ھازىرقى ئورنىڭىز > باش بەت > خەتكۈش لىنۇكس قىستۇرۇلغان بارلىق يازمىلار
ئېلان قىلىنغىلى413 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 38 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,475+
سالام كۆپچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت يوقاپ كېتىپ قالدىم. ئوقۇش، خىزمەت ئىزدەش مېنى ناھايىتى ئالدىراش قىلىۋەتتى. ياراتقان ئىگەم تىرىشقانغا بېرىدىكەن. يۇرتتىن بىرمەزگىل ئايرىلىپ ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۆزۈم رازى بولغۇدەك، ئۆزۈمنى ئوبدان باققۇدەك خىزمەتكە ئېرىشتىم. ئاللاغا مىڭ شۈكرى. بىر نەچچە ئايدىن بېرى، بىلوگ يېڭىلاشقا پەقەت ۋاقتىم يەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، سوئالخانىدا، بەزىدە QQ  دا نۇرغۇن دوستلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ كەلدىم. ھەمدە يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.10 نى ئىشلىتىشتە كۆپ سورالغان سوئاللارنى ...
تولۇق ئوقۇش
ئەتە يەكشەنبە، بىر ھەپتىلىك ئالدىراشچىلىقنى تۈگۈتۈپ ئوبدان بىر ئۇخلىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن. تور ئارىلاپ ئولتۇرۇپ بۇ بېكەتتىن ناھايىتى ئالقىشقا ئىرىشكەن 100 خىل لىنۇكس ئويۇنى دېگەن يازمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، ھەمدە بىر نەچچىنى قاچىلاپ ئويناپمۇ باقتىم، چارچىغان كاللام خېلى ئارام تېپىپ قالدى. ئويلاپ باقسام بىلوگنى يېڭىلىمىغىلىمۇ خېلى بولۇپ قاپتۇ. لىنۇكسدا نەچچە مىڭلىغان ھەقسىز ئويۇنلار بار. ھازىر ناھايىتى مۇدا بولىۋاتقان كۆپ قىسىم تور ئويۇنلىرىنى لىنۇكىسدا ئويناشقا بولىمىسىمۇ (wine ئىشلەتمەي)، بىر...
تولۇق ئوقۇش
لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسى دېگىنىم، لىنۇكسدىكى ھۆججەت خاسلىقى. لىنۇكسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەنلەر، ھەرقانداق لىنۇكس سىستېمىسىنىڭ ھۆججەت ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى تەپسىلىي ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن ئۇبۇنتۇدا نېمىشقا ئادەتتىكى قوللانچى ھالىتىدە سىستېمىغا كىرىپ دېتال قاچىلىغاندا بۇيرۇق ئالدىغا sudo نى قوشىمىز. چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنى ھوقۇقى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز بۇيرۇقنى دەرىجىدىن تاشقىرى قوللانچى root ھالىتىدە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز. قېنى مەن تۆۋەندە لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇ...
تولۇق ئوقۇش
ئېلان قىلىنغىلى562 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 33 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,191+
YLmf OS 4.0 بولسا مىنىڭچە لىنۇكس Mint نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىكەن. جۈمىلىدىن يەنە شۇ ئۇبۇنتۇكەن. خۇدايىم نىسىپ قىلسا ئوزاققا قالماي مەنمۇ بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تارقىتىمەن . نۇرغۇنلار 雨林木风 گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم تارقىتىلغا YLmf OS 4.0 بولسا پۈتۈنلەي جوڭگولىقلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېچىلغاچقا، ئۇنىڭدا بىز كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۆنگەن دېتا...
تولۇق ئوقۇش
ناھايىتى ئىلغار لىنۇكس سۈرەت تەھرىرلىگۈچىسى كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندا Pitivi Video Editor ناملىق سۈرەت تەھرىرلىگۈچ سىستېما بىلەن بىرگە سەپلەنگەن. مەن بۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەمدە ئىقتىدارى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان سۈرەت تەھرىرلىگۈچ OpenShot Video Editor نى تونۇشتۇرماقچى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: خالىغان ئورۇننى كېسىپ تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. ئاۋاز ۋە سۈرەتنى ئايرىم تەھرىرلىيەلەيمىز. قولايدىغان ھۆججەت شەكلى كۆپ خىل. . . . قاچىلاش بۇيرۇقى: www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo add-ap...
تولۇق ئوقۇش
ئېلان قىلىنغىلى597 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,883+
تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىم لىنۇكس سىستېمىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 6 دانە ++IDE C/C (توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتى). Anjuta Anjuta بولسا ناھايىتى نۇرغۇن پروگرامما تىللىرىنى قوللايدىغان IDE. ئۇ ناھايىتى ئەپچىل تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، بىر قېتىمدا نۇرغۇن ھۆججەتنى تەڭ ئېچىپ تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ GNOME پروگراممىسى يازغاندا، بەزى كودلارنى ئۆزىمىز قول سېلىپ يېزىشىمىز ھاجەتسىز. ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش بۇيرۇقى: www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install anjuta ئورگان بېتى: https://anjuta.sourceforge.net NetB...
تولۇق ئوقۇش
20 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ يازدا Linus Torvalds پۈتۈن دۇنياغا ئۇ ئۆزى يازغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ GPL كېلىشىمىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى قىلدى. مۇشۇنىڭدىن باشلاپ لىنۇكس يوقلۇقتىن زورىيىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادىكى داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالدى. ھازىر لىنۇكس بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك سىڭىپ كىردى. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان Android مۇ بىر لىنۇكس سىستېمىسى. بۇرۇن لىنۇكس فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى Jim Zemlin بىر يىغىندا Linus Torvalds يازغان لى...
تولۇق ئوقۇش
لىنۇكس ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان يۇنىكس. بىز ھەمىشە ئاڭلايدىغان لىنۇكس بولسا GNU/Linux. يەنى لىنۇكس يادروسى قوللىنىلغان GNU مەشغۇلات سىستېمىسى. لىنۇكس بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا بولمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قورۇلغان لىنۇكس نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ. شۇڭىمىكىن لىنۇكس نۇسخىلىرى ساماندەك كۆپ. بىراق لىنۇكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى ‹‹ئىختىيارىي، ئوچۇق كود، دوستانە ياردەم›› . مەن ئۆتكەن ھەپ...
تولۇق ئوقۇش
لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ھۆججەت تەھرىرلىگۈچ بولسا vi/vim بولۇپ، بۇنى windows دىكى txt . ھۆججىتى بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ (مېنىڭچە vi/vim بولسا txt . دىن كۆپ ئىلغار). سىز Linux ئىشلىتىدىكەنسىز بۇ ئىككى خىل تەھرىرلىگۈچنى چوقۇم ئىشلىتەلىشىڭىز كېرەك. مەن تۆۋەندە ئۆزۈم بىرقەدەر ياقتۇرىدىغان vim تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق كۆپلۈككە Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھۆججەت تەھرىرلىگۈچنى قانداق ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. vim نى vi نىڭ نەشرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ...
تولۇق ئوقۇش
س:linux نىڭ نېمىشقا شۇنداق كۆپ نۇسخىلىرى بار؟ ج:linux بولسا بىر خىل مەشغۇلات سىستېمىسى، يەنى ئىچكى يادرونى(内核) كۆرسىتىدۇ، بىراق دائىم رەسمىي ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلار ئىشلىتىدىغىنى بولسا تارقىتىلغان نۇسخىسى. لىنۇكس(linux)نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرى بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئېلخەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ linux تىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەمدە مۇتلەق كۆپ سانىدىكى...
تولۇق ئوقۇش
تاقاش×