ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىن ساۋات
ئېلان قىلىنغىلى520 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 30 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,130+

لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسى دېگىنىم، لىنۇكسدىكى ھۆججەت خاسلىقى. لىنۇكسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەنلەر، ھەرقانداق لىنۇكس سىستېمىسىنىڭ ھۆججەت ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى تەپسىلىي ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن ئۇبۇنتۇدا نېمىشقا ئادەتتىكى قوللانچى ھالىتىدە سىستېمىغا كىرىپ دېتال قاچىلىغاندا بۇيرۇق ئالدىغا sudo نى قوشىمىز. چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنى ھوقۇقى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز بۇيرۇقنى دەرىجىدىن تاشقىرى قوللانچى root ھالىتىدە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز. قېنى مەن تۆۋەندە لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

مەن ئۇبۇنتۇغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچى root ھالىتىدە كىرىپ تېرمىنالغا ‘ls -al’ بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسام، تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ خاسلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھۆججەت ئىسمى ئالدىغا ‹‹.›› قويۇلسا بۇ ھۆججەت يوشۇرۇلىدۇ).

قېنى بىز بۇ يەردىن bashrc. ھۆججىتىگە دىققەت قىلايلى. ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ، يەنى بۇ ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنىڭ بۈلدۈردىغان مەنىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن كىيىن لىنۇكسدا ھۆججەت خاسلىقىنى كۆرگەندە قىينالمايسىلەر؟ بۇ يەردە ئىستىرىلكىدا مەن بەلگە قىلغان، ‹ھوقۇق›، ‹ھۆججەت ئىگىدارى›، ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› دېگەنگە بەكىراق دىققەت قىلىڭلار.

ئەمدى مەن ھەقىقىي تونۇشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسىغا كېلەيلى. ‹ھوقۇق› دېگەن يەردە جەمئىي 10 ئورۇن بار، سولدىن باشلاپ بىرىنچىسى شۇ ھۆججەتنىڭ تىپىنى كۆرسىتىدۇ. قالغانلىرىنى ئۈچتىن بىر گۇرۇپپىلىساق، سول تەرەپ ئەڭ بېشىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت ئىگىدارى› نىڭ ھوقۇقىنى، ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› نىڭ ھوقۇقىنى، ئەڭ كەينىدىكى ئۈچى ‹باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى› كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق ھەر بىر ھېرىپ يەنە نېمىلەرنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى رەسىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭلار.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، بۇ يەردىكى ئوقۇش ”r“ نىڭ قىممىتى 4، يېزىش ”w“ نىڭ قىممىتى 2، ئىجرا قىلىش ”x“ نىڭ قىممىتى 1. دېمەك بايىقى ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىنى 755 دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ”rwxr-xr-x- “ مۇنداق بولىدۇ.

ئەگەر ئادەتتىكى بىر ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى “ rwxr-xr-x-“ بۇنداق بولسا، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىگىدارى بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، بۇ ھۆججەتكە يازالايدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىجرا قىلالايدۇ. بۇ ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ. باشقىلار بولسا بۇ ھۆججەتنى ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ.

بىز bashrc. ھۆججىتىنىڭ ‹ھۆججەت تىپى› ئورنىغا قارىساق قۇرۇق، بۇ bashrc. ھۆججىتىنىڭ ئادەتتىكى ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆججەت تىپىنى بىلدۈرىدىغان ھەرپلەر ۋە مەنىسى تۆۋەندىكىدەك.

  • ‘d’ مۇندەرىجىنى (ئەڭ ئۈستۈنكى رەسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدا بەلگە قىلغان ھۆججەت ئەمەلىيەتتە بىر مۇندەرىجە)
  • ‘l’ ئۇلانما ھۆججىتى (Linkfile)
  • ‘b’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئۇلاش ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (接口设备)
  • ‘c’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (端口设备)، مەسىلەن، كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس…

ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار: chmod، chown، chgrep. بۇ بۇيرۇقلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزۈڭلار ئاقتۇرۇپ ئىزدىنىپ كۆرۈڭلار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 30 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 5 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 22

  1. ئەلتىكىن : 2011-يىل 21-ئىيۇل22:27 جاۋاب

    يۇقاپلا كەتتىڭزغۇ ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-ئىيۇل14:05 جاۋاب

      مەن با، ھى..ھى.. كۈندۈزى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىرىتتا، كەچتە ئۆيگە سەل كەچ قايتىۋاتىمەن. بەك ئالداش بولۇپ كەتتىم. سالامەت بولۇڭ :mrgreen:

  2. مۇخلىس : 2011-يىل 23-ئىيۇل00:45 جاۋاب

    نىمىنداق مۇرەككەپ بۇ !!! :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 23-ئىيۇل14:11 جاۋاب

      لىنۇكس ئالاھىدە ھوقۇقلىرىنى تېخى تۇنۇشتۇرمىدىم. كىشى بۇلارنى چۈشىنىۋالسا لىنۇكسنىڭ نىمىشقا مۇلازىمېتىغا شۇنچە مۇۋاپىق كىلىدىغانلىقىنى، نىمىشقا بۇنچىلىك بىخەتەرلىكىنى ئاندىن ھىس قىلالايدۇ. :mrgreen: لىنۇكس فەچەت ھە….

  3. ئوسمانجان : 2011-يىل 14-ئاۋغۇست20:43 جاۋاب

    مەلۇم بىرمۇندىجىدىكى بۇيرۇق بەرسەك مەسىلەن : chmod 777 *

    ئۇنداقتا مۇشۇ مۇندەرجىدىكى بالا مۇندىرجىلەرنىڭ ئىچىگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇيرۇق بەرمەكچى بولساق قالداق قىلساق بولىدۇ.
    رەھمەت جاپا چەكتىڭىز .

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 14-ئاۋغۇست20:48 جاۋاب

      chmod -R 755 /munderije مۇشۇنداق R- قوشسىڭىز، ھوقۇق، مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلرنىڭمۇ تەڭ ئۆزگىرىدۇ

  4. ئوسمانجان : 2011-يىل 14-ئاۋغۇست20:44 جاۋاب

    مۇشۇ مۇندەرىجە بىلەن قۇشۇپ بالا مۇندىرجىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرگە بىرلا بۇيرۇق بىلەن ھوقۇق بەرمەكچى .

  5. ئەنقەر : 2011-يىل 28-ئۆكتەبىر14:48 جاۋاب

    ياخشى تېمىكەن، ئۇبۇنتۇغا يۇمشاق دېتال قاچىلاشنىڭ تەسىلىكىدە

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×