لىناكىس ۋە لىناكىس ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

لىناكىس ۋە لىناكس ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىېستىمىس توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

لىناكىس(Linux) سىستىمىسى بولسا يۇنىكس تىپىدىكى كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى ئائىلىسىگە تەۋە بولوپ ھازىرقى ھەقسىز يۇمشاق دېتال ۋە ئوچۇق مەنبە كودلۇق يۇمشاق دىېتالنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ مەنبە كودى ھەممەيلەنگە ئىچىۋىتىلگەن بولوپ ھەر بىر ئابونت خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ،ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە تارقىتالايدۇ.

لىنۇكس(Linux) تىلغان ئىلىنسا ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان فىلاندىيەلىك لىناس تورۋالدس (Linus Torvalds) تىلغا ئىلىندىغان بولۇپ، 1991 -يىلى ئەينى ۋاقتتا خىلىسنكى ئۇنۋىرىستىدا (niversity of Helsinki) ئوقۇۋاتقان لىناس تورۋالدىس مەشغۇلات سىستىمىسغا قىزىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقتتا زامانىۋىي مەشغۇلات سىستىمىسنى ھەركەتلەندۇرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىنتل 80386 مەركىزى بىر تەرەپ قىلىغۇچ (CPU) ئورنىتىلغان 32 بىتلىق PC/AT شەخىسلەر كومپويتىرى مەيدانغا كەلگەن . لىناس تورۋالدىس بۇنى ئىشلىتىپ يۇنىكىس(Unix) مەشغۇلات سىستىمىسنى ئ‍شىلىتىپ سىناپ كۆرمەكچى بولىدۇ، بىراق سودا خارەكتىردىكى يۇنىكىس قىممەت بولۇپ، يۇنىكىسنى تەقلىد قىلغان مىنىكىس مائارىپتا ئىشىلىتىدىغانلىقى ئ‍ۈچۈن كۆپلىگەن ئىقتىدارى كەمەيتىلۋىتىلگەن ياكى مائارىپتا ئىشلىتىلىشكىلا رۇخسەت قىلىنغانلىلىقتەك مەسىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن، لىناس تورۋالدىسنىڭ مەقسىتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختايدۇ
بۇنىڭ بىلەن لىناس تورۋالىدىس ئۆزىنىڭ بۇرۇن ياساپ قويغان تېرمىنالنى ئۆزگەرتىپ ، ھۆججەت سىستمىسىنى يۇنىكىس بىلەن ئۆزلىشەلەيدىغان مەشغۇلات سىستىمىسنى ياساپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ئاخىردا لىناكىس سىستىمىسغا تەرەققىي قىلىدۇ.
لىناس تورۋالدىس لىناكىس يادىروسىنى ئچىىشنى مىنىكىس ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بولۇپ، لىناكىسنىڭ پىشىپ يىتىلىشىغا ئەگەشىپ ئىچىش ئىشلىرى بىۋاستە لىناكىس ئۈستىدە ئىلىپ بىرىلدىغان بولىدۇ. پۈتكۈل مىنىكىسنىڭ پۈتكۈل قىسمى ج ن يۇ نىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلدۇ، ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولدىغان ج ن يۇ پىروجەكتىنىڭ كودىلىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيتى تىخى تەرەققىيات باسقۇچىدا تورغان لىناكىس ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولىدۇ. لىناس تورۋالدىس ئۆزىنىڭ سودا خاراكتىردىكى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ئىجازەتنامىسىنى GNU GPL غا ئالماشتۇرۇرىدۇ.

لىناكىس يادىروسىنىڭ ئىچىلىشى تارىخى:
1991-يىلى 0.01 نەشىرى،كود قۇر سانى 10،000 ئەتىراپىدا
1992-يىلى 0.96 نەشىرى،كود قۇر سانى 40،000 ئەتىراپىدا
1994-يىلى 1.0.0 نەشىرى,كود قۇر سانى 176،250 ئەتىراپىدا
1995-يىلى 1.2.0 نەشىرى،كود قۇر سانى 310،950 ئەتىرپىدا
1996-يىلى 2.0.0 نەشىرى
1997-يىلى 2.1.0 نەشىرى،كود قۇر سانى 800،000 ئەتىراپىدا
1999-يىلى 2.2.0 نەشىرى،كود قۇر سانى 1،800،847
2001-يىلى 2.4.0 نەشىرى،كود قۇر سانى 3،377،902
2003-يىلى 2.6.0 نەشىرى،كود قۇر سانى 5،929،913
2008-يىلى 2.6.x نەشىرى،كود قۇر سانى 10،000،000 ئەتىراپىدا
2011-يىلى 3.0 نەشىرى
2012-يىلى 3.x نەشىرى ، كود قۇر سانى 15،000،000

لىناكىس ئائىلىسىگە تەۋە بولغان مەشغۇلات سىسىتىمىلىرى:
لىناكىسنىڭ يادىرو قىسمىدا، ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئىقتىداردىن باشقىسى بولمايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قولاي بولۇشى ئۈچۈن لازىملىق بولغان يۇمتالارنىڭ يىغىدىسى ، قاچىلغۇچ، ئۆزىگە خاس بولغان قورال يۇمتاللارنى قوشۇپ تارقاتقان مەشغۇلات سىستىمىسى تارقىتىلغان نۇسىخىسى دەپ ئاتىلدىغان بولۇپ، ئادەتتە لىناكىس قاچىلاش بولسا مۇشۇ خىلىدىكى تارقىتىلغان نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ.
لىناكىسنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە قايتا تارقىتىلىشى ئەركىن بولۇپ،ھەرخلى گۇرۇپلار، شىركەتلەر ياكى شەخىسلەر ئۆز ئالدىغا تارقاتسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن لىناكىسنىڭ تارقىتىلغان كۆپلىگەن نۇسخىلىرى بار.شۇنداق بولسىمۇ ، لىناكسىنىڭ تارقىتىلشى سىز ئويلىغاندەك قالايمىقان ئەمەس.
تۆۋەندە لىناكسىنىڭ ئاساسلىق تارقىتىلغان نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

Linux

چوڭ جەھەتتىن Debian ، Slackware،RedHat
Debian بولسا پىدائىيلار تەرپىدىن ئىچىلۋاتقان نۇسخىسى بولۇپ، Debian نىڭ نىزامنامىسدا ئ‍شىلەتكۈچىلەر بىلەن ھەقسىز يۇمتالنى مۇھىم قىلىشنى ۋەدە قىلىغان بولۇپ، .Debian تىپىدىكى ئەڭ كۆپ تارقالغان نۇسخسى ئۇبۇنتۇ Ubuntu, Ubuntu دىنمۇ كۆپلىگەن تارماق نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى.

Slackware تىپىدىكى نۇسخسىى بولسا تارىخى ئۇزۇن بولغان نۇسىخىسى بولۇپ، لىناكىسنى تىخمۇ چۈشۈنۈپ باقىسى بارلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

Red Hat Linux تىپىدىكى لىناكىس
Red Hatدىگەن شىركەت تەرپىدىن ئىچىلىپ تەمىنلەنگەن نۇسىخىسى بولۇپRedHat لىناكىس ئاساسلىقى كارخانلارغا قارىتا ئىشلەپ چىىقىرىلغان بولۇپ ھەقلىق ، بۇنىڭ ھەقسىز نۇسخىسى بولسا CentOS دىگەن نامدا تارقىتىلغان نۇسخىسى . بۇلارنىڭ ھەر ئىككلىسى كارخانلارنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىدا كۆپ ئىشلتىدىغان بولۇپ، بىرسى ھەقىلىق ، بىرسى ھەقسى.
Fedora بولسا RedHat شىركىتى قوللىغان گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىچىلۋاتقان نۇسخىسى، Fedoraبولسا شەخىسلەرگە قارتا ئىشلەپ چىقىرىغان بولۇپ، RedHat نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرنى سىناش سۇپىسى دىسەكمۇ بولىدۇ.


"لىناكىس ۋە لىناكىس ئائىلىسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە " غا 4 ئىنكاسلار


قالدۇردىغان سۆز بارمۇ؟

بىرقىسم html بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