ھازىرقى ئورنىڭىز > باش بەت > Bakhtiyar مەزكۇر ئاپتورنىڭ ئېنىقلانغان بارلىق يازمىسى
ئېلان قىلىنغىلى63 كۈن بولدى / / 89 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 876+
ئەسسالام ئەلەيكۇم، بىلوگنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى: بۈگۈن بىلوگنى ئېچىپ ئىچىم بەك سىيرىلىپ كەتتى. شۇنچە جىق ئىنكاسلارنى، سوئالخانىدا جاۋابسىز قالغان غېرىب سوئاللارنى كۆرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا بىلوگنى يازمىساممۇ بولۇپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنى چوڭ كۆرۈپ سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغىنىم مىنىڭ مەسسۇليەتسىزلىگىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزۈمنىڭ بەش ئايدەك ۋاقىتتا نېمىشقا غايىب بولۇپ كەتكىنىمنى چۈشەندۈرگۈم كېلىپ قالدى. ئالىي مەك......
ئېلان قىلىنغىلى225 كۈن بولدى / / 9 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,161+
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنى  ئابدۇقادېر ئابلىز (Sahran) ئەپەندىم، غەيرەت ئەپەندىم ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەرجىمە قىلىپ تاماملاپتۇ. غەيرەت ئەپەندىمنىڭ دېگىنى بويچە بۇ قوللانمىنى ئالدى بىلەن بىلوگقا چىقىرىپ، ئىشتىياجى بارللارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم. ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخسى: https://help.ubuntu.com/12.04/ubuntu-help/index.html ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى: https://www.uyghurix.net/ugubuntu/ug/index.html
ئېلان قىلىنغىلى236 كۈن بولدى / / 60 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,413+
Ubuntu نى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن JAVA مۇھىتى سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلانمايدۇ. ئەگەر سىستېمىغا JAVA مۇھىتى ھازىرلىمىساق JAVA ئۈستىگە قورۇلغان دېتاللارنى ئىشلىتەلمەيمىز. مەسىلەن پروگراممىرلار جىق ئىشلىتىدىغان IDE eclipse. يەنە تېخى جاھاننامىدە JAVA ئۈستىگە قورۇلغان كىچىك App لەرنىمۇ ئىشلىتەلمەيمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا JAVA پروگراممىلىرى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. Ubuntu 10.10 دىن بۇرۇن SUN JDK ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدە تەمىنلىنەتتى. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئاسانلا قاچىلاپ ئىشلىتەت......
(Ubuntu 12.04 Server (LTS بولسا Ubuntu نىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسى. قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا Linux مۇلازىمېتىرىغا ھاجىتى چۈشىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە شۇنداقلا Ubuntu ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرىدىغان بېكەت بىلوگلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرچە Linux مۇلازىمېتىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بېكەت بىلوگلارنىڭ ئاز بۆلىشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا پايدىسى بولۇپ قالار دەپ، بىلوگقا ئاساسلىق Ubuntu مۇلازىمېتىرى ھەققىدىكى يازمىلارنى يېزىپ قويغىلى «لىنۇكس مۇلازىمېتىرى» دېگەن كاتېگورىيىنى قوشت......
ئېلان قىلىنغىلى264 كۈن بولدى / / 78 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,712+
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ ھەقىقىي نەشرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى 2 يىلدا بىر تارقىتىلىدىغان LTS يەنى ئۇزاق مۇددەتلىك نەشرى بولۇپ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى 12.04 دىن باشلاپ، LTS نىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخىسى ئوخشاشلا ئورگاننىڭ بەش يىللىق تېخنىكىلىق (يېڭىلاش، كود قوغداش) قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىدىن ياكى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىن ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپالايسىلەر. ئۇبۇنتۇ 12.04 نى ......
ئېلان قىلىنغىلى276 كۈن بولدى / / 64 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,989+
Packages نى خەنزۇچە 软件包 دەپ ئاتايمىز. ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «يۇمشاق دېتال بوغچىسى» دەپ ئېلىنىپتۇ. مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىدە «بولاق» يەنى «deb بولىقى» دېگەندەك ئېلىۋېتىپتىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتەي. كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى تېرمىنالدا apt/dpkg قورالى ئارقىلىق بوغچا قاچىلايمىز. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى apt قورالىدىن پايدىلىنىپ بوغچا ئىزدەيمىز، ھەم ئۆزىمىزگە لازىملىقى بوغچىنى تاللايمىز، بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمى......
ئېلان قىلىنغىلى306 كۈن بولدى / / 72 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,254+
YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنىڭ لىنۇكس نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، چۈنكى YOZO Office (永中) 2010 نى ئۇبۇنتۇدا ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا تولا قېتىۋالىدىغان، خەت نۇسخىسىنى چۇقۇق YOZO Office قا ئايرىم قوشۇپ ئاندىن ئىشلىتىدىغان (سىستېمىغا قاچىلىغان خەت نۇسخىسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتەلمەيتتى) ئەھۋال بار ئىدى. ئىشلەتمەي دېسەم Microsoft Office بىلەن سىغىشچانلىقى بەك ياخشى ئىدى. ئۇبۇنتۇدا بىر مەزگىل OpenOffice ياكى LibraOffice ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ. گ......
نەچچە ۋاقىتتىن بىلوگقا قارايدىغان پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىغان، ھازىر كۈندە ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگقا بىرنەرسە يازغاچ، ئىنكاسلارغا جاۋاب يېزىۋاتىمەن. شۇڭا ئىنكاسى جاۋابسىز قالغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەتئىي ئاغرىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈن سوئالخانىدىكى جاۋابسىز سوئاللارنى ئارىلاۋېتىپ، ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشتا سورالغان بىرنەچچە سوئالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھەم بەزلەرنىڭ سىستېمىنى ئىنگلىزچە قىلىپ قاچىلاپ، كىيىن خەنچە قىلاي دېسە قىلالمىغانلىقىنى ......
ئېلان قىلىنغىلى316 كۈن بولدى / / 68 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,447+
بىلوگ يېزىپ بىر يەلەرگە كەلگەندە مىنى نېمە بۇنداق يازما يېزىپ يۈرگەندۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، چۈنكى ئېلخېتىمگە كەلگەن سوئاللارنىڭ كۆپنچىسى يەنىلە شۇ ئۇبۇنتۇنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن، تۈنجى ئىشلىتىپ قەيەردىن قول سېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن چىققان سوئاللا بولغاچقا ‹‹كومپيۇتېر ئېلمىي ژورنىلى›› دىكى ئىككى يازمنى باشقىدىن رەتلەپ ئۇبۇنتۇنى تۇنجى ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن سۇندۇم. ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) دېگەن نېمە؟ ئۇبۇنتۇ قوللانمىسى 1-2
ئېلان قىلىنغىلى317 كۈن بولدى / / 84 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,110+
مۇشۇ ئايىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇبۇنتۇ 12.04 Beta1 ئېلان قىلىندى. بىلىشىمچە بۇ قېتىملىق نەشرىدە يېڭىلىقلار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق چوقۇم ئىشلىتىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.  ھەمدە بۇ قېتىملىق نەشرى ئۇبۇنتۇ 10.04 كە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك(LTS) نەشرى يەنى ئادەتتە 2 يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان، ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى 3 يىللىق، مۇلازىمېتىر نۇسخىسى 5 يىللىق ئورگان تېخنىكىلىق قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان نەشرى. ئۇبۇنتۇ 12.04 سىناق/ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: 2012-يىلى......
تاقاش×