ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

Ubuntu بىلەن Windows7 نى بىللە ئىشلىتىشتىن ياردەم

0 نومۇر
مەن يېقىندا خاتىرە كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالغان. كومپيۇتېردا ھازىر Windows7 نىڭ 64 بىتلىق ھەقىقىي نەشرى قاچىلاقلىق. قاتتىق دېسكىدا پەقەت بىرلا رايون بار.(زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتە).ئىلگىرىكى كومپيۇتېردا Ubuntu نى Wubi ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتكەن بولغاچقا، رايون ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىىپ بارمىغان ئىدىم. ھازىر قاتتىق دېسكىنى بىرنەچچە رايونغا ئايرىپ، بىرىنچى رايونغا Windows7 نى، (ھازىر قاچىلاقلىق)، ئىككىنچى رايونغا Ubuntu نى قاچىلىماقچى، قالغان رايونلار باشقا ھۆججەتلەرنى ساقلاش ئۈچۈن قالدۇرىلىدۇ. (ئىككىلا سىستېمىغا ئورتاق ). رايونغا ئايرىش ھەققىدە ماتېرىيال كۆرسەم Ubuntu ئۈچۈن كەم دېگەندە ئىكككى رايون بولۇشى كېرەك (بىرسى ext3, يەنە بىرسى swap )دەپتۇ. كومپيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچى بىرقەدەر چوڭ (مەسىلەن 8GB) بولغان ئەھۋلدا Ubuntu بىلەن Windows7 نى بىللە ئىشلىتىپ، يۇقىرىدىدا بايان قىلىنغان مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن رايونغا ئايرىش مەشغۇلاتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىيراق توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.
ئالدىن رەھمەت.
PS:
Ubuntu نىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسى ئۈچۈن https://cdimage.ubuntu.com/daily-live/current/ دىن قايسىسىنى چۈشۈرۈشنى تازا ئېنىق بىلەلمىدىم. كومپيۇتېرغا Intel نىڭ 64بىتلىك CPU سى سەپلەكلىك.
meptun تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە

1 جاۋاب

0 نومۇر
 
ئەڭ ياخشى جاۋاب
‹‹كومپيۇتېردا ھازىر Windows7 نىڭ 64 بىتلىق ھەقىقىي نەشرى قاچىلاقلىق. قاتتىق دېسكىدا پەقەت بىرلا رايون بار›› بۇ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ كومپيۇتېرىڭىز Thinkpad كەن دەپ پەرەز قىلدىم، بۇ قۇرۇق گەپ جۇمۇ چۈنكى مەن كومپيۇتېر ئالغاندىمۇ مۇشۇنداق ئىدى، مۇنداقلا دەپ قويدۇم (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).

گېپىمىزگە كېلەيلى ئەمىسە. دېگىنىڭىز توغرا ئۇبۇنتۇ قاچىلاش ئۈچۈن ئەڭ كىمىدە ئىككى رايون كېتىدۇ. قانداق قاچىلاش، قانداق رايونغا ئايرىش توغرىسىدا بۇ يەردە ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرماي. بىلوگىدا بۇ توغرۇلۇق يازمىدىن بىر قانچىسى بار، كۆرگەنسىز بەلكىم.

مەسىلەن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ھازىر C D E ئۈچ رايونغا ئايرىدىڭىز دەيلى، E رايون 20G ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلايلى. سىز دەل مۇشۇ يەرگە ئۇبۇنتۇ قاچىلاپ، قوش سىستېما قىلىش نىيىتىگە يىتەلەيسىز.

قانداق قىلىپ دېگەندە، ئۇبۇنتۇ ئوپتىك دىسكىسىدىن ياكى بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، ئۇبۇنتۇ قاچىلاشنى باشلايسىز. ھەممە قەدەم باسقۇچ، iso نى بارماق دىسكىغا ئويۇش دېگەندەك مەزمۇنلار بىلوگدا بار (ئوپتىك دىسكىغا ئويۇشنى ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز).

دىسكا ئايرىش باسقۇچىغا كەلگەندە، ئۇبۇنتۇدا دىسكا c d e دېگەندەك ئىسىملار بويىچە كۆرۈنمەيدۇ. sda1 sda 2 .. sda 5 دېگەندەك، قاتتىق دىسكىنىڭ بۆلىنىش رەت تەرتىپى بويىچە كۆرۈنىدۇ. سىز چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ، بايىقى مىسال قىلغان 20G لىق دىسكىنى تاپىسىز، ھەم شۇنىلا رايونغا ئايرىيسىز (باشقا دىسكىغا ئۇرۇنمايسىز). قاچىلاش تاماملىنىدۇ.

cdimage دىن ئۇبۇنتۇ چۈشۈرۈشكە كەلسەك. ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 8G بولغاندىن كىيىن، 64بىتلىق سىستېما قاچىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى، نېمىشقا مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. شۇڭا ھەر قاندا ۋاقىتتا desktop-amd64.iso دېگەننى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە نېمىشقا amd دەپ بولىدۇ، cpu رۇم intel تۇرسا دېيىشىڭىز مۇمكىن.
amd ئەڭ بۇرۇن 64بىتلىق CPU چىقارغاچقا، كېيىنچە 64بىتلىق دېتال، iso لار مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ قالغان خالاس. مىنىڭ CPU رۇم intel. مەنمۇ desktop-amd64.iso نى ئىشلىتىمەن.

يەنە بىر گەپ، ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ ھەقىقىي نەشرى چىقمىدى. بۇ سىناق نەشرى، مۇقىم ئەمەس. ھەقىقىي نەشرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا چىقىدۇ. بىلوگنىڭ باش بېتىدە، چىقىدىغان كۈنىنىڭ تەتۈر سانىقى بار. شۇڭا ئامال بار ئىشلەتمەي تۇرۇشىڭىزنى ياكى بولمىسا 11.10 نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 2 ئاي ئىلگىرى
رايونغا ئايرىش توغرىلىق يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى...

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
purset تەرىپىدىن سورالدى 3 ھەپتە ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
abid تەرىپىدىن سورالدى 7 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 10 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
1 جاۋاب
aynuri تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە