ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

رايونغا ئايرىش توغرىلىق يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى...

0 نومۇر
ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلىي جاۋاب يازغىنىڭىزغا رەھمەت.
سىزنىڭ دېگىنىڭز بويىچە بولغاندا ئالدىن بىلەن قاتتىق دېسكامنى Windows7 مۇھىتىدا تۇرۇپ بىرنەچچە رايونغا بۆلىۋالىمەن،(C,D,E دېگەندەك) ئاندىن Ubuntu قاچىلىماقچى بولغان رايوننىڭ سىغىمىنى ئېنىق بىلىۋالىمەن، ئاندىن كېيىن Ubuntu نىڭ ئوپتىك دېسكىسىنى (ياكى بارماق دېسكىغا ئويۇۋالغان نۇسخىسىنى) سېلىپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، Ubuntu نى قاچىلاش جەريانىدا قايسى رايونغا قاچىلاشنى تاللايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە قاچىلىماقچى بولغان ريوننى (مەسىلەن سىز مىسالغا ئالغاندەك E رايون دەپ تۇرايلى) تاللاپ ئاشۇ رايوننىڭ ئۆزىنى يەنە ext3 ۋە swap قىلىپ ئىككى رايونغا بۆلىۋالىمەن، ئاندىن مۇشۇ رايونغا Ubuntu نى قاچىلايمەن. مۇشۇ چۈشەنگىنىم توغرىمۇ؟
يەنە بىر سوئال: بلوگدىكى بىر يازمىدا swap رايونىنى فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىككى ھەسىسىچىلىك قىلىپ بۆلۈش ھەققىدە توختىلىپتىكەنسىز، شۇ بويىچە بولغاندا مەن swap رايونىنى 16GB قىلىپ بۆلۈشۈم كېرەكمۇ؟

بەكلا ئاۋارە قىلىۋەتتىم، خىجىلمەن....
meptun تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە

1 جاۋاب

0 نومۇر
 
ئەڭ ياخشى جاۋاب
چۈشەنگىنىڭىز توپتۇ توغرا. شۇنداق قىلىسىڭىزلا بولىدۇ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

8G ئىچكى ساقلىغۇچ بولغاندىنكى كىيىن 2G دىن كىچىكرەك قىلىپ ئايرىپ قويۇڭ. چۈنكى ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز چوڭ، swap ئادەتتە ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق، خاتىرە كوميۇتېرنى ئۇخلاتقاندا، كومپيۇتېرنى باتارىيىدە ئىشلىتىپ تۇكى تۆگۈگەندە، لازىم بولىدۇ. يەنى ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قاتتىق دىسكىغا ساقلايدۇ ئەمەسمۇ. RAM دا توك ئۆزۈلگەن ھامان، ھەممە نەرسە يوقايدۇ.
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 2 ئاي ئىلگىرى
Ubuntu نى قاچىلاپ Windows7 دىن ئايرىلىپ قالدىم

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
purset تەرىپىدىن سورالدى 3 ھەپتە ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
aynuri تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
meptun تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
ۋارىس تەرىپىدىن سورالدى 10 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
ataman520 تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى