بۈگۈن بىلوگنى ئېچىپ ئىچىم بەك سىيرىلىپ كەتتى. شۇنچە جىق ئىنكاسلارنى، سوئالخانىدا جاۋابسىز قالغان غېرىب سوئاللارنى كۆرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا بىلوگنى يازمىساممۇ بولۇپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنى چوڭ كۆرۈپ سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغىنىم مىنىڭ مەسسۇليەتسىزلىگىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزۈمنىڭ بەش ئايدەك ۋاقىتتا نېمىشقا غايىب بولۇپ كەتكىنىمنى چۈشەندۈرگۈم كېلىپ قالدى.
ئالىي مەكتەپنى مۇشۇ يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرۈپ، خۇاۋېي(华为)شىركىتىگە ئىشقا چۈشتۈم، ئۆزۈم ئالىي مەكتەپنى شىئەندە ئوقۇغاچقا، ئۆزۈمگە تونۇش، تاماقتا قىينالمايمەن، شىنجاڭغا بېرىپ كېلىشكىمۇ قۇلاي دېگەنلەرنى مەقسەت قىلىپ، شىركەت بىلەن توختام ئىمزالىغاندا ئىككىلەنمەيلا خىزمەت ئورنۇمغا خۇاۋېينىڭ شىئەن تەتقىقات مەركىزىنى (华为西研究所) تاللىدىم. كىم بىلسۇن، 7-ئاينىڭ بېشىدا ئىشقا چۈشۈپ بىر ھەپتە بولا بولماي، مېنى شاڭخەيگە كاماندىروپكىغا چىقىشقا بۇيرۇدى. بارغۇم يوق دېسەم، ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ زاكاز قىلىپ بولغانلىقى ئېيتتى، ئىشقا چۈشۈپ بىر ھەپتە بولغاندا نېمە دېيەلەيمەن؟ ياۋاشلىق بىلەن ماڭدىم شۇ.
شاڭخەيگە كېلىپ، يېڭى پۇدۇڭ رايونىدا خۇاۋېي شاڭخەي تەتقىقات مەركىزىنىڭ (华为上研究所) يېنىدا ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ياتاق ناھايىتى كاتتا بولسىمۇ، بۇ يەر شاڭخەينىڭ خېلى بىر چىتى بولغاچقا، تۇرمۇش يەنىلا قۇلايسىز ئىدى. ياتاقنىڭ تور سۈرىتى شۇنچىلىك ئاستىكىن، بەيدۇنىڭ باش بېتىنى ئاران ئېچىپ، بىر نەرسە ئىزدىسەملا ھېچنېمە چىقاي تۇراتتى. بىر قاپ تاماكا ئېلىش ئۈچۈنمۇ خېلى مېڭىپ كېچىپ بىر ماگىزىنغا بېرىپ ئالاتتىم. تاماقتا قىينالمىدىم، شىركەتتە باشقا مۇسۇلمان ئەللەردىن كەلگەنلەرمۇ خېلى كۆپ بولغاچقا، شىركەتنىڭ ھالال تاماق ئېتىدىغان ئاشخانىسى بار ئىدى.
شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسى شۇنچىلىك قاتتىقكىن، شىركەت ئىچىدە رەسىم تارتىشقا، بارماق دىسكا، يان دىسكا دېگەنلەرنى ئېلىپ كىرىش مۇمكىن ئەمەس. شىركەت ئىچىدە csdn、cnblogs دېگەندەك بىرنەچچە تور بېكەتلەرگىلا چىققىلى بولىدۇ. باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق شىركەت ئۆزنىڭ مول ماتېرىياللارى بىلەن تولغان ئىچكى تور بېكەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
خۇۋېينىڭ بېسىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقى كۆپچىلىك ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. شىركەتتە ھېچكىم بىرىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلە دېمەيدۇ. بىراق قىلىۋاتقان ئىشنىڭ تەسلىكىدىن، ھېچكىمنىڭ بالدۇر قايتقۇسى كەلمەيدۇ. جىقراق نەرسە ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ كەينىدە قالماسلىققا، يىل ئاخىرىدا جىقراق مۇكاپات، پايغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىدىغان گەپ. مىنىڭ ئورنۇم بىزنىڭ بۆلۈم باشلىقىنىڭ يېنىدا بولغاچقا، ئۇ ئۆيگە قايتمىغۇچە مەن قايتالمايمەن. چۈنكى باشلىق ماڭا بەك ئامراق، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، سوراپ تۇرىدۇ. مەنمۇ يېڭى ئىشقا چۈشكەن بولغاچقا، سەك ياۋاشراق ئىشلەپ، ھەر كۈنى 9،10لاردا ئىشتىن چۈشۈپ يۈردۈم. ياش بولغاندىن جىقراق نەرسە ئۆگىنەي، كىيىن شىنجاڭغا قايتقاندا ئەسقاتار دەپ شۇ. خۇاۋېينىڭ يېڭى ئىشچىلار ئۈچۈن ئېچىلغان نۇرغۇن تەربىيىلەش سىنىپلىرى، ئىمتىھانلىرى شەنبە يەكشەنبىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەزىدە ئايلاپ ئارام ئالمايدىغان گەپ.
