ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇغا QQ2010 قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى401 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 19 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,067+

كۆپچىلىك QQ نىڭ Windows نۇسخىسىنى wine ئارقىلىق ئۇبۇنتۇغا قاچىلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بىراق wine دىكى bug تۇللۇق تۈزىتىلمىگەچكە ھەمىشە مەغلۇپ بولىمىز ياكى كىيىن چىققان چاتاقلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز. مەن بۈگۈن سىلەرگە QQ 2010 نىڭ windows نۇسخىسىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb بولۇقىنى تونۇشتۇرماقچى. بۇنىڭ ياسىلىش قاچىلاش پرىنسىپى wine غا قاچىلىغان qq غا ئوخشاش، بىراق چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىيالايمىز. تۆۋەندىكىسى مىنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشۈم، ئۇبۇنتۇ natty دە نورمال ئىشلىتەلىدىم.

QQ-for -wine نىڭ deb بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://www.longene.org/download/qq-for-wine_20110425.deb

ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ، ئامال بار قوش چېكىپ قاچىلىماڭ.

sudo dpkg -i qq-for-wine_20110425.deb

ئەگەر ئۈستەل يۈزىگە qq.exe سىن بەلگىسى چىقمىسا تېرمىنالدا /usr/local/wineapp/qq/ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ qq.sh بىر يۈرگۈزۈۋېتىمىز.
ئۆچۈرگەندە sudo dpkg -r qq-for-wine.deb ياكى sudo dpkg -P qq-for-wine.deb بۇيرۇق ئارقىلىق ئۆچۈرىمىز.

بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇبۇنتۇغا قاچىلىغان qq بولسا، qq 2010 نىڭ ھەممە ئىقتىدارىنى دېگۈدەك ساقلاپ قالغان، بىراق يەنىلا يەنىلا لىنۇكس ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن qq بولمىغانلىقتىن، سۈرەت سەل ئاستا، بىراق wine غا بىرمۇ بىر قول سېلىپ قاچىلىغانغا قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق.

كېلىش مەنبەسى: https://www.longene.org/forum/viewtopic.php?f=6&t=4700

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 19 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 12 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 7 پارچە.

  1. مۇخلىس : 2011-يىل 10-ماي12:46 جاۋاب

    مەن دەسلەپتە خىيال قىلماي 64 لىكنى قاچىلاپ قويۇپتىكەنمەن ،ھازىرغىچە QQ نى قاچىلىيالمايۋاتىمەن ،liux qq نى مۇ ئىنتايىن تەستە قاچىلىغان ،بۇ قانداق بولاركىن سىناپ باقاي

    • نۇرئەلى : 2011-يىل 13-ماي22:47 جاۋاب

      بولىدۇ ،خې خې … :grin:

  2. nuruz : 2011-يىل 14-ماي22:12 جاۋاب

    Open suse دا ئىشلەيدىغان Rpm بولاقچىسى بارمۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 14-ماي22:20 جاۋاب

      rpm يوقكەن. بىراق Open suse دىكى wine نىڭ مۇندەرىجىسىنى ئىشلىتىش قائىدىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. بولمىسا مۇشۇ deb بولىقىنى يىشىپ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ rpm بولىقنى ياساش تەس ئەمەستى.

  3. رېتسىپ : 2011-يىل 20-ماي08:29 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۈستىدىكى QQ نىڭ deb بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىدا مەسلە بارمۇ قانداق ….. 2 كۈن بولدى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم . :cry:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 20-ماي16:41 جاۋاب

      بۇ بېكەتنىڭ مۇنبىرى خېلى چوڭ ئىدى، يېقىندىن بىرى كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. مەنمۇ قاچىلاپ بولۇپلا deb ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىپتىكەنمەن. ئۇزۇن قالماي ئېچىلىپمۇ قالار :smile:

  4. nuruz : 2011-يىل 9-ئىيۇن01:38 جاۋاب

    بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قاچىلىغاندا ئوخشاشلا كومپىيوتىرىمىزدا Wine مۇھىتى قۇرىلامدۇ؟
    دېمەكچىمەنكى راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا كومپىيوتىرىمىزدا ۋىندوۋس مۇھىتى ھازىرلانغانلىقى سەۋەبلىك ، سېستىما بىخەتەرلىكى تەسىرگە ئۇچىرامدۇ-قانداق؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 9-ئىيۇن01:43 جاۋاب

      كومپىيوتىرىمىزدا Wine مۇھىتى ھازىرلىندۇ. بىراق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھىچ قانداق تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ. دېمەكچى بولغۇنۇم Windows ۋىروسلىرى Linux قا ھىچ قانداق تەھتىد ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئەگەر ۋىروس يۇقتى دېگەن تەغدىردىمۇ Wine قاچىلىغان شۇ دېتالغىلا تەسىر قىلىشى مۇمكىن، بىراق مەن ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم

  5. روھلان : 2011-يىل 9-ئىيۇن16:09 جاۋاب

    ئاخىرى بىلىۋالدىم دە قانداق قاچىلاشنى … يەنە بىر خىل چچ بولىدىغان 3d ئۈنۈمى بار بولغان concept دەپ ، ئۇمۇ بولىدۇ

  6. قاخشال : 2011-يىل 31-ئاۋغۇست22:00 جاۋاب

    مەن نورمال چۈشۈردۈم ، لىكى قاچىلىيالمىدىم . مىنىڭكى 11.04 نەشىرى ئىدى. ‹‹ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ، ئامال بار قوش چېكىپ قاچىلىماڭ. ›› مۇشۇ گەپنى ئانچە ئوبدان بىلەلمىدىم..

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 31-ئاۋغۇست22:27 جاۋاب

      deb بولىقىنى ئۇبۇنتۇدا قوش چىكىپ قاچىلىغىلى بولىدۇ، بىراق بۇنى مەن شۇنداق قاچىلىسام بىرمۇنچە خاتالىق چىقىۋالدى، شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالغا باشقىلارنىمۇ ئۇچۇرمىسۇن دەپ شۇنداق يېزىپ قويغان.
      ‹‹ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ›› دېگىنىم، مەسىلەن، سىز qq-for-wine_20110425.deb نى Downloads مۇندەرىجىسىگە چۈشۈرگەن بولسىڭىز، باشتا تېرمىنالدا cd Downloads دەپ كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ شۇ مۇندەرىجىگە كىرىپ، ئاندىن sudo dpkg -i نىڭ كەينىگە بايا چۈشۈرگەن deb ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ، يۈرگۈزۈپ قاچىلاڭ دېمەكچى. :smile:

  7. قاخشال : 2011-يىل 31-ئاۋغۇست23:38 جاۋاب

    找不到命令 دەپ چىقىۋالدى… مىنىڭ ئىشلەتكىنىم خەنچە UBUNTU ئىدى ، 下载 دەپ كىرەمدىم ياكى downloads دەپمۇ؟ ئىككىلى ئىسىمدا كىرىپ باقتىم ، ئوخشاش…….چۈشۈرگەن ھۆججىتىم شۇ 下载 نىڭ ئىچىدە ئىدى..

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 1-سېنتەبىر08:42 جاۋاب

      تېرمىنالنى يېڭى ئېچىپ، ls بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. سىز deb ھۆججىتىنى قويغان مۇندەرىجە قايسىسى، ئاندىن تېرمنالغا cd بىر بوشلۇق شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ يۈرگۈزۈپ، deb ھۆججىتىنى قويغان مۇندەرىجىگە كىرىڭ، ئاندىن sudo بوشلۇق dpkg بوشلۇق i- بوشلۇق deb ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قاچىلاڭ.
      بەك چۈشىنەلمىسىڭىز شۇ deb ھۆججىتىنى قوش چىكىپ قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ.
      https://www.longene.org/download/qq-for-wine_20110510.deb

  8. قاخشال : 2011-يىل 1-سېنتەبىر16:57 جاۋاب

    dpkg: error: dpkg status database is locked by another process
    مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 2-سېنتەبىر09:37 جاۋاب

      سىز ئۇبۇنتۇغا بىر نەرسە قاچىلۋېتىپسىز، ياكى apt-get نى باشقا جايدا ئىشلىتىۋېتىپسىز، شۇڭا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ.
      بىر قېتىمدا بىرلار دېتال قاچىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا سىز باشقا مەشغۇلاتلىرىڭىزنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئاندىن قاچىلاڭ.

  9. سەرخىل : 2011-يىل 11-نويابىر20:20 جاۋاب

    مەن ئىلگىرى ئۇبۇنتۇنى پەقەت ئىشلىتىپ باقمىغان. ۋىندوۋىسنى ئىشلىتەتتىم. ۋىندوۋىستا ئىشلەتكەن پوتۇشۇپ، كورىل قاتارلىق لاھىيلەش يۇمتاللىرىنى نورمال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟ سۈرئىتى ۋىندوۋىستىن تىزمۇ؟ ئۇمۇمەن ۋىندوۋىسقا قاچىلاپ ئىشلەتكەن ھەرقانداق يۇمتاللارنى نورمال ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟

  10. قەيۇم : 2012-يىل 14-مارت14:40 جاۋاب

    :arrow: ئەسسالامۇئەلەلەيكۇم…مەن چ چ قاچىلىيالمىدىم پەقەتلا بولمىدى…ھەم….سىنكارتامنى…1400+900 گەتەڭشىيەلمىدىم ..ياردەم…چ چ ..توپىنى قاتسام جىمجىتلا …ئۇچۇر يوق….. :?:

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 14-مارت15:16 جاۋاب

      QQ توپىغا 100 ئادەم تۇشۇپ كىتىپتىكەن، شۇڭا يېڭى ئىلتىماس قىلىغانلارنى قاتالمىدىم.
      سۈرەت كارتىسىنى نىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىغانمىتىڭىز؟ displays دەپ ئىزدەپ شۇ قۇرالدىن تەڭشگىلى بولاتتى. QQ نىڭ لىنۇكس ھەقىقىي نەشىرى يوق. بۇ پەقەت Windows دىكى QQ نى WINE ئارقىلىق قاچىلىلاش ئۇسۇلى. ئۇبۇنتۇنىڭ يېڭى نەشىرىدە بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بەك مۇقۇمسىز، 11.10 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، بولدى بۇ ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەڭ.

  11. قەيۇم : 2012-يىل 14-مارت15:34 جاۋاب

    سىنكارتىسىنىڭ قوزىاتكۇچىسىنى قاچىلىغان لكىن پەقەت تەڭشەلمىدى قولسىلىپ تەڭشەپ باقتىم يەنە بولمىدى…سىنكارتىنىڭ…تىپى؛NVIDIA GeForce 9600 GT (512MB)

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×