ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

Ubuntu نى قاچىلاپ Windows7 دىن ئايرىلىپ قالدىم

0 نومۇر
كۆرسەتمىڭىز بويىچە Ubuntu نى مۇۋەپپىقيەتلىك قاچىلىۋالدىم. Ubuntu نى بارماق دېسكىغا ئويۇپ قاچىلىغان ئىدىم، قايسى رايونغا قاچىلاشنى تاللايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىدا دېيىلگىنىدەك قاچىلىماقچى بولغان دېسكا رايونىنى تاللاپ، ئۇنى ext4 ۋە swap قىلىپ ئىككىگە بۆلۈۋالدىم. ئاندىن ext4 قىلىپ بۆلگەن رايوننىڭ يەنە بىر تاللىشى بار ئىكەن،(غول مۇندەرىجە قىلىش-قىلماسلىقنى بېكىتىدىكەنمىز دەپ چۈشەندىم) ئۇنىڭدىن (/) نى تاللىدىم.(/etc,/var,/home دېگەندەك تاللاشلار بار ئىكەن). ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستىدا Device for installing boot loader غۇ دەيمەن ،بىر تۈر بار ئىكەنتۇق، ئۇنى مەن يېتەكلەش رايونىنى نەگە قاچىلاشنى سورايدىكەن دەپ چۈشىنىپ Windows7 قاچىلانغان رايوننى تاللاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش تاماملىنىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام پەقەت Ubuntu لا قوزغىلالىدى.(Windows نىڭ تاللانمىسى چىقتى، لېكىن تاللىسام قوزغىلالمىدى) قارىغاندا Windows7 نىڭ boot manager نى Ubuntu نىڭ grub باسۇرىۋەتكەن ئوخشايدۇ. ھازىرقى سوئالىم: قانداق قىلسام ئىلگىرىكى Windows7 نى نورمال قوزغىلالايدىغان قىلالايمەن؟
meptun تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
meptun تەرىپىدىن 2 ئاي ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن

1 جاۋاب

0 نومۇر
 
ئەڭ ياخشى جاۋاب
Code:
sudo update-grub
بۇيرۇقىنى يۈگۈزۈپ، چىققان ئۇچۇرغا قاراپ بېقىڭ. Windows7 نى تاپالىدىمۇ يوق.
ئەگەر ئۇچۇردا Win7 نى تاپسا، قايتا قوزغۇتۇپ سىناپ بېقىڭ.
ئەگەر ئۇچۇردا Win7 نى تېپىپ، قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن، يەنىلا Win7 بولمىسا، grub نى قايتا قاچىلاڭ.
بۇ يازمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/win7ni-qayta-qachilighandin-kiyin.html

تۆۋەندىكى بۇيرۇقدا root نىڭ ئالدىدىكىسى قوش سىزىق، دېققەن قىلىڭ
grub-install --root-directory=/mnt/ /dev/sda
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 2 ئاي ئىلگىرى
grub نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىستېمىنى قايتا قوزغاتقاندا CD دىسكىدىن قوزغىتىمىزمۇ ياكى قاتتىق دېسكىغا قاچىلانغان ubuntu نى قوزغىتىمىزمۇ؟
CD دىن ياكى، بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇڭ
qbbAF.png
مەن مۇشۇ رەسىمنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تاللاش تۈرىدىن ubuntu قاچىلانغان رايوننى تاللىماي Windows7 قاچىلانغان رايوننى تاللاپتىمەن، بار چاتاقنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدىن چىقىپتۇ.
سىز دېگەندەك قىلساممۇ ئەپلەشمىدى،
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/win7ni-qayta-qachilighandin-kiyin.html
دىكى باسقۇچلار بويىچە قىلىپ
Code:
ubuntu@ubuntu:~#grub>kernel /boot/grub/core.img
غا كەلگەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى. بۇيرۇقنى بەرگەندىن كېيىن بۇ مەشغۇلاتقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىققان ئىدى، خېلى ئۇزۇن ساقلىدىم، ھېچقانداق سادا يوق، ئاخىرى بولماي قايتا قوزغاتتىم. ئۇدا ئىككى قېتىم سىنىساممۇ ئوخشاش. askubuntu دىكى سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلاردىن قارىغاندا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئۇسۇل باردەك قىلىدۇ، يەنى: كومپيۇتېرنى Windows7 نىڭ دېسكىسىدىن قوزغىتىپ ئالدى بىلەن Windows7 نىڭ boot manager نى ئوڭشاش، ئاندىن كېيىن easyBCD دېگەن قورالنىڭ ياردىمىدە ubuntu نىڭ boot loader نى Windows7 نىڭ boot manager سىدىكى تىزىملىككە قوشۇپ قويۇش. ئەپسۇس، مەندە Windows7 نىڭ ئوپتىك دىسكىسى يوق ئىدى. قانداق قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئىككىلا سىستېمىنى قايتا قاچىلىغلى سالارمۇ ئەمدى؟
بۇنى چۈقۇم ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
mbrfix دەپ بىردېتال بار، Windows نىڭ mbr نى ئوڭشايدىغان. سىز، ئۇبۇنتۇدا mbrfix.exe ھۆججىتىنى windows7 نىڭ C دىسكا غول مۇندەرىجىسىگە قويىۋېلىپ، سىستېمىنى Windows7 نىڭ دىسكىسى بىلەن قوزغۇتۇپ، بۇيرۇق رايۇنىغا كىرىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى يازمىدىن پايدىكىنىڭ Windows نىڭ mbr سىنى ئوڭشاپ، windows7 گە ئوڭشلۇق كىرىۋالسىڭىزلا. ubuntu غا grub نى قايتا قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ مىنىڭچە.
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/qattiqdiskidiki-ubuntuni-ochurush.html

ئۇبۇنتۇدا grub نى قايتا قاچىلىغاندا،
Code:
grub-install --root-directory=/mnt/ /dev/sda
Code:
exit
دىن كىيىنكى مەشغۇلاتنى قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
سىز دېگەندەك mbrfix.exe نى ubuntu دا تۇرۇپ windows7 قاچىلانغان دېسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈردۈم، ئاندىن Windows7n نىڭ ئوپتىك دېسكىسىدىن بۇيرۇق رايونىغا كىرىپ
Code:
mbrfix /drive 0 fixmbr /yes
نى كىرگۈزۈپ ئېنتىر ئۇرسام ھېچقانداق ئۇچۇر قايتمىدى، ئوڭشالغان ئوخشايدۇ دەپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام يەنە grub قوزغىلىپ ubuntu نى قوزغىتالىدى، Windows7 نى يەنىلا قوزغىتالمىدى. ھەجەپ بىر ئىش بولدى دېسە...
مەن ماۋۇ سوئالخانىدا رېكورد يارىتىدىغان ئوخشايمەن جۇمۇ سوئال سوراشتا. ئاۋارە قىلىۋېىپ ئۆزەممۇ خېجىل بولۇپ قالدىم...
mbrfix.exe نى غول مۇندەرىجىگە قويغاندىن كىيىن بۇيرۇق كۆزنىكىدىمۇ، C دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كىرىپ قوزغىتىسىز.
Code:
cd C:/
شۇنداق قىلغان بولمىسا...
Code:
dir
بۇيرۇقى بىلەن قاراپ بېقىڭ، MbrFix.exe سىز، كىرگەن مۇندەرىجە ئاستىدا بارمىكىن، بار بولسا ئاندىن:
Code:
mbrfix /drive 0 fixmbr /yes
MbrFix.exe ھۆججىتى Windows7 نىڭ غول مۇندەرىجىسىدە بار. بۇيرۇق كۆزنىكىدە Windows7 قاچىلانغان دىسكا رايونىغا كىرىپ dir بۇيرۇقى بىلەن كۆرسەممۇ بار. بىۋاستە MbrFix دەپ بۇيرۇق بەرسەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چىقىرىپ بەردى. لېكىن
Code:
mbrfix /drive 0 fixmbr /yes
نى بەرگەندىن كېيىن جىملا تۇرىدۇ.
بۇ بۇيرۇق تىزلا، ھىچ قانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەي ئىجرا بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇندا قىلغاندىن كىيىنمۇ، Windows قا كىرگىلى بولمىسا، كەچۈرۈڭ مەن بىلمىدىم.
سىزگە بىرمۇنچە جاۋاب يېزىپ ئازراقمۇ ياردەم قىلالمىغىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
ئۇنداق دېسىڭىز ئىككىنچى سوئالمۇ سورىيالمايدىغان بولۇپ كەتمەي يەنە، ھېلىمۇ خىجىلچىلىقتا ئاران سوراۋاتقان. بەك ئەپلەشمىسە سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىدم، يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 10 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
purset تەرىپىدىن سورالدى 3 ھەپتە ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
meptun تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
+1 نومۇر
1 جاۋاب