ھازىرقى ئورنىڭىز > باش بەت > بېكەت ھەققىدە


بېكەت نامى ugubuntu بولسا ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى بولۇپ، كەڭ لىنۇكس ھەۋەسكارلىرىغا ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى تۇنۇشتۇرۇش، ئۇبۇنتۇ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ. بۇ بېكەت سەبۇرى ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان بولۇپ، مەن بۇرۇنقى سەبۇرى ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىBakhtiyar.

تۆۋەندىكىسى بېكەت تۇغى. ئىتىپاقداشلار ، ئۇلىنىش قىلىشتا لازىم بولسا ئىشلىتەرسىلەر.

ugubuntu غا كونا بەتتىكى يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى يۆتكەپ كېلىندى، ھەم بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق يېڭىلىدۇ. كونا يېڭى دوستلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. wordpress كە كۆچۈش داۋامىدا يېقىندىن قوللىغان، ياردەم قىلغان سەبۇرى بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەردانغا، دوستۇم كاروغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بېكەتنى ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا لىنۇكس سىستېمىلىرىدا Firefox ئارقىلىق فونت قاچىلىمايمۇ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇبۇنتۇدا باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتكۈچىلەر بولسا سىستېمىغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. ئەلپىدا يۇنىكود فونتىنى تۆۋەندىكى چۈشۈرۈشنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ. ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ئۈچۈن بېكەت ئەسىرى: ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلاشنى كۆرۈپ چىقىڭ ياكى چۈشۈرۈش بېتىدىن ug-ttf-fonts.deb نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

تېخمۇ كۆپ ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش مەقسىتىدە ugubuntu نامىدىكى QQ توپى . QQ توپى نومۇرى: 148791813

ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ يىلنامىسى

2010-يىلى 1-ئايدا سەبۇرى ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسى نامىدا pjBlog قۇرۇلدى.

2011-يىلى 3-ئايدا سەبۇرى ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسىدىكى يازمىلار يۆتكەپ كىلىنىپ ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ نامىدا WordPress بىلوگى قورۇلدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆرۈلگىنى 5,490+

ھازىرغىچە 85 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 21 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 12 پارچە. دەلىللەنگىنى: 52

  1. karo : 2011-يىل 5-مارت23:55 جاۋاب

    ئاخىرى wordpress كە كۈچۈۋالدىڭ ئاداش، مۇبارەك بولسۇن. ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ بەرگنىڭگە ساڭىمۇ رەخمەت ئاداش. ئاشۇ ئاپپاق قوللىرىڭدىن گۈل ئۈنسۇن. داۋاملىق ئالغا قاراپ ھۇررا ئاداش

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 9-مارت01:30 جاۋاب

      نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن. ساڭىمۇ رەھمەت. :lol:

  2. سەبۇرى : 2011-يىل 8-مارت09:55 جاۋاب

    بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىز داۋاملىق ئىلگىرى باسقۇسى!

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 9-مارت01:31 جاۋاب

      رەھمەت. ئاللاھ تىنىڭىزنى ئامان قىلسۇن.

  3. ERA : 2011-يىل 10-مارت14:50 جاۋاب

    ئاداش LOGO نى ئاجايىپ چىرايلىك ئىشلەپسە ھە……

  4. كارو : 2011-يىل 11-مارت04:34 جاۋاب

    لوگو چىرايلىق ئىشلەپسەن ئاداش، ئەمدى ئۈچۈرمە

  5. تورباجىن : 2011-يىل 13-مارت06:16 جاۋاب

    بەك ياخشى بوپتۇ .لىكىن خەت ئارىسىغا كاتەكچە چېقىۋىلىش ھادىسىنى نىمىشقا تۈپ يىلتىزىدىن يۇقاتقىلى بولمايدۇ.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-مارت06:24 جاۋاب

      سىز قەيەردىكى كاتەكچە چىقۋېلىشنى دەيسىز؟ :mrgreen:

  6. زىيارەتچى : 2011-يىل 15-مارت00:58 جاۋاب

    ناھايتى ياخشى قىلىپسىز، ئىشلىرىڭىز بۇندىن كىيىن تېخىمۇ روناق تاپقاي. ئاللا قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 15-مارت01:39 جاۋاب

      مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. :mrgreen: :mrgreen:

  7. ئەرتىل : 2011-يىل 15-مارت06:35 جاۋاب

    ياخشى باشلىنىش ،ئىشلىرىڭىز راۋان بولسۇن!

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 15-مارت12:53 جاۋاب

      رەخمەت سىزگە، مەنمۇ تىرىشىمەن.

  8. تورباجىن : 2011-يىل 20-مارت12:46 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ قاچىلىنىش ۋاقتى شۇنداق ئۇزۇنمۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 20-مارت17:07 جاۋاب

      قاچىلاش جەريانىدا مانچە% بولغاندە ئۇزۇنغىچە قېتىپ، سۈرەت ئاستا بولسا ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى Skip نى بېسىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ. قاچىلاش ۋاقتى XP دىن قىسقىراق.

