ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
chrome غا Ibus ئارقىلىق خەنچە كىرگۈزگەندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى443 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 471+

google chrome ھەقىقەتەن ياخشى، مەن ئۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى خىلى بولغان. ئادەتتە ibus ئارقىلىق google chrome غا خەنچە كىرگۈزگەندە، بىر خەتنى ئۆچۈرۈپ قايتا كىرگۈزسە داۋاملىق كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن. چوقۇم كىرگۈزگۈچنى باشقا تىلغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن خەنچىگە يۆتكىگەندە نورمال كىرگۈزگىلى بولىدىكەن. مەن بۇ bug غا بۇرۇنلا دىققەت قىلغان بىراق ئانچە ئېتىبار بەرمەپتىكەنمەن. تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن webqq ئارقىلىق پاراڭلاشقانتىم، ibus بەك ئىچىمنى پۇشۇرۇۋەتتى. بىر خەتنى ئۆچۈرسەم قايتا كىرگۈزگىلى بولمىدى. چوقۇم بايا دېگەندەك كىرگۈزگۈچنى باشقا تىلغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن خەنچىگە يۆتكەش كېرەك ئىكەن. كەچتە توردىن ئاقتۇرۇپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئاخىرى تاپتىم، كۆپچىلىككە پايدىسى تەگسە ئەجەب ئەمەس.
تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىنى تېتىپ بويىچە ئىجرا قىلىپ، google chrome نى قايتا قوزغاتساقلا بولدى.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:shawn-p-huang/ppa
uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get dist-upgrade

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×