular“ غا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئىشلىتىشى جەريانىدا بەزى ئىبارىلەرنىڭ شۇنداقلا بەزى پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى ھېس قالىدىڭىزمۇ. بۇ سۆزلەر سىزنىڭ تەرجىمە قىلىشىڭىزغا موھتاج. بۇ يەرنى بېسىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈڭ ۋە ئىمكانىيىتىڭىز بولسا سېپىمىزگە قاتنىشىڭ.


"ئۇبۇنتۇ 16.04 دا ئۇيغۇرچە فونتلارنى نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى " غا 1 ئىنكاس

  • باشقۇت
    2017-يىل 25-دېكابىر (11:03 pm)
    جاۋاپ قايتۇرۇش

    مۇشۇ ئۇسۇللار راۋۇرۇس ئەس قاتىدىغان بولدىدە ماڭا


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