  9. yaseen : 2011-يىل 22-مارت17:46 جاۋاب

    ناھايىتى ياخشى ئش قپسەن ئاداش، لىكىن ھازىرغىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ بۇنى ….
    مەن ئالدىنقى يىلى سىنىڭ تەۋسىيەڭ بىلەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغان ،بەك ياخشى ئىكەن ، بىراق بىزنىڭ مەكتەپ 客户端تەمىنلەپ بەرگىلى ئۇنىمىغان ….

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-مارت18:27 جاۋاب

      رەخمەت، ئاداش. سەن مەكتەپتە قايسى ئابونت ئىشلىتىپ تورغا چىقىسە؟

      • yaseen : 2011-يىل 23-مارت10:01 جاۋاب

        مەن 锐捷 دە چىقىمەن ، بىراق ، بىزنىڭ مەكتەپ ئۇنى windows دىن باشقا سىستىمىدا ئىشلىتىشنى چەكلەيدىكەن ….

        • Bakhtiyar : 2011-يىل 23-مارت10:20 جاۋاب

          IP رىڭ مۇقىم IP مۇ ياكى ھەر قېتىم تورغا ئۇلىغاندا ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟ ئەگەر مۇقىم بولسا مەندە ئامال بار :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

          • ياسىنجان : 2011-يىل 23-مارت11:32

            IPمۇقۇم، مەن ئالدىنقى قېتىم سنىغاندا ، 锐捷دە ئۇلاش پۈتەي دەپ قالغاندا تور ئۈزلۈپ كەتتى ، كىيىن ئۇقسام مەكتەپ تور ئشخانىسىدىن مىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ ، مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەم ، ئۇلار لىنۇكۇس قا 客户端 تەمىنلىمەيمىز دەيدۇ ….. :???:

  10. ياسىنجان : 2011-يىل 23-مارت12:55 جاۋاب

    بولمىسا دەھشەت ئشلەتكۈم بار ئىدى ……

  11. شاھ ئۇيغۇر : 2011-يىل 24-مارت00:29 جاۋاب

    كوررېكتورلۇق ئۈگىنىپ ئۇيغۇرچە خەت كۆرسەملا خاتا خەت ئىزدەش كەسپى كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ماڭا….. :razz: تەۋسىيىلىك سەھىپەنىڭ ئاستىدىكى ئاساسى ساۋات دېگەن خەت ئاسى ساۋات دەپ يېزىلىپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىۋالغايسىز :grin:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 24-مارت00:53 جاۋاب

      رەخمەت جۇمۇ :oops: :oops: ،مەنمۇ بايقىماپتىمەن. مەن سەبۇرى ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسىنىڭ pjblog دىن يېقىندا wordpress كە كۆچتۇم. شۇڭا بىلمەي قالغان ئوخشايسىز. بىراق مەن شاھ بىلوگىنىڭ ياخشى كۆرۈرمەنى جۇمۇ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:
      قەدىمىڭىزگە مەرھابا!!!

  12. غەيرەت : 2011-يىل 2-ئاپرېل11:27 جاۋاب

    سالام bakhtiyar ئەپەندى،
    تولىمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز. مەزكۇر بەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشىغا تىلەكداشمەن. توختاپ قالمىغاي.
    ULY ۋە USY دىكىنىمۇ كۆردۈم، ياخشى بولۇپتۇ.
    بىر تەكلىپىم ULY ۋە USY لاردا كۆرسەتكەندە مۇمكىن بولسا، ھەر قايسى بەتنىڭ ئۇستىدىكى
    béket heqqide
    söz qaldurung
    alaqilishing
    terjime
    chüshürüsh
    ulinishlar
    لارنىڭ باش ھەرپىنى چوڭ قىلىپ قويسىڭىز. يەنە ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئاتىنىڭ باش ھەرپى ياكى ھەممىسىنى چوڭ قىلىپ قويسىڭىز. ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنىمۇ شۇنداق قىلىپ قويسىڭىز بەت تېخىمۇ، ULY ۋە USY دىكىسى تېخىمۇ كۆركەم بولغۇدەك.(بۇلارنى مېنىڭچە ئۇسلۇب ھۆججىتىدە تەڭشەشكە بولىدۇ).

