سالام كۆپچىلىك، Untiy ھەممەيلەنگە يېڭى بولغاچقا، ھەمدە compiz بىلەن ئازراق توقۇنۇشى بولغاچقا، ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compizconfig-settings-manager (ئۇبۇنتۇ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېتال) نى قاچىلاپ تەڭشەش داۋامىدا سىستېمىدا بىنورماللىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۈگۈن ئۇبۇنتۇنىڭ خەنچە مۇنبىرىگە چىقسام ساپ مۇشۇ توغرىلىق سوئال. بىز بۇنى بىز بۇرۇن بەلگىلىگەن تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىساق بولىدۇ.
Untiy نى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى (بۇ compizconfig-settings-manager دە بىز بەلگىلىگەن بارلىق تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ)
unity --reset
ياكى بولمىسا compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ، compiz غا نىسبەتەن قايتىدىن بەلگىلەش ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ. ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك gconf/apps/compiz. بولماستىن بەلكى gconf/apps/compizconfig-1. بولۇپ compizconfig-1 ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
Launcher سىن بەلگىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى
unity --reset-icons
Launcher سىن بەلگىسى، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئوڭ تەرەپ يېڭى قوشۇلغان رايوندىكى سىن بەلگە. بىز ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نى ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى قوشۇلغان Unity Plugin تۈرىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەر ئارقىلىق ئوڭ تەرەپتىكى Launcher نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارالايمىز.
يۇقارقى ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ سىستېمىدا ھىچ قانداق ئىنكاس بولمىسا، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرىشىمىز كېرەك.
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە قىلغان ئىدىم .userدىگەن خەتنى كىرگۈزسەم user accou
ماۋۇ يازمىنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ بىلوگدا تۇرىدىيا .... https://www.uztaj.com/
سالام بەختىيار سىز پەقەت مەندەك ھېس قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
بامۇ سىز بەختىيار !!!!!!
مۇشۇ ئىكىسپىدا مەشغۇلات قىلسام باشقىلارنىڭ مەشغۇلاتىمغا قاراپ تۇرىدىغاندەك
قاچىلاش كۆرۈنۈشى خەنچە چىقمامدىكەن؟ مېنىڭ ئىنگىلىسچە سەۋىيەم تۆۋەن ئىدى.
12.04 تىن باشلاپ conky نى ئىشلەتكىلى بولمامدا؟(كەچۈرۈڭ مۇناسىۋەتسىز سۇئال ب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :mrgreen: :mrgreen: بۇ بىر ياخشى باشلىنش بوپتۇ بولسا ب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئوبۇنتۇنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىم ، مەن بۇ سىستىمىن