بىر مۇنچە گەپ ئەگىتىپ ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا يوقاپ كەتكەنلىكىمنىمۇ سۆزلەپ بولدۇم. نېمىشقا بۈگۈن بىلوگ يېزىپ قالدىم دېگەندە تۈنۈگۈن شىئەنگە قايتىپ كەلدىم ھا…ھا… ئىجارە ئۆيدىن بىرنى مىڭ تەستە تېپىپ ئورۇنلىشىپمۇ بولدۇم. قارىسام تور سۈرىتىمۇ قالتىسكەن. بىراق خىزمەت ئەھۋالىمنى بىلدىڭلار، قاچانلاردا بىلوگنى يېڭىلىيالايمەن، ئىنكاسلارغا،سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بىراق مەن تىرىش ۋاقىت چىقىرىمەن.
كۆپچىلىك ئامان بولۇڭلار.
تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار: | ||||
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش |
ئۇبۇنتۇدا Firefox تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش |
ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش |
ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش |
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما |
无觅 |
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخسى:
https://help.ubuntu.com/12.04/ubuntu-help/index.html
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى:
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/ug/index.html
Ubuntu 10.10 دىن بۇرۇن SUN JDK ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدە تەمىنلىنەتتى. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئاسانلا قاچىلاپ ئىشلىتەتتۇق. 2010 يىلى Oracle كېڭىيىپ SUN نى قوشۇۋالغاندىن كىيىن. ئوچۇق كودلۇق OpenJDK ئۇبۇنتۇدا SUN JDK نىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.
OpenJDK قاچىلاش
OpenJDK مېنىڭچە SUN JDK گە %100 دېگۈدەك ئوخشايدۇ. Ubuntu 12.04 گە بىۋاسىتە قاچىلاش ئىشلىتەلەيمىز.
قاچىلاش بۇيرۇقى:
sudo apt-get install openjdk-7-jre
ياكى بۇ يەرنى بېسىپ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ.
SUN JDK قاچىلاش
بۇرۇن Ubuntu دا JAVA ئۈستىگە قورۇلغان دېتاللارنى، جاھاننامىدىمۇ JAVA ئۈستىگە قورۇلغان APP لەرنى جىق ئىشلەتمىگەچكىمۇ، ئىشقىلىپ SUN JDK ياكى Open JDK ماڭا ئوخشاش بىلىنەتتى، بىراق يېقىندىن بىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن JAVA ئۆگىنىۋاتقان، JAVA پروگراممىسىنى تەڭشىگەندە(调试) مەسىلە كۆرۈلدى. ئەگەر SUN JDK نى قاچىلاپ ئىشلەتكۈسى بارلار ئالدىن بىلەن Open JDK نى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن قاچىلايمىز. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزگەندە كۆرۈنگەن بارلىق بوغچىلارنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلار بولىدۇ. مۇشۇ بۇيرۇقتا ھېچنېمە كۆرۈنمىگەندە ئاندىن SUN JDK نى قاچىلاشقا باشلايمىز.
sudo dpkg -l|grep openjdk
1. SUN JDK نى بۇ يەرنى بېسىپ، Linux x86 ياكى Linux x64 نىڭ (32 بىت ياكى 64 بىت) tar.gz نى چۈشۈرىمىز.
2. tar.gz پرېسلانغان ھۆججىتىنى يېشىمىز.
3. /usr/lib مۇندەرىجىسى ئاستىغا jvm مۇندەرىجىسىدىن بىرنى قۇرمىز. (ئەگەر ئەسلىدە بۇ مۇندەرىجە بولمىسا)
4. تېرمىنالنى ئېچىپ tar.gz ھۆججىتىنى يەشكەن مۇندەرىجىگە cd بۇيرۇقى ئارقىلىق كىرىمىز.
5. ھۆججەتنى /usr/lib/jvm/ مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرىمىز.
sudo mv jdk1.7.0_04 /usr/lib/jvm/
5. JDK قاچىلايمىز. ئەگەر باشقا بۇيرۇقلارغىمۇ ئېھتىياجلىق بولساق قوشۇۋالساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە 6 باسقۇچنى تەڭ قىلىمىز.
sudo update-alternatives --install /usr/bin/javac javac /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/bin/javac 1
sudo update-alternatives --install /usr/bin/java java /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/bin/java 1
6. مۇھىت (环境变量)بەلگىلەيمىز (ياخشى تەرجىمە قىلالمىدىم، ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز؟). بۇ ئۇسۇل profile ھۆججىتىنى تەھرىرلىگەندىن ئاددىي.
sudo update-alternatives --config javac
sudo update-alternatives --config java
7. ئەگەر تېرمىنالدا بۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندە، java نەشرى كۆرۈنسە قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى دېگەن گەپ.
java -version
SUN JDK قاچىلاشنىڭ يەنە بىر ئاسان ئۇسۇل PPA مەنبەسىدىن قاچىلاش، ئۈچ بۇيرۇق بىلەنلا ھەممە ئىش تاماملىنىدۇ.
sudo add-apt-repository ppa:webupd8team/java sudo apt-get update sudo apt-get install oracle-java7-installer
JAVA ئەپلىرىنى جاھاننامىدە نورمال ئىشلىتىش (firefox, chrome قاتارلىق)
ئەگەر Open JDK ئىشلەتكەنلەر بولسا، icedtea-7-plugin بوغچىسىنى قاچىلىساقلا بولىدۇ.
sudo apt-get install icedtea-7-plugin
SUN JDK ئىشلەتكەنلەر، تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز. 32بىتلىق Ubuntu ئىشلەتكەنلەر amd64 نى i386 غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن يۈرگۈزۈڭلار.
mkdir ~/.mozilla/plugins ln -s /usr/lib/jvm/jdk1.7.0_04/jre/lib/amd64/libnpjp2.so ~/.mozilla/plugins
JAVA نىڭ جاھاننامىدە نورمال ئىشلىگەن ئىشلىمىگەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىش ئارقىلىق تەكشۈرىمىز. نورمال بولسا «Your java is working» دەپ كۆرۈنىدۇ.
https://java.com/en/download/testjava.jsp
(Ubuntu 12.04 Server (LTS قاچىلاش
(Ubuntu 12.04 Server (LTS نىڭ ISO سىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
32 بىتلىق : https://releases.ubuntu.com/releases/12.04/ubuntu-12.04-server-i386.iso
64 بىتلىق: https://releases.ubuntu.com/releases/12.04/ubuntu-12.04-server-amd64.iso
مەن قاچىلىماقچى بولغان Ubuntu مۇلازىمېتىر ئىسمى (Host主机) بولسا: server.example.com
IP ئادرېسى: 10.42.0.42
تور ئۆتكىلى (Host主机) بولسا : 10.42.0.1
سىناق قىلغان مۇھىت: VirtaulBOX مەۋھۇم كومپيۇتېرى
ئەلۋەتتە بولارنىڭ ھەممىسى قاچىلاش مۇھىتىڭلارغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
قاچىلاش جەريانىدا ئۈستى ئاستىنى تالاش ئۈچۈن ئۈستى ئاستى يۆلىنىش كۇنۇپكىسىنى، ئوڭ سول، ۋە بەزى جەزملەشتۈرۈش چېكىنىش (Yes/NO/Go back) دېگەنلەرنى تاللاش ئۈچۈن Tab كۇنۇپكىسىنى، تاللىغان تاللاشنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېنتىر باسىمىز.
1. Ubuntu 12.04 Server نى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرنى ISO ئويۇلغان ئوپتىك دىسكىدىن ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىمىز. ھەم قاچىلاش جەريانىدا ئىشلىتىدىغان تىلنى تاللايمىز. مەن بۇ يەردە ئىنگلىزچىنى تاللىدىم.
2. بۇ يەردىن Ubuntu نى قاچىلاش يەنى Install Ubuntu Server دېگەننى تاللىدىم.
3. بۇ يەردىن سىستېما تىلىنى تاللايمىز، Ubuntu نىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسىدا سۈكۈت ھالەتتە ئۈستەل يۈزى بولمىغاچقا (بۇيرۇق ئېكران) بۇ يەردىن ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىدىم. ئەلۋەتتە بۇ يەردىن باشقا تىلنى تاللاپ قاچىلىساق بولىدۇ. پەقەت بىر قىسىم بۇيرۇق دېتاللارنىڭ ئۇچۇرىلا شۇ تىلدا كۆرۈنىدۇ.
4. تۇرۇۋاتقان رايوننى تاللايمىز. تۇنجى كۆرۈنگەن تىزىملىكتە جۇڭگو بولمىغاچقا باشقىلار Other دېگەننى تاللىدىم.
5. كېيىنكى كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن باشتا ئاسىيا Asia ئاندىن جۇڭگو China نى تاللىدىم.
6. ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللايمىز. بىز ئامېرىكا كۇنۇپكا تاختىسىنى United States en_US.UTF-8 تاللىساق بولىدۇ.
7. بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنى سىنايدىغان يەر بولۇپ، Yes نى تاللاپ، كۆرۈنگەن بىر قانچە ھەرپنى بېسىپ كۇنۇپكا تاختىمىزنى بەلگىلىسەكمۇ، ياكى NO نى بېسىپ، ئۆزىمىز تاللىساقمۇ بولىدۇ. مەن NO نى تاللىدىم.
ئاندىن كۆرۈنگەن ئىككى كۆزنەككە ئامېرىكا ئىنگلىزچىسىنى (English (US نى تاللىدىم.
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ ھەقىقىي نەشرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى 2 يىلدا بىر تارقىتىلىدىغان LTS يەنى ئۇزاق مۇددەتلىك نەشرى بولۇپ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى 12.04 دىن باشلاپ، LTS نىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخىسى ئوخشاشلا ئورگاننىڭ بەش يىللىق تېخنىكىلىق (يېڭىلاش، كود قوغداش) قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىدىن ياكى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىن ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپالايسىلەر. ئۇبۇنتۇ 12.04 نى قاچىلاش 11.10، 11.04 بىلەن ئوخشاش، ھەم قاچىلاش داۋامىدا ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قاچىلىغىلى بولىدۇ (ئاللاھ ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتقانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن).
ئۇبۇنتۇ ئورگىنى تەمىنلىگەن ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش جەريانى
ئەگەر ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نەشرىدىن بىراقلا يېڭى نەشرىگە يېڭىلىماقچى بولغانلار، تېرمىنالنى ئېچىپ ياكى Alt+F2 تەڭ بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەككە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازغاندىن كىيىن، Update Manager ئېچىلىدۇ، ھەم ئەڭ ئۈستىدە ئۇبۇنتۇ 12.04 غا يېڭىلىغىلى بولىدىغانلىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. شۇنى بېسىپ يېڭىلىساڭلار بولىدۇ.
sudo update-manager -c -d
تەۋسىيەم ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار يەنىلا يېڭىدىن قاچىلىساڭلا بىر قەدەر تىز، ھەم بەزى مەسىلىلەردىن خالىي بولالايسىلەر. مەسىلەن مەن ئىشلىتىۋاتقان ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ 64 بىتلىق نەشرىدىن ئۇبۇنتۇ 12.04 غا كۆتۈرۈشكە، 3 سائەت ۋاقىت كەتتى، ھەم يېڭىلىغاندىن كىيىن، بارلىق 32 بىت lib ئامبىرىنىمۇ قوشۇپ يۇيۇۋەتكەچكە، بۇلارنىڭ قايتا قاچىلاشقا توغرا كەلدى.
سىستېمىنى يېڭىلاش جەريانىدا، كومپيۇتېردىكى بەزى دېتاللارنى قايتىدىن تەڭشەشكە، بەزى داۋاملاشتۇرۇشلارنى جەزملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن Mysql قاچىلاقلىق بولسا قايتىدىن مەخپىي نومۇر ئورنىتىش دېگەندەك، شۇڭا، مەن بەلگە قىلغان ئورۇندىكى تېرمىنالنى ئېچىپ قويۇڭلار، بولمىسا بىكاردىن ساقلاپ قالىسىلەر.
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قىلىدىغان ئىش، سىستېما يۇمشاق دېتال تىزىملىكىنى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلاش، بۇنىڭ ئۈچۈن تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزۈپ مەشغۇلات قىلساقمۇ، ياكى سىستېما قورال ئىستونىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن Software Up to Date نى بېسىپ مەشغۇلات قىلساقمۇ بولىدۇ.
sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade
ئەگەر سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلاش كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلاش توغرا كەلسە، تورغا ئۇلىغاندىن كىيىن، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويساقلا سىستېما ئاپتوماتىك تورىدىن ئىزدەپ قاچىلاپ بېرىدۇ. ياكى بىۋاسىتە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.
sudo apt-get install ubuntu-restricted-extras
ياكى بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ
ئەگەر جاھاننامىدە flash كۆرمەكچى بولساق ئەڭ بىۋاسىتە ئامال، google chrome جاھاننامىسىنى قاچىلاش. google chrome نىڭ چۈشۈرۈش بېتىگە بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ كىرىڭ.
ياكى قول سېلىپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.
sudo apt-get install flashplugin-installer
ياكى بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ
ئەگەر firefox ئىشلىتىدىغانلار ياكى google chrome دا flash سىن ھۆججىتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر، Adobe نىڭ falsh چۈشۈرۈش بېتىگە شۇ جاھاننامىدە چىقىپ، ماس كەلگەن flash قىستۇرمىسىنىڭ deb بوغچىسىنى قاچىلىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى ھازىر firefox دا بىۋاسىتە جاھاننامىدە تۇرۇپ flash قاچىلىغىلى بولمايدىكەن.
ئەگەر deb بوغچىسى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا چۈشۈرۈش ئورنىدىن tar.gz for other Linux دېگەننى تاللاپ فىلەش قويغۇچنىڭ پرېسلانغان ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، ھەمدە پرېسلانغان ھۆججەتنى يېشىپ ئىچىدىكى libflashplayer.so ھۆججىتىنى /usr/lib/mozilla/plugins/ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە ئەكىرىپ، جاھان نامىنى قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسى ناھايىتى كۈچلۈك گۇرۇپپا، ئۇلار Nvidia قاتارلىق ئۇبۇنتۇدا قوزغاتقۇچ قاچىلاشقا تېگىشلىك بەزى قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى ئۇبۇنتۇغا ئەڭ ماس كېلىدىغان قىلىپ ئەلالاشتۇرغان. شۇڭا قوزغاتقۇچ قاچىلىغانلار ئەڭ ياخشىسى سىستېما ئۆزىنىڭ كېرەكلىك قوزغاتقۇچلارنى تېپىپ بېرىدىغان قورال ”附件驱动/Additional Drivers“ نى ئىشلىتىڭلار. ھېچ نېمە كۆرۈنمىسە قوزغاتقۇچنى ئايرىم قاچىلاش ھاجەتسىز دېگەنلىك.
ئۇبۇنتۇ 12.04 دىن باشلاپ ئورگان تەۋسىيە قىلغان unity ئارايۈزىنى تەڭشەش قورالى myunity بولىدۇ، خەت نۇسخىسى تەڭشەش، ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش، unity نىڭ نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلىرىنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق قىلغىلى بولىدۇ.
sudo apt-get install myunity
ياكى بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ
بۇ قورالنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرغان يېرى شۇكى، بىرەر تەڭشەكنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىمىزگە ياقماي، سىستېمىنىڭ سۈكۈت تەڭشەك ھالىتىگە ئەكەلمەكچى بولساق، رەسىمدىكى مەن بەلگە قويۇپ قويغان ئورۇننى باسساقلا بولدى.
ئۇنۇڭدىن باشقا ubuntu-tweak قورالىمۇ كۆپچىلىككى ناتونۇش ئەمەس، 12.04 دىمۇ ubuntu-tweak نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى 0.7.1 ناھايىتى نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ lanchpad دىكى 12.04 نىڭ ماس كەلگەن deb بوغچىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭلار.
خەت نۇسخىسى يەنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۈچۈن ئورگان مەنبەسىدىن ukij خەت نۇسخىسىنى قاچىۋالسڭلار مۇ، ياكى مەن بۇرۇن ياساپ قويغان خەت نۇسخىسىنىڭ deb بوغچىسىنى قاچىلىساڭلار مۇ، ۋە ياكى ئۇبۇنتۇغا خەت نۇسخىسى قاچىلاش دېگەن يازمىدىكى بويىچە خالىغان خەت نۇسخىسىنى قاچىلىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئورگان مەنبەسىدىن ukij خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش
sudo apt-get install fonts-ukij-uyghur
ياكى بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ
مەن ئۇبۇنتۇ 12.04 نى يېڭى قاچىلىغاندا ibus نىڭ پىنيىن كىرگۈزگۈچىسى بار ئىكەن، ئۇيغۇرچىنىمۇ قوشۇش ئۈچۈن ibus نىڭ m17n قىستۇرمىسىنى قاچىلايمىز. ھەم ibus قا كىرگۈزگۈچ قوشىدىغان يەردىن ئۇيغۇرچىنىمۇ قوشۇم قويىمىز.
sudo apt-get install ibus-m17n
ياكى بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلاڭ
ibus نى سىستېما بىلەن بىرگە قوزغىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن Start Up Aplication نى قوزغىتىمىز.
ھەم ئىسمىغا خالىغانچە، قوزغىتىش بۇيرۇقىغا ibus-daemon –xim نى يازىمىز.
بۇ 字体编码 نىڭ ئىشى، نورمال ئېچىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
gsettings set org.gnome.gedit.preferences.encodings auto-detected "['UTF-8', 'GB18030', 'GB2312', 'GBK', 'BIG5', 'CURRENT', 'UTF-16']"
ئۇبۇنتۇ 12.04 دىن باشلاپ تېزلەتمە كۇنۇپكىلاردا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان، super كۇنۇپكىسىنى يەنى windows كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرساق بارلىق تېزلەتمەك كۇنۇپكىلار كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇبۇنتۇ 12.04 غا compizconfig-settings-manager قاچىلىغانلار بولسا، بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكىلار توقۇنۇشۇپ بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېڭى ئىقتىدارىدىن بىرى، hup ئىقتىدارى، ALT كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، hup نى قوزغىتىمىز. مەسىلەن google chrome ئىشلىتىۋېتىپ hup نى قوزغىتىپ history دەپ باسساق، جاھاننامە تارىخ تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. يەنە مەسىلەن libraoffice ئىشلىتىۋېتىپ Alt كۇنۇپكىسى بىلەن hup نى قوزغىتىپ save دەپ بېسىپ ساقلاش، open دەپ بېسىپ ھۆججەت ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇبۇنتۇ 12.04 دا Management Service دېگەن بىر دېتال بار، ئۇنى تۇنجى قوزغاتقاندا Landscape نى قاچىلاش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. بۇ قورالنى Canonical تەمىنلىگەن بولۇپ ئاساسلىقى كۆپ مۇلازىمېتىر باشقۇرىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. مەسىلەن 100 تال ئۇبۇنتۇ مۇلازىمېتىردا بىر ۋاقىتتا بىر shell ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىش، بىر ۋاقىتتا بەچچە 100 ئۇبۇنتۇ مۇلازىمېتىرنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىش دېگەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈڭلارنىڭ بىر تال ئۈستەل كومپيۇتېرنى باشقۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ. كەچتە كومپيۇتېرىڭلارنى ئەتكىلى ئۆيگە كېلەلمىسەڭلار جاھاننامىدىلا سىرتتا تۇرۇپ ئۆيدىكى كومپيۇتېرنى ئېتىۋېتىمىز.
بۇ دېتالغا كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ، شۇڭا بۇ يەردە تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرماي. قىزىققۇچىلار بۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
ئاخشام ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىدا سىناپ باقتىم، خېلى بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار: | ||||
ئۇبۇنتۇ 11.04 beta2 تارقىتىلدى |
ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى 5.0 يېڭى ئۇقۇم رەسىمى |
يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما |
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى |
ئۇبۇنتۇ 12.04 Beta1 ئېلان قىلىندى |
无觅 |
كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى تېرمىنالدا apt/dpkg قورالى ئارقىلىق بوغچا قاچىلايمىز. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى apt قورالىدىن پايدىلىنىپ بوغچا ئىزدەيمىز، ھەم ئۆزىمىزگە لازىملىقى بوغچىنى تاللايمىز، بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى يېڭى ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن، ھەم تېرمىنالدا بۇيرۇق يېزىش بىلەن خوشى يوقلار ئۈچۈن بارلىق ھاجەتتىن چىقالىسىمۇ، بىراق ئۇبۇنتۇنىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغانلار، ياكى بوغچا باشقۇرۇشتا تەلىپى سەل يۇقىرىلار ئۈچۈن apt/dpkg قورالى ئارقىلىق ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇشنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
توردىن ماتېرىيال كۆرسەم. لىنۇكس دەسلەپ تارقىتىلغاندا، دېتالنى چوقۇم ئەسلىي كودىدىن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) ئارقىلىق قاچىلايدىكەندۇق. tar.gz ئەسلىي كود بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باققانلار بۇنىڭ نەقەدەر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كىيىن Debian گۇرۇپپىسى dpkg بوغچا باشقۇرۇش قورالىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئاندىن لىنۇكسدا يۇمشاق دېتال بوغچىسى دېگەن نەرسە پەيدا بوپتۇ. يەنى بۇرۇن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) تاماملانغان، بەلگىلەنگەن كومپيۇتېردا (ماس كەلگەن لىنۇكس ۋارىيانتىدا) بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان rpm, deb بوغچىلىرى كەينى-كەينىدىن تارقىتىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەپتۇ. ئەگەر بۇرۇنقىدەك كېتىۋەرسە يېپىق كودلۇق دېتاللارنى لىنۇكسدا ئىشلىتىشىمىز تېخىمۇ تەس بولاركەن.
