ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەش
ئېلان قىلىنغىلى351 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 643+

Application Indicators غا Unity ئارايۈزىدىن باشلاپ جۈملىدىن 11.04 ۋە كېيىنكى نەشرلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن چەكلىمە قويۇلغان. بىراق بىز ئۇبۇنتۇنىڭ سەپلىمە ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قول بىلەن تەھرىرلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تولۇق كۆرۈنمەسلىكىنى ھەل قىلىش دېگەن يازمامدا سىن بەلگىلەرنىڭ كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلىگەن. قېنى بىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقنى بىر كۆرۈپ باقايلى.

ordering-override.keyfile ھۆججىتىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز. بۇيرۇق تۆۋەندىكىچە:

sudo gedit /usr/share/indicator-application/ordering-override.keyfile

ئېچىلغان كۆزنەكتە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بايقايمىز:

nm-applet=1
gnome-power-manager=2
ibus=3
gst-keyboard-xkb=4
gsd-keyboard-xkb=5

بۇنىڭ مەنىسى 1~5 سولدىن ئوڭغا شۇ سىن بەلگىنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز ھاۋارايى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش دېتالىMy Weather Indicator نى بۇ يەرگە قوشماقچى بولساق، شۇ دېتالغا نىسبەتەن ئۇرۇن بەلگىلەپ قويساقلا بولىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

nm-applet=1
gnome-power-manager=2
ibus=3
my-weather-indicator=4
gst-keyboard-xkb=5
gsd-keyboard-xkb=6

دىققەت: بۇ ئۇسۇل بارلىق ئىشلەتكۈچنى سىن بەلگە تەرتىپىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئورۇنغا مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتنى قۇرۇپ، ئۆزىڭىز شۇ ordering-override.keyfile نى تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ.

~/.local/share/indicators/application/ordering-override.keyfile

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 1 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە.

  1. ئۇيغۇربەگ : 2011-يىل 11-ئىيۇن14:05 جاۋاب

    ھېلىقى تورغا چىقىش مەسىلىسى ھەل بوپتۇ، .ئۇبۇنتۇغا كۆچەيمۇ كۆچمەيمۇ؟ كۆچسەم ماڭا قانداق پايدىسى بار؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 11-ئىيۇن14:08 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇغا كۆچۈڭ كۆچمەڭ دەپ يۈرسەم بولمايدۇ، بىراق ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ بېقىڭ، باشتا كۆنەلمىگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىرىڭىزنىڭ ئۆسۈپ قالغانلىقنى بايقايسىز، بۇ راست گەپ. :oops:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×