ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
جاھاننامە يۈزىدىكى يەنە بىر سۈرەت تەھرىرلىگۈچ
ئېلان قىلىنغىلى447 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 5 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 851+

مەن جاھاننامە يۈزىدىكى Photshop دېگەن يازمامدا ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە تولىمۇ ماس كېلىدىغان splashup نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىم مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر جاھاننامە يۈزىدىكى يەنە بىر سۈرەت تەھرىرلىگۈچ pixlr editor.
يېقىندىن بۇيان مەن تۇرغان جايدا بۇ بېكەت بەزىدە نورمال ئېچىلمايۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن بىر تورداش ئۆزى تۇرغان جايدا بۇ بەتنىڭ ناھايىتى نورمال ئېچىلىدىغانلىقىنى دېۋىدى، شۇڭا ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم.

ئورگان بېتى ئادرېسى: https://pixlr.com

بىۋاسىتە pixlr editor يۈزىگە كىرمەكچى بولساق بۇ ئادرېسقىلا كىرىمىز: https://pixlr.com/editor

بۇنىڭ splashup دىن ياخشى يېرى شۇكى، نۇرغۇن تىللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن خەنچە بار. psd ھۆججىتىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 5 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 4 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە.

  1. مۇخلىس : 2011-يىل 28-ئاپرېل15:41 جاۋاب

    :razz: تۈنۈگۈن قارىسام تېڭشۇنpixlr editor ۋېب qq3.0 گە قوشىۋاپتىكەن ،مەن شۇ يەردىن كۆرۇپ چىقىپ باقسام بولىدىكەن.

  2. ئوغلان : 2012-يىل 24-مارت13:27 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! كەڭ ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرى كەمىندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.

  3. ئوغلان : 2012-يىل 24-مارت13:32 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاي دەپ قايسى كۈنى كومپيۇتېر قاچىلغان بىر ئازا نۇرمال قاچىلغان قاچىلاش تامام دەپ ئۇچۇر چىقىپ (كومپيۇتېر قوزغالغاندا مەخپى نۇمۇر سورسىنمۇ دەپتىكەن مەن ھە ئە دەپ دەپتىمەن. كىيىن كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپلا يېڭپەننى تۇنۇمىدى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىغان ئىشىم ئاز قالدى. شۇنداق قىلىپ كومپيۇتېر بىئوسنى قېزىپ يۈرۈپ ھەممە يېرىنى قالايمقان قىلىپ كومپيۇتېر قوزغالغاندا بىئوستىن ئاۋاز چىقىرىپ ئوپتىك دىسكدىنمۇ ھەم قاتتىق دىسكىدىمۇ . يۇ ئەس بى دىنمۇ قوزغالماس بولدى بۇنىڭ چارىسىنى خاپا بولماي ئېيتپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن. بەختىيار ئاكا سىزمۇ ھەمدەمدە بۇلۇپ قويارسىز. ئاللاھ ئەجىرڭلارنى بەرسۇن.

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 24-مارت18:44 جاۋاب

      لىنۇكس مەشغۇلات سىسىتېمىسىغا چۇقۇم مەخپىي نۇمۇر قىلمىسىڭىز قاچىلىغىلى بولمايدۇ. راست گەپنى قىلسام Bios نى قانداق قىلغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، چۈنكى ھەممە كومپيۇرنىڭ Bios ئوخشىمايدۇ. كومپيۇتېرىڭىز قاتتىق دىسكىنىڭ ھەممىسى قايتا رايۇنغا ئايرىلىپ كەتتىمۇ، قانداق بولدى تازا ئېنىڭ ئەمەس.
      مىنىڭچە بولسا، كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى چىقىرىپ(保修期توشمىغان خاتىرە كومپيۇتېر بولسا ئېچىپ يۇرمەڭ)، باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ قاراپ بېقىڭ. مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىز بارمىكەن. بولسا شۇلارنى زاپاسلىۋېلىپ، سىسىتېمىنى قايتا قاچىلاڭ.

  4. ئوغلان : 2012-يىل 9-ئاپرېل20:14 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كۆپ رەھمەت سىزگە
    راسلا سىز دىگەندەك مەخپى نۇمۇر سالماي قاچىلاشقا ئۇرۇنۇپ بىر دانە قاتتىق دىسكىدىن ئايرىلىپ قالدىم. ھازىر يەنە بىرنى ئالدىم. مىنىڭ بەكلا ئىشلەتكۈم بار ئىدى لىكىن يەنە قاتتىق دىسكىنى كاردىن چىقىرىپ قۇيارمەنمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا لىيەنشياڭ ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسى تاختىسى بار ئىدى biosمۇ باشقا كومپيۇتېرغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكىەن. باشقىلاردىن سورىسام ھېلىقى كاردىن چىققان قاتتىق دىسكىنى biosتىن ئىتلىپ قاپتۇ دەيدۇ. رىمونىتخانغا ئاپارساممۇ شۇنداق دەپ ئامال قىلالمىدى. كومپيۇتېر قوزغىلىپ قاتتىق دىسكىنى تەكشۈردىغان يەرگە كەلگەندە orif disk دەپ چىقۋالىدۇ. قانداق قىلىسام بۇلار. بۇزۇلغان قاتتىق دىسكىنى ئىشلتىشكە يەنە ئىشىلتىشكە ئامال بارمۇ. ھە راس باشقا قاتتىق دىسكىنى سالسام تۇنۇيدۇ نۇرمال . سىزنى بەك ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئاللاھ شۇ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. رەھمەت سىزگە. :???:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×