ئېلېكترونلۇق گىتار ئاتىسى Les Paul تۇغۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، Google Doodle يەنە بىر يېڭىلىقنى چىقاردى.
يەنى Google نىڭ باش بېتىدە ئېلېكترونلۇق گىتار چالغىلى بولىدىغان لوگو ئىشلەتتى. 10-ئىيۇن بەزىلەر بۇ گىتارنى چېلىپ باققان بولسا كېرەك.
بۇ ئېلېكترونلۇق گىتار ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيەلەنگەن بولۇپ، مائۇس ئارقىلىق تارىغا چېكىپ چالغىلى شۇنداقلا، كۇنۇپكا تاختىسى سىن بەلگىسىنى بېسىپ قويۇن، كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا چالغىلى بولىدۇ.
ئېلېكترونلۇق گىتار ئەسلىي كودىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، google-guitar مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى google-guitar.htm ھۆججىتىنى جاھاننامە يۈزىدە چاقىرىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
مەسىلەن مەن google-guitar ھۆججەت قىسقۇچىنى WordPress نىڭ /wp-content/uploads/ مۇندەرىجىسىگە چىقىرىپ، تۆۋەندىكى كود بىلەن google-guitar.htm ھۆججىتىنى جاھاننامە يۈزىدە چاقىرىپ ئىشلەتتىم(google-guitar مۇندەرىجىسىنىڭ ئورنىنى ئۆزىڭىزنىڭ چىقارغان مۇندەرىجىسىگە ئۆزگەرتىڭ).
<iframe src="/wp-content/uploads/guitar/google-guitar.htm" height="340px" width="660px" style="overflow:hidden" frameborder="0" ></iframe>
مانا بۇ ئىككى يولۋاس (两只老虎 ) نىڭ نوتىسى (كۆچۈرگەن جۇمۇ، مەن نوتا ئۇقمايمەن). ئۆزۈممۇ چېلىۋەتتىم.
TYUT TYUT UIO UIO OPOIUT OPOIUT UWT UWT
بىر تەكلىپ ubuntu سۇئالخانىسىنى كۆزگە كۆرىنىدىغان يەرگە ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن..يامان ئىزدەپ كەتتىم..بولسا مەن يا كۆرمەي قالدىممۇ…
ھەر بىربەتنى سول ئىستونىدار بار. دېققەت قىلمىغان ئوخشايسىز
سىزگە دېگەن كۆك چىش ئارقىلىق تورغا ئۇلارش ئۇسۇلى ئۇبۇنتۇ 11.04 دىكى مەسىلە سەۋەبلىك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. توردىن ئاقتۇرسام بىر bug كەن. ئۆگەنگىز بولسا QQ توپىغا چوشۇلۇپ مىنى ئىزدەڭ مەن ئۆگۈتۈپ قوياي
بۇنى مەنمۇ بلوگۇمغا قوشىۋالاي ھە…
بۇ گىتتارنىڭ ئاۋازى يوققۇ ؟