  13. دولقۇن731 : 2011-يىل 3-ئاپرېل12:41 جاۋاب

    بېكىتىڭىز مەن ۋە بىرقانچە ئەگەشكۈچىلىرىمنىڭ كۈندىلىك مەنزىلى بۇلۇپ قالدى.؛ بېكىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن. سېستىمىنى بەك ياخشى تەڭشىۋېتىپسىز كۆزۈمنى قىزارتىپ.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 3-ئاپرېل22:10 جاۋاب

      سىلەردەك قوللىغۇچىلار بولمىسا بېكەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنى بولاتتىمۇ، :mrgreen: :mrgreen:
      خۇدايىم بۇيرىسا بېكەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن :smile: :smile:

  14. نۇرئەخمەت : 2011-يىل 29-ئاپرېل18:48 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش،سېنى نەگە كەتتىكىن دېسەم ئەسلى بۇ يەردە تور بېكەت ياساپ يۈرۈپسەندە،تور بېتىڭگە تۇنجى قېتىم كىلىشىم،ھەقىقەتەن كىچىكىپ خەۋەر تېپىپتىمەن،ھەقىقەتەن ئېسىل ياسىۋېتىپسەن،مەن بۇ سەھرادا تېلفۇنۇمنىمۇ ئوغرىغا بىرىپ قويۇپ،ھېچقايسىڭلار ىلەن ئالاقىلشالمايۋاتىمەن

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئاپرېل18:59 جاۋاب

      كۆپتۈرۈپ ماختىغىنىڭغا رەخمەت ئاداش.. :mrgreen: ، ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، ئۆزەڭنى ئاسرا جۇمۇ.. :grin:

  15. تايلاق : 2011-يىل 13-نويابىر17:26 جاۋاب

    مەن 3 كۈن بولدى ئوبۇنتۇ 11.10نى تورغا ئۇلىيالمىدىم دەرىسلىكتىكىدەك قىلغان بوساممۇ مەغلۇپ بولدۇم.

    • نۇرنىجات : 2012-يىل 3-ماي23:18 جاۋاب

      ئەمىسە تورغا قانداق چىققانسىز؟ھەم ئىنكاس يېزىپ… :!: :!: :!:

  16. نۇرنىجات : 2012-يىل 3-ماي23:20 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ دا سىنائەپ بوشلۇقىنى باشقۇرغىلى بولامدۇ؟

  17. ئابدۇلقۇددۇس : 2012-يىل 10-ئىيۇن20:08 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    كۆپتىن-كۆپ ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشم!
    تور ئارىلاۋېتىپ بۇ قىممەتلىك تور ئۇچۇرىنى كۆرۈپ خېلە تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇيغۇر تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زېرىكمەي-تېرىكلمەي تۆھپە قوشىۋاتقانلىغىڭىزنى ھېس قىلىپ ئالەمچە سۆيۈندۈم.جەنابى ئاللاھ بۇ قىممەتلىك ئىشىڭىزنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ھەسسىلەپ بەرگەي، ئامىن!
    مەن ھازىرغىچە 15 يىل بوپتۇ، سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنياۋىي تىل بولالايدىغانلىغىدىن ئىبارەت ئىلمىي تارىخىي ھەقىقەتنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايمەن، دەپ ئىزدىنىپ بۇ ياقا يۇرت تۈركىيەدە ئىزدىنىش -كىتاپ يېزىش بىلەن بولغىلى. سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشىڭىز مېنىڭ غايىۋىي ئارمانىمغا پولاتتەك دەلىل بولۇپ ، ئالەمچە سۆيۈندۇردى….!!! ھۇررا !!! ئېزىز قېرىندىشىم.! ( مونۇ تور بېتىمنى پۈتمىسىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ ، https://www.dunyatili.com
    بەزى جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلىدىن پۈتمەيۋاتىدۇ…..(
    ئەمدىكى سۆزۈم، مېنىڭ كومپيوتېرىمدا ۋىندوۋز 7 بار. سىز يېڭى ئېلان قىلغان Ubuntu 12.04 نى قاچىلىسام قانداق قاچىلايمەن، بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇسۇلى قانداق، كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.
    خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

  18. ئابدۇلقۇددۇس : 2012-يىل 10-ئىيۇن20:30 جاۋاب

    سىزدەك جاسارەتلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك ، ئاقكۈڭۈل قېرىندىشىمنى چىن قەلبىمدىن ئۆمۈرۋايەت قوللايمەن! باسقان قەدىمىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتكەي، ئىلاھىم!1339331788931.jpg

  19. Bakhtiyar : 2012-يىل 10-ئىيۇن23:37 جاۋاب

    رەھمەت قېرىندىشىم!
    بىلوگنىڭ ئاساسىي ساۋات كاتىگورىيىسىدە Ubuntu ئۈچۈن مەخسۇس ئاساسىي ساۋاتلار، Ubuntu نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىنى قاچىلاش ئۈسۇلى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇلغان يازمىلار بار. كۆرۈپ بارقسىڭىز. قاچىلاش جەريانى كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.
    ئاندىن تۆۋەندىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىشلىگەن سىننىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.
    https://static.youku.com/v1.0.0237/v/swf/loader.swf?VideoIDS=XMzg5NzY5MzUy&embedid=MjIyLjI1LjE1MS41Ajk3NDQyMzM4And3dy5xdXRiZWcuY29tAi8%3D&wd=

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×