ھازىر Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 11.04. سىز Ubuntu نى بىرىنچى قېتىم قاچىلاپ سىناپ باقماقچى بولغاچقا، مەن يەنىلا سىزگە 10.10 نۇسخىسىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. چۈنكى 11.04 كە يېڭىدىن Unity ئارايۈزى ئىشلىتىلگەچكە Bug بىر قەدەر كۆپ، ھەمدە كوپچىلىكنى Ubuntu غا ئەڭ قىزىقتۇرىۋاتقان ئالاھىدە ئۈنىمىنى ئاچاي دىسىڭىز، Unity بىلەن ئالاھىدە ئۈنۈمنى ئېچىشا ئىشلىتىلدىغان دېتال Compiz ئوتتۇرىسىدا ئازراق تۇقىنىش بار، بۇلارنى Ubuntu نى تۇنجى ئىشلىتىشىڭىزدە ھەل قىلىپ كىلەشىڭىز ناتايىن.
Ubuntu نى چۈشۈرۈش ئۈچۈن Ugubuntu نىڭ چۈشۈرۈش بېتىگە مەرھمەت.