ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

闪讯 نى ئۇبۇنتۇدا تورغا ئۇلاشتىن ياردەم

0 نومۇر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
مەن جېجىياڭ ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇيمەن ، بىزنىڭ مەكتەپتە ئادەتتە تورغا چىققاندا تېلگىراف شىركىتىنىڭ 闪讯 دېگەن دېتالىنى قاچىلاپ تورغا چىقىمىز ، بۇ دېتال پەقەت windows سېستىمىسىدا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلدىغان دېتال ئىكەن . ubuntu دا ئىشلىتىدىغان دېتالى يوق ، ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراپمۇ بۇ مەسىلنى ھەل قىلالمىدىم .مۇشۇ جەھەتتە كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن .
dilsiri تەرىپىدىن سورالدى 4 ھەپتە ئىلگىرى تور بىلىملىرى كاتېگورىيىسىدە

1 جاۋاب

0 نومۇر
ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان قورالى ئوخشىمىغاچقا بىر نەرسە دېيەلمىدىم، توردىن ئاختۇرۇپ باقاي دېسەم، ئىشىنىمەن سىز مەندىن جىق ئاقتۇرۇپ بولدىڭىز.

مەن ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە، windows دا 锐婕 ئارقىلىق تورغا چىقاتتۇق. ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئىككى ئايدىن كىيىن كومپيۇتېر سېتىۋالدىم-دە، چوڭلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە لىنۇكس قاچىلاپ ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلدىم. لىنۇكسنىڭ نۇرغۇن نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ سىناپ باقتىم، ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئۇبۇنتۇدا توختاتتىم.

مەنمۇ ئۇبۇنتۇ قاچىلاپ بىرىنچى ئۇچۇرغان مەسىلە تورغا ئۇلاش بولدى. مەكتەپنىڭ قورالى ئۇبۇنتۇدا ئىشلىمىگەچكە، پۇل خەجلەپ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ تورىنى تارتتۇرۇپ بىر مەزگىل ADSL ئارقىلىق تورغا چىقتىم. بىراق ھەقسىز مەكتەپ تورىنى ئىشلەتمەي پۇل خەجلەپ تورغا چىقىش ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن، مەكتىپىدىكى لىنۇكس ئىشلىتىدىغانلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ھەم بىر قانچە خېلى ئۇستىلار بىلەن تونۇشتۇم، شۇلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇلاردىن بىرى ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن mentohust بىلەن تورغا چىقتىم.

بۇ ئىشىممۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، كىيىن مەكتەپ نومۇرۇمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇپ، تورغا بىر ئاي چىقالمىدىم. كېيىنچە، مەكتەپ لىنۇكس گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپ بويىچە لىنۇكس ئىشلىتىدىغانلارنى ئايرىم تىزىملاپ ip رىمىزنى مۇقىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ بويىچە لىنۇكسدا تورغا چىقىش مەسىلىمىز تۈپتىن ھەل بولغان. ھازىر ئالىي مەكتەپتىكى شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئازراق كۈلگۈم كېلىدۇ.

مەكتىپىڭىزدەك ياخشى مەكتەپلەر ئۈچۈن بۇ ھېچ گەپ ئەمەس. مەن ماڭغان يولنى مەكتىپىڭدە بىر مېڭىپ باقامسىز يا، كېيىنكىلەرگىمۇ پايدىسى تېگىدۇ ئەمەسمۇ. :)
جىق گەپ قىلىپ قويدۇم...
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 3 ھەپتە ئىلگىرى

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
kbjys تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى تور بىلىملىرى كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
1 جاۋاب
meptun تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب