ئۇبۇنتۇ 11.10 Oneiric نىڭ Alpha 3 نۇسخىسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىپتۇ، بايا بارماق دىسكىغا ئويۇپ قوزغۇتۇپ كۆرۈپ باقتىم، جىق ئۆزگىرىش يوقتەك، مىنىڭ بۇ نەشىرىدە ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم Unity ئارايۈزىدىكى bug لار جىقىراق تۈزىتىلىپ، مۇقىملىشىىشى. ئۇبۇنتۇ 11.04 يېڭى ئېلان قىلىنغاندا تولا قايتا قوزغۇتۇپ ھارغان ئىدىم. كىيىن PPA مەنبەسىدىن ۋاقتىدا يېڭىلاپ ھازىر كۆپ ياخشى.
باشقا تور بەتلەردىكى ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ يىڭىلىقلىرىنى تېخى بىلىپ بولالمىدىم. نىمىلا دىگەن بىلەن ھەققىي نەشىرى چىقىدىغىنىغا خېلى بار ئەمەسمۇ. مەن ھازىرچە بايقىغان ئوخشىماسلىق، سۈكۈت ئوت تۈلكىسى 6.0 قاچىلىنىپتۇ، سۈكۈت ئېلخەت قورالى Thunderbird كەن. ئۈستەل مۇھىتى gnome 3 كەن. سۈكۈت ئۇسلۇبى سەل چىرايلىق بولۇپ قاپتۇ. Ctrl+Tab كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ئۆنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەككەن، قالغىنى باشقىلار ئىشلىتىش جەريانىدا بايقارسىلەر. ھەققى نۇسخىسىغا ئەلۋەتتە ئەڭ يېڭى لىنۇكس يادېروسى ئىشلىتىلدۇ.
https://cdimage.ubuntu.com/releases/oneiric/alpha-3
ۋارىيانلىرى:
Edubuntu DVD
https://cdimage.ubuntu.com/
ئۇبۇنتۇ 11.10 ھەققىدىكى باشقا ئۇچۇرلار بۇ يەردە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يېڭى يېڭى تېخنىكىلارنى داۋاملىق تۈردە يوللاپ تۇرۇڭ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇبۇنتۇنىڭ ئالاھىدلىكى ياخشىلىق تەرەپلىرنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىڭ
مەن بۇنى قاچىلىغان لىكىنزە ھىلىقى ئۈستىدىكى ئۈچ تىزىملىكنى ھىچ تاپاممىدىم