ھازىرقى ئورنىڭىز > باش بەت > ئېنىقلانغان ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى كاتېگورىيىسىدىكى بارلىق يازمىلار
Packages نى خەنزۇچە 软件包 دەپ ئاتايمىز. ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «يۇمشاق دېتال بوغچىسى» دەپ ئېلىنىپتۇ. مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىدە «بولاق» يەنى «deb بولىقى» دېگەندەك ئېلىۋېتىپتىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتەي. كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى تېرمىنالدا apt/dpkg قورالى ئارقىلىق بوغچا قاچىلايمىز. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى apt قورالىدىن پايدىلىنىپ بوغچا ئىزدەيمىز، ھەم ئۆزىمىزگە لازىملىقى بوغچىنى تاللايمىز، بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېت...
تولۇق ئوقۇش
بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىم ماڭا لىنۇكسنى سىناپ بېقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مىنىڭ كومپيۇتېرىمنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭغا قاچىلاپ بېرەي دېسەم پەقەت خوش ياقمىدى، (ھەم قاچىلاپ بەرسەممۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئويۇن ئوينايدىغان ئۇ ئاداش، ئىككى كۈندە زېرىكىپ ئۆچۈرۈپ بەر دەپ كىرمىسۇن دېدىم) شۇڭا ھەممىمىز بىر مەكتەپ، بىر دائىرىلىك توردا (局域网) بولغاندىن كىيىن، مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا يىراق ئارىلىقتىن كىرىدىغان (远程登录) قىلىپ بەردىم. لىنۇكس ئىشلىتىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ، Ctrl+Alt+F1~F7 نى با...
تولۇق ئوقۇش
Firefox نىڭ قانداق ياخشىلىقىنى مەن بۇ يەردە ماختاپ، ئەزمەمنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ ئىشلىتىپ باققانلار چوقۇم بىلىدۇ. بىراق Firefox 5 ياكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان Firefox 6 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ بېكەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى كومپيۇتېرغا قاچىلاغلىق بولسىمۇ، Firefox كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلەر ھەجىلەپمۇ ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭكىدە ئۇند...
تولۇق ئوقۇش
نەچچە كۈن ئاۋۋال مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ 64 بىتلىقنى قاچىلىدىم. ھەقىقەتەن ئالاھىدە سۈزۈك كىنولارنى كۆرگەندە 32 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا قارىغاندا ئازراق ياخشىكەن. 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن، بۇلارنىڭ نىمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاددىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مىنىڭ كەسپىم كومپيۇتېرغا ئالاقىدار بولغاچقا، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز چۈشەنچەم بىلەن، ناھايىتى ئاددىي تىلدا يېزىشقا تىرىشتىم، ھەم بۇلارنى خەنچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەن...
تولۇق ئوقۇش
Firefox ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقىلى ئۈچ يىلدەك بوپتۇ. يېقىندىن بۇيان Google Chrome غا ئامراق بولۇپ قالدىم. نېمىشقا دېگەندە سەۋەب تولا Google Chrome نىڭ سۈرىتى ھەقىقەتەن تىز. بۈگۈن تۇيۇقسىز ئىككىلىسى بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاقلىق تۇرسا نېمىشقا بۇنچىلىك پەرق بولىدۇ. Windows دا Firefox مۇ قېلىشمايدۇ بولمىسا دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. Firefox دا بەت ئاچقاندا دىققەت قىلساڭلار سول تەرەپ ئاستىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەجەبا بۇ DNS نىڭ ئىشىمىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ توردىن ماتېرىيال ئىزدەشكە...
تولۇق ئوقۇش
مەن بۈگۈن بىلىك كۇلۇبىنى ئارىلاۋېتىپ بىرەيلەننىڭ https://www.google.com/webhp?hl=ug تورىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئۆزىمىز خالىغان فونتقا تەڭشەش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان گوگۇل تور كۆرگۈسىدىكى ئۇيغۇرچە ناملىق يازمىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولمىسىمۇ بىراق Chrome جاھاننامىسىدە ئاچقان بارلىق بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇبۇنتۇدا Chrome ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئېچىلغان Custom.css ھۆججىتىگە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يازمىدىكى css كودىنى كۆچۈرۈپ سىناپ ب...
تولۇق ئوقۇش
LibreOffice ناھايىتى قالتىس پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشخانا يۇمشاق دېتالى. يېقىندا ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى LibreOffice 3.4 ئېلان قىلىندى. LibreOffice بولسا لىنۇكس، Windows،Mac OS … قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ. تىل بولىقى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، ئورگان بېتىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىلنىڭ بولىقى تەمىنلەنگەن. مەن بۇرۇن ئۇبۇنتۇدا Openoffice ئىشلىتىشتىكى ماھارەتلەر دېگەن يازمامدا Openoffice ئىشلىتىش تەجرىبەمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇللار LibreOffice دىمۇ ئوخشاشل...
تولۇق ئوقۇش
Application Indicators غا Unity ئارايۈزىدىن باشلاپ جۈملىدىن 11.04 ۋە كېيىنكى نەشرلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن چەكلىمە قويۇلغان. بىراق بىز ئۇبۇنتۇنىڭ سەپلىمە ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قول بىلەن تەھرىرلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تولۇق كۆرۈنمەسلىكىنى ھەل قىلىش دېگەن يازمامدا سىن بەلگىلەرنىڭ كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلىگەن. قېنى بىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقنى بىر كۆرۈپ باقايلى. ordering-override.keyfile ھۆججىتىگە ...
تولۇق ئوقۇش
ئۇبۇنتۇ 11.04 كە يېڭىدىن Unity ئارايۈزى ئىشلىتىلگەچكە، Unity قورال ئىستونىغا (panel) بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان. ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بۆلىشى مۇمكىن يەنى، Unity قورال ئىستونىدا (panel) يۈرگۈزۈلگەن پروگراممىلارنىڭ سىن بەلگىسى كۆرۈنمەيدۇ. مەسىلەن stardict ،xpad ،Indicator Systemload ،WINE،AIR … قاتارلىقلار. ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئەگەر بارلىق قورال ئىستونىدا (panel) كۆرۈنىدىغان دېتال سىن بەلگىسىنى كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولساق، تېرمىنالدا تۆۋەندىك...
تولۇق ئوقۇش
يوۋكۇدىن ۋە باشقا تور بېكەتلەردىن سىن كۆرگەندە، ئالدىغا قىستۇرۇلغان ئېلان ھەمىشە ئادەمنىڭ جىلە قىلىپ قويىدۇ. بەزى ئېلاننىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن كۆرمەكچى بولغان سىننىمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ. بۈگۈن ئۆركەش بىلوگىغا كىرسەم بۇ ئېلانلارنى سۈزۈش ھەققىدە يازما بار ئىكەن. ئۇبۇنتۇدا دەرھال سىناپ باقسام، ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولدى. قېنى ئەمىسە قانداق قىلغانلىقىمنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق etc/ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى hosts ھۆججىتىنى ئاچىمىز. sudo gedit /etc/hosts ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئا...
تولۇق ئوقۇش
تاقاش×