ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
Chrome جاھاننامىسىدە خالىغان بېكەتكە خالىغان خەت نۇسخىسى بەلگەش
ئېلان قىلىنغىلى531 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 26 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,278+

مەن بۈگۈن بىلىك كۇلۇبىنى ئارىلاۋېتىپ بىرەيلەننىڭ https://www.google.com/webhp?hl=ug تورىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئۆزىمىز خالىغان فونتقا تەڭشەش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان گوگۇل تور كۆرگۈسىدىكى ئۇيغۇرچە ناملىق يازمىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولمىسىمۇ بىراق Chrome جاھاننامىسىدە ئاچقان بارلىق بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇبۇنتۇدا Chrome ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئېچىلغان Custom.css ھۆججىتىگە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يازمىدىكى css كودىنى كۆچۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

gedit ~/.config/google-chrome/Default/User\ StyleSheets/Custom.css

ئەمدى ئويلاپ باقساق، Chrome جاھاننامىسىدە خالىغان بېكەتكە خالىغان خەت نۇسخىسى بەلگىلىگىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن Google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى https://www.google.com/webhp?hl=ug گىلا ئايرىم ئۇيغۇر خەت نۇسخىسى بەلگىلەپ، باشقا بېكەتلەرنىڭ ئەسلىي خەت نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟

جاۋاب ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇنى Chrome جاھاننامىسىنىڭ Personalized Web قىستۇرمىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز Chrome جاھاننامىسىدە بايىقى قىستۇرما ئىسمىنى چەكسەك، قاچىلاش بېتىگە كىرىمىز، ھەمدە قاچىلاش دېگەننى بېسىپ تىزلا قاچىلىيالايمىز.

قىستۇرمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىغاندىن كىيىن، PersonalizedWeb قىستۇرمىسىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى باشلايمىز. (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

مانا ئەمدى بۇ تەڭشەشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىگە كەلدۇق. يەنى ئۆزىمىز خالىغا بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەش باسقۇچى. مەن تۆۋەندە بىر https://www.google.com بېتىنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ TUZ TOM غا توغرىلاش ئۇسۇلىنى رەسىملىك كۆرسىتىپ ئۆتەي، بۇ تەڭشەكنى ئوڭۇشلۇق بەلگىلىۋالساق https://www.google.com/webhp?hl=ug بېتىدىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى ناھايىتى راھەت ئىزدەپ تاپالايمىز. باشقا خالىغان بېكەتنى ئۆزۈڭلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بەلگىلىۋالساڭلار بولىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، بېكەت ئىسمىنى ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، css قىسمىنى بەلگىلەيمىز. يەردىكى css قىسمىغا مەن ئىشلەتكەن كود تۆۋەندىكىدەك. css قا ئۇستىلار تېخىمۇ ئېسىل تەڭشىۋالساڭلار بولىدۇ ئەلۋەتتە.

html,body * {font-family:"UKIJ Tuz Tom" !important;}

مانا ئەمدى قارىساق Google باش بېتى شۇنداقلار ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ خەت نۇسخىسى بىز بەلگىلىگەن UKIJ TUZ TOM غا ئۆزگەردى. ئەلۋەتتە ئۆزىمىز خالىغان خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ.

قېنى بىر نەرسە ئىزدەپ كۆرۈپ باقايلى

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىز بەلگىلىگەن بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسىلا ئۆزگىرىدۇ، باشقا بېكەتنى ئەسلىي خەت نۇسخىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بايىقى بەلگىلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قاراڭلار بۇ بېكەتتە ئىشلىتىلگىنى يەنىلا ئەلپىدا خەت نۇسخىسى.

بۇ قىستۇرمىنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈڭلار سىناپ بېقىڭلار. ئادەتتە مۇشۇ ئىقتىدارىلا يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندا كومپيۇتېرغا چوقۇم بەلگىلىگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بۆلىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 26 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 2 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 24

  1. ھەزرەت : 2011-يىل 4-ئىيۇل01:35 جاۋاب

    :grin: ئۇيغۇرچە گۇگىل شۇنداق فەچەت چىقىۋاتىدۇ ھازىر !

  2. ئەبەيدۇللا : 2011-يىل 5-نويابىر14:52 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ubuntuبىلەن يۈز كۈرۈشكەندىن كېيىن بۇسېستىمىنى ناھايىتى ياختۇرۇپ قالدىم ، بىرمەزگىل ئىشلەتكەندىن نۇرغۇن تەرەپلەردە windowsبىلەن ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ھېس قىلدىم . مەسىلەن :توردا تىلۋىزۇر كۈرۈش، رادىئو ئاڭلاش ،كىنو كۈرۈش ، ناخشا ئاڭلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچۇردۇم .
    سېستىمىنى ئۇيغۇرچە قىلىش جەھەتتە زادىلا قىللالمىدىم ، بۇسېستىمىنى قاچىلغاندا ئۇيغۇرتىلىنى بىۋاستە تاللاپ قاچىللغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ ؟بەختىيار ئەپەندىم مۇشۇ جەھەتتە بىر تىرىشچانلىق كورسىتىپ باققان بولسىڭىز ؟ سىزنىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت …

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×