ھازىرقى ئورنىڭىز > باش بەت > تەرجىمە

ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ‹‹ ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گورۇپپىسىدىكى›› لەرنىڭ مىھنەتسىز ئەمگىكى بىلەن ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بىراق ئادەم كۈچى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن سۈرەت يەنىلا ئاستا. بىرەرىنىڭ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېزىشىنى ياكى تەرجىمە قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، شارائىتى يار بېرىدىغانلار تەرجىمە خىزمىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشساق، پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئېرىشەتتۇق ئەمەسمۇ.
ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى:

https://translations.launchpad.net/ubuntu/maverick/+lang/ug

Gnome 3.0 نىڭ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى تور بېتى:

https://l10n.gnome.org/languages/ug/gnome-3-0/ui

ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار:

https://kenjisoft.homelinux.com/atalghu

تەرجىمە خىزمىتىدە ئىشلىتىدىغان قورال Omeget نى ئىشلىتىش:

https://kenjisoft.homelinux.com/soft/LightNEasy.php?page=ome_heqqi

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار launchpad.net دىكى  Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ باش بېتى

(https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug) دىن ئېلىندى.

بۇ Ubuntu نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان گۇرۇپپىدۇر. سىزنىڭمۇ بۇ ئىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز سىزگە ئېھتىياجلىق.

گۇرۇپپىنىڭ نامى(ئۇيغۇرچە): «Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى»

ئىنگلىزچە نامى: «Ubuntu Uyghur Translation Group»

تور بېتى: https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug

گۇرۇپپىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: «ubuntu-l10n-ug@lists.launchpad.net» (گۇرۇپپىغا قوشۇلمىغانلار ئېلخەت ئەۋەتەلمەيدۇ).

بولاقلارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىنى https://translations.launchpad.net/ubuntu/lucid/+lang/ug دىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال launchpad.net قا تىزىملىتىشىڭىز شەرت.

تىزىملىتىش ۋە گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۇسۇلى:

1. تىزىملىتىش

https://login.launchpad.net

كىرىپ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «No, I want to create an account now » دېگەننى تاللاپ، ئاخىرىدا «continue» دېگەن توپچىنى چەكسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەت ساندۇقىڭىزغا بىر ئېلخەت بارىدۇ. ئېلخەتتىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز توركۆرگۈ ئېچىلىپ سىزدىن، نامىڭىزنى(«Display name: » )، ھەم ئىم(پارول) نى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەلەپنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن «continue» باسسىڭىزلا Launchpad قا تىزىملىتىش تاماملىنىدۇ.

2. Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىش

تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، قايتا https://launchpad.net/ قا كىرىسىز، بۇ چاغدا ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز كۆرۈنسە، سىزنىڭ نورمال كىرەلىگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