كېيىنچە dpkg ئارقىلىق بوغچا باشقۇرۇش قۇلاي بولسىمۇ، بىراق بوغچا يېڭىلاشنىڭ ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى قايسى بوغچىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ چىققانلىقنى بىلگەندىن كىيىن، توردىن قول سېلىپ چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلاشنىڭ يەنىلا قۇلايسىز ئىكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، apt قورالى مەيدانغا كەپتۇ. apt-get upgrade ئارقىلىق كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلانغان بوغچىلارنىڭ تىز سۈرەتتە يېڭىلىيالايدىغانلىقىمىز ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش ئەمەس.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتەيكى apt/dpkg قورالىنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا لىنۇكسدا cd ۋە grep ئىككى بۇيرۇقنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشۇڭلار كېرەك. تۆۋەندە تونۇشتۇرغىنىم apt/dpkg قورالىنىڭ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارى خالاس، مېنىڭچە مۇشۇلارنىڭ بىلسىلا بولدى، ھەممە ئىقتىدارىنى ئېسدە تۇتۇپ بولالمايدۇ كىشى. ئەگەر داۋاملىق تەتقىق قىلىپ باققۇسى بارلار، ئۇبۇنتۇ ئۆزىنىڭ apt/dpkg ياردەم ئۇچۇرىدىن، ياكى توردىن پايدىلىنارسىلەر.
تەييارلىق:
تېرمىنالنى ئېچىپ dpkg ۋە apt قورالىنىڭ ياردەم ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇيرۇق كەينىگە قوشۇشقا بولىدىغان پارامېتىرلار تولىمۇ كۆپ، بىراق مىنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنىم ساناقلىقلا، ھەم بۇ يەردە تۇنۇشتۇردىغىنىممۇ شۇ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى. قالغانلىرىنى ئۆزۈڭلار سىناپ ئۆگىنىۋالارسىلەر.
dpkg --help
apt-get --help
apt-cache --help
apt قورالىنى ئىشلىتىش:
sudo apt-get update
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن سىستېمىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوغچا ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيمىز. بارلىق بوغچا ئۇچۇرىنى /etc/apt/sources.list ھۆججىتىگە يېزىلغان مەنبەدىن تاپىدۇ.
sudo apt-get upgrade
قائىدە بويىچە بولغاندا، sudo apt-get update ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى بۇيرۇقنى تەڭ && بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلاپ ئىشلەتسەك تېخىمۇ قۇلايلىق.
sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade
بارلىق سىستېمىنى بارلىق يۇمشاق دېتال بولىقىنى يېڭىلىماقچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
sudo apt-get dist-upgrade
يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى
sudo apt-get -s upgrade
يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرى ۋە سىستېما يېڭى نەشرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
sudo apt-get -s dist-upgrade
ئەگەر بۇرۇن مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال قاچىلاپ، بۇ يۇمشاق دېتال نورمال ئىشلىمىگەن بولسا، دېمەك بۇ دېتالغا لازىملىق بولغان مەلۇم lib ئامبىرى قاچىلانمىغان دېگەن گەپ. تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان دېتاللارنىڭ تايىنىش مۇناسىۋىتىدە مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز.
sudo apt-get check
بۇ بۇيرۇقنى كەينىگە، يەنى مەن xxx بىلەن بەلگە قىلىپ قويغان ئورۇنغا، مەلۇم بىر بوغچىنىڭ ئسمىنى يېزىپ ئىشلىتىمىز.
sudo apt-cache search xxx
مىسال:
مەسىلەن بىر ئۇبۇنتۇ مۇلازىمېتىرىغا Mysql ۋە apache قاچىلىدۇق. بىراق php لىق بېكەت سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلمىدۇق. بۇ چاغدا بۇ بۇيرۇق ئەسقاتىدۇ.
sudo apt-cache search apache2|grep php5
قارىساق apache2 قىستۇرمىسى libapache2-mod-php5 نىڭ كۆرىمىز. شۇنى قاچىلايمىز. بىراق يەنە بىر مەسىلە، بېكەت سىستېمىسىنى ساندانغا ئۇلىغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بىر Mysql نى قاچىلىغان بىلەن بىلەن ئۇنىڭ php بىلەن ئالاقىدار قىستۇرمىسىنى قاچىلىمىغان. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ قايسى قىستۇرمىنى قاچىلىشىمىز لازىملىقنى تاپىمىز.
sudo apt-cache search mysql|grep php5
ھەم قارىساق قىستۇرما php5-mysql نىڭ ئۇچۇرى بار، شۇنى قاچىلاپ، بېكەت سىستېمىسىنى نورمال قاچىلىۋالىمىز.
