ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تولۇق كۆرۈنمەسلىكىنى ھەل قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى352 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 5 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 657+

ئۇبۇنتۇ 11.04 كە يېڭىدىن Unity ئارايۈزى ئىشلىتىلگەچكە، Unity قورال ئىستونىغا (panel) بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان. ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بۆلىشى مۇمكىن يەنى، Unity قورال ئىستونىدا (panel) يۈرگۈزۈلگەن پروگراممىلارنىڭ سىن بەلگىسى كۆرۈنمەيدۇ. مەسىلەن stardict ،xpad ،Indicator Systemload ،WINE،AIR … قاتارلىقلار.

  • ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئەگەر بارلىق قورال ئىستونىدا (panel) كۆرۈنىدىغان دېتال سىن بەلگىسىنى كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولساق، تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز:

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist "['all']"

ئەگەر ئۆزىمىز خالىغان مەلۇم بىر دېتال سىن بەلگىسىنىلا كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز: (YOUR_APPLICATION بولسا دېتال ئىسمى)

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist “['JavaEmbeddedFrame', 'Mumble', 'Wine', 'YOUR_APPLICATION']“

ئەگەر بەلگىلىگەن تەڭشەكلىرىمىزگە رازى بولماي، سىستېما سۈكۈت تەڭشىكىگە قايتۇرماقچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز:

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist "['JavaEmbeddedFrame', 'Mumble', 'Wine', 'Skype', 'hp-systray']"
  • ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى dconf-tools دېتالىنى قاچىلاش ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قاچىلاش بۇيرۇقى:
sudo apt-get install dconf-tools

بۇ دېتالنى قوزغىتىش ئۈچۈن تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز:

dconf-editor

ئېچىلغان كۆزنەكتىن desktop>unity>panel نى تاللاپ، systray-whitelist قىممىتىنى ['all'] قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويساقلا، سىن بەلگىنىڭ ھەممىسى تولۇق كۆرۈنىدۇ.

دىققەت: ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا، مەشغۇلات ئاياغلاشقاندىن كىيىن، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭلار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 5 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 2 پارچە.

  1. ئابلىمىت شاكىر : 2011-يىل 22-سېنتەبىر17:52 جاۋاب

    سىز تېڭشۈن شىركىتىنىڭ QQ

  2. ئابلىمىت شاكىر : 2011-يىل 22-سېنتەبىر18:07 جاۋاب

    سىز تېڭشۈن شىركىتىنىڭ لىنۇكىس QQ سىنى ئۇبۇنتۇنىڭ 11.04 نەشىرىگە قاچىلاپ باقتىڭىزمىكىن؟
    ئالدىدا نورمال قاچىلانمايتتى، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ قاچىلىنىدىغان قىلدىم، قاچىلاپ تىزىملاتسام يوقاپ كەتكەنتى، ئۇنىمۇ ھەل قىلدىم . ئەمدى مەسىلە شۇيەردىكى بۇ تېمىدا تونۇشتۇرغان ئۇسۇلىڭىز بويىچە قوراللار سىتونىدا QQ نىڭ سىنبەلگىسىنى كۆرۈنىدىغان قىلىۋالدىم، ئەمما ئاۋاز كونتىروللاش سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە قاتلىنىپ چىقىۋېلىپ QQ نى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايۋاتىدۇ، QQ سىنبەلگىسىنى مائۇس بىلەن باسساق، ئاۋاز كونتىرروللاش سىنبەلگىسىگە قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ كېتىپ بارىدۇ.
    ئامال يوق باشقا ئالاقە دېتاللىرىدىن Skype نى چۈشۈرۈپ سىنىسام ئوخشاش قاتلىشىۋالدى، ئەمما Skype نى نورمال ھالدا ئىشلەتكىلى بولدى.
    رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا نىسبەتەن QQ نى نورمال ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى لىنۇكىسنى ئوموملاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
    شۇڭا بىر ئامال تېپىپ چىقايلى.

    تېڭشۈن شېركىتىنىڭ QQ ئوبۇنتۇنىڭ 11.04 نەشىرىگە نورمال قاچىلانمايدىكەن، توردىن ئىزدەپ مۇشۇ ئۇلىنىشتىكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم.
    https://wenwen.soso.com/z/q284546078.htm

    https://blog.suchasplus.com/2011/06/linuxqq-install-failed-in-ubuntu-11.04-natty-error-in-Version-string-v1.0.2-beta1-version-number-does-not-start-with-digit.html

    https://blog.suchasplus.com/downloads/linuxqq_v1.0.2-beta1-version-fixed_i386.deb

    تۈگىدى.