بۇ بۇيرۇق ئىشلەتكەندە مەن بەلگە قىلغان xxx دېگەن ئورۇنغا، بوغچا ئىسمىنى يازىمىز.
sudo apt-cache depends xxx
sudo apt-cache rdepends xxx
بۇ ئىككى بۇيرۇقنىڭ پەرقى، ئۈستىدىكىسى (dependes) بولسا xxx بوغچىنىڭ قايسى بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئاستىدىكىسى (rdepends) بولسا قايسى بوغچىنىڭ xxx بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكشۈرىدۇ.
مىسال:
لىنۇكسدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، يىراقتىن باشقۇرۇش بوغچىسى OpenSSH ئىككى بوغچىدىن تەركىب تاپقان. بىرى openssh-client بۇ باشقا كومپيۇتېرغا ssh ئارقىلىق كىرىشتە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىرى openssh-server بۇ باشقا كومپيۇتېر ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا ssh ئارقىلىق كىرسە ئىشلەيدۇ. يەنى كومپيۇتېرىڭىزدا openssh-client لا بولسا، سىز پەقەت openssh-server قاچىلانغان ھەم بۇ مۇلازىمەت قوزغىتىلغان لىنۇكس مۇلازىمېتىرىغا كىرەلەيسىز، بىراق باشقىلار سىزنىڭكىگە ssh ئارقىلىق كىرەلمەيدۇ.
مەسىلەن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا openssh-server، openssh-client ئىككىلىسى قاچىلىغان، بىراق بىر كۈنى سىز باشقىلارنىڭ مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا ssh ئارقىلىق كىرىشى ھاجەت ئەمەس مەنلا باشقىلارنىڭكىگە كىرەلىسەم بولىدۇ دەپ قارىدىڭىز.
sudo apt-cache depends ssh
ئارقىلىق OpneSSH نىڭ openssh-client ۋە openssh-server ئىككى بوغچىغا تايىنىدىغانلىقىنى، openssh-server نى ئۆچۈرسەكلا كۆزلىگەن مەقسەتكە تىزلا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.
sudo apt-cache rdepends ssh
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئەگەر OpenSHH پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتسەك، قايسى ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.
بۇ ئىقتىدارنى ھەممىمىز كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىمىز. جىق سۆزلىمەي، بۇيرۇق تۆۋەندىكىدەك:
sudo apt-get install xxx
xxx بوغچا ئىسمى.
بوغچا ئۆچۈرۈش مۇ ناھايىتى ئاسان، بىراق دىققەت قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە تايىنىش مۇناسىۋىتى. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق:
sudo apt-get remove xxx
ئەگەر بىر بوغچىنى پاك-پاكىز سەپلىمە ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ (/etc ئاستىدىكى) ئۆچۈرمەكچى بولساق apt-get نىڭ pure پارامېتىرىنى، پەقەت توردىن قايتا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز بوغچىلارنى ئۆچۈرۈشتە autoremve پارامېتىرىنى ئىشلىتىمىز. قوشۇپ ئىشلەتسەك تۆۋەندىكىدەك
sudo apt-get --purge autoremove xxx
مىسال:
مەسىلەن مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا بۇ ئىككى بۇيرۇق ئارقىلىق mysql-server ئۆچۈرمەكچى بولسام، remove ئىشلەتسەم، ئۆچۈرىدىغان بوغچا پەقەت بىر تال، چوڭ كىچىكلىكى 93.8kb, ئەگەر purge autoremove ئىشلەتسەم ئۆچۈرىدىغان بوغچا توققۇز تال، چوڭ كىچىكلىكى56.4mb.
ئۇبۇنتۇدا بىر مەزگىل OpenOffice ياكى LibraOffice ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى ئىشخانا دېتالى ئالامەت ياخشى بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا Microsoft Office ئىشلەتكەچكە، Microsoft Office دا ئىشلەنگەن doc, docx, ppt ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە OpenOffice ياكى LibraOffice دا ئاچقاندا، بەزى پەرقلەر كېلىپ چىقىدۇ.
مانا YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاپ ئىككى كۈن ئىشلەتتىم، ئۆزگىرىش كۆپ، ئارايۈزىگە Microsoft Office 2010 Ribbon ئىشلىتىلىپتۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇ. Microsoft Office ئىشلەنگەن ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئاچساق ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش.
YOZO Office (永中) 2012 لىنۇكس نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://www.yozosoft.com/person/
tar:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgz
rpm:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbrpm
deb:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgzdeb
ئۇبۇنتۇ 11.10 ھەم بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئەلۋەتتە deb بولىقىنى قاچىلاڭلار (قۇلايلىق). 32/64 بىتلىق سىستېمىلاردا نورمال ئىشلەيدۇ.
مەن قوش چېكىپ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلىسام نورمال قاچىلانماي، dpkg -i بۇيرۇقى بىلەن قاچىلىدىم.
ئۇبۇنتۇ 12.04 دا deb بولىقى نورمال قاچىلانمىدى، شۇڭا tar بولىقىنى چۈشۈرۈش، يېيىم، يېيىلغان مۇندەرىجىگە تېرمىنال ئارقىلىق كىرىپ، sudo ./setup.sh بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.
YOZO Office (永中) 2012 نىڭ ئىقتىدارى:
خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا تەڭشەش ئۈچۈن، تەڭشەشكە كىرىپ ئۇيغۇر دېگەننى تاللىغاندىن كىيىن، دېتالنى قايتا قوزغاتساق، خەت يۆلىنىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىدىكەن. بىۋاسىتە توغرىلايدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار ئىنكاس يازارسىلەر.
تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار: | ||||
ئۇبۇنتۇ ئۇسلۇبى Orta |
Android ئۇچۈن ئۇبۇنتۇ unity ئۇسلۇبى |
ئۇبۇنتۇ 10.04 غا ئەندرويد قاچىلاش |
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىغان يۇمتال ailurus |
ئۇبۇنتۇ 10.04 دىكى Compiz ئالاھىدە ئۈنۈملىرى |
无觅 |
بۈگۈن سوئالخانىدىكى جاۋابسىز سوئاللارنى ئارىلاۋېتىپ، ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشتا سورالغان بىرنەچچە سوئالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھەم بەزلەرنىڭ سىستېمىنى ئىنگلىزچە قىلىپ قاچىلاپ، كىيىن خەنچە قىلاي دېسە قىلالمىغانلىقىنى بىلدىم.
سىستېما قاچىلىغاندا سىستېما تىلىنى خەنچە ياكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، مەسىلەن ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ياكى خەنچە تىل بولىقى قاچىلىغاپ Language Support نىڭ Regional Formats دىن خەنچىنى ياكى ئۇيغۇرچىنى تاللىغان تەقدىردىمۇ، Language دىكى uighur/uyghur ياكى 中文 دېگەن تاللاشنى تاللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىستېما تىلى يەنىلا خەنچىگە ياكى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرمەيدۇ.
گەپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنىلا سۆزلەيلى، خەنچىمۇ ئوخشاش. مەسىلەن مەن سىستېمىنى قاچىلىغاندا ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاي
Regional Formats نى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەي
بارلىق سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلاي
مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، بەلكىم سىز ماڭا ئوخشاش تىل بولىقىنى قاچىلىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ يەردىن سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى مەن سىستېما قاچىلىغاندا، سىستېما تىلىغا بۇ تىلنى تاللاپ قاچىلىمىغان.
ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى، سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ، قاچىلاش جەريانىدىلا سىستېما تىلىغا ئۇيغۇرچىنى تاللاپ، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن شۇ تىل بولىقىنى يېڭىلاپ قويۇش. ھى..ھى.. چاق-چاق ھە. مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىڭلار دېمەكچى ئەمەس.
ھەل قىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى(چوقۇم مۇشۇنداق): ئۆزىمىز خالىغان تىلنىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن user accounts نى قوزغىتىمىز.
ئاندىن بۇ يەردىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللايمىز.
ئەمدىن Language Support نىڭ Language دېگەن يېرىگە قاراپ باقايلى، بايا ئۇيغۇرچىنى تاللىغىلى بولمىغان، ئەمدى بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىغا چېكىنىپ كىرسەكلا بولدى.
سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ سەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسۇس تېما دېگەن يازمامدا Advanced Settings دېگەن قورالنى تونۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىۋالساڭلار بولىدۇ. ياكى كۆككەپتەر بىلوگىدىكى ubuntu11.10 دا (Unity يۈزلۈكى) ئۇيغۇرچە فونتنى بەلگىلەش دېگەن يازمىدىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ.
سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن، كىرىش كۆزنىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر يەنىلا سەت كۆرۈنىدۇ. كىرىش كۆزنىكىنىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى /etc/lightdm نىڭ ئىچىدە، بۇ يېدىكى unity-greeter.conf كىرىش كۆزنىكىنىڭ خەت نۇسخىنىمۇ كونترول قىلىدىكەن. بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك بىر قۇر بار. ئالدىدىكى ubuntu خەت نۇسخىسى ئىسمى، كەينىدىكى 11 خەت چوڭ كىچىكلىكى.
font-name=Ubuntu 11
مەن بۇ قۇرغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقتىم، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك، خەت نۇسخىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلاشمىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلار بولسا ئورتاقلاشساق.
font-name=ukij tuz tom 12
تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار: | ||||
ئۇبۇنتۇ ئۇسلۇبى Orta |
ئۇبۇنتۇ 11.04 كە Firefox5 قاچىلاش |
ئۇبۇنتۇ يۇمتال مەركىزىنىڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈزى |
ئۇبۇنتۇنى ADSL ئارقىلىق تورغا ئۇلاش |
ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) دېگەن نېمە؟ |
无觅 |
ئۇبۇنتۇ 12.04 سىناق/ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى Beta1 ( ھازىر چۈشۈرۈشكە بولىدۇ)
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى Beta2
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى RC
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇبۇنتۇ 12.04 ھەقىقىي نەشرى
Unity 5.4.0 ئىشلىتىلگەن
ئۇبۇنتۇ تېزلەتمە تىزىملىكى تېخىمۇ كۆركەم ھەم قوللىنىشچان
privacy يېڭى ئىقتىدارى قوشۇلغان
banshee نىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى Rhythmbox سۈكۈت مۇزىكا قويغۇچ قىلىنغان
ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە، ئۆزىمىز قىزىقىدىغان دېتال ئۇچۇرى ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ
ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ بىر-نەچچە ئۈستەل كەسمە رەسىمى
تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار: | ||||
ئۇبۇنتۇ 11.04 beta1 تارقىتىلدى |
ئۇبۇنتۇ 11.04 beta2 تارقىتىلدى |
ئۇبۇنتۇ 11.10 Alpha1 ئېلان قىلىندى |
(Ubuntu 12.04 Server (LTS قاچىلاش، ۋە دەسلەپكى تەڭشەش |
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما |
无觅 |