  3. Bakhtiyar : 2011-يىل 23-سېنتەبىر20:59 جاۋاب

    كەچۈرۈڭ، ئىنكاسىڭىزدا ئۇلىنىش كۆپ بولغاچقا تەستىقلاش رايۇنىغا كىرىپ قاپتىكەن، ئەمدى بايقاپتىمەن.
    مەنمۇ مۇشۇ QQ بىلەن جىق ئېتىشىپ كەتتىم، ئادەتتە Wine ئارقىلىق Windows دېتاللىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغا بىر سۇپا قۇرۇپ، ئاندىن QQ قاچىلايمىز. ئەگەر Windows دىكى QQ نى ئىشلىتىمەن دېسەك مىنىڭچە مۇشۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق (مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Windwos قاچىلاپ ئاندىن QQ قاچىلاشنى قويۇپ تورايلى). بىراق بىر قورال بىلەن قاناقمۇ بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشنى قىلغىلى بولسۇن، سىز ھىس قىلغانسىز بەلكىم، Wine نى ئايرىم ئاندىن QQ قاچىلىغاندا ئاۋارچىلىقى بەك كۆپ، بىردەم ئاۋاز چىقمىغان، بىردەم قېتىۋالغان، بىردەم خەنچە كاتەك كۆرۈنگەن، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر مۇنچە زىھن سەرىپ قىلىدىغان گەپ، ئىشقىلىپ رازى بولمايدىكەن.

    مەن ھازىر Wine بىلەن QQ2010 نى بىرلەشتۇرۇپ ياسىغان بىر Deb بولىقى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇرۇنقىدەك كۆپ ئاۋارە بولمىغان بولساممۇ، بىراق كىشىلەردىن تاپشۇرىۋالىدىغان ھۆججەت بولمىسىلا بۇ QQ نى ئىشلەتمەيمەن. سىزمۇ ئىشلىتىپ باققانسىز بەلكىم https://www.longene.org/forum/viewtopic.php?f=6&t=4700

    ھازىر جىددىي خىزمەت ئىزدەۋاتقان بولغاچقا، بىلوگ بىلەن بەك ھەپىلىشىپ كىتەلمىدىم، خۇدايىم بۇيرۇسا ئارزۇ قىلىۋاتقان شۇ خىزمىتىمنى تېپىۋالساملا، ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىدىن بىر ئىسىم ئىلتىماس قىلاي (ھەقسىز)، ئاندىن ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە مۇنبىرىدىن بىرنى قورۇپ چىقايلى، ئادەم جىق، ئەقىل، كۆچ جىق بولىدۇ.

  4. ئابلىمىت شاكىر : 2011-يىل 24-سېنتەبىر11:36 جاۋاب

    ئەسسالام بەختىيار، جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم.
    ئاڭلىسام Wineنى قاچىلاپ ئىشلەتسە لىنۇكىسنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدۇ دەيدۇ، Wineئارقىلىق ۋىندوۋس مۇھىتى ھازىلانغاچقا ۋىندوۋس ۋىروسلىرى كىرىپ كېتەمدۇ-قانداق؟

    ياكى باشقا ۋاكالەتچى دېتاللار ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىلگىرى مەن pidgin
    نى open suse دا ئىشلىتىپ باققانىدىم، ئانچە قولايلىق ئەمەس ئىكەن.

  5. Bakhtiyar : 2011-يىل 27-سېنتەبىر23:15 جاۋاب

    بەزىلەر شۇنداق دەيدىكەن، بىراق مىنىڭچە بولسا Windows ۋىروسى، Wine ئارقىلىق يۈرگۈزۈلگەندىمۇ، لىنۇكس سىستېمىسىغا تەسىر قىلالماسلىقى كېرەك ئىدى، يەنى Windwos دىكى API يوق ئەمەسمۇ.
    بىلسىىز كېرەك مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلارنىڭ ھەممسى دېگۈدەك كۆپ ھاللاردا جاھاننامىدىن پايدىلىنىدۇ. https://linux.cn/thread-2314-1-1.html بۇ يازمىدا بىرسى Wine ئارقىلىق ۋىروس سىنىقى قىلىپتۇ، دەرۋەقە سىستېما بىخەتەرلىكىگە تەسىرى بار ئوخشايدۇ.

    ئۇبۇنتۇ ئوزىگە Empathy سەپلەگلىك، بىراق ئۇنىڭدىكى QQ يادىروسى 2008 نىڭ بولغاچقا، ھازىر كىرگىلى بولمايدىكەن، بىراق سىز GoogleCode تىن Empathy نىڭ 2010 قىستۇرمىسىنى ئىزدەپ قاچىلىسڭىز نورمال QQ غا چىققىلى بولىدۇ

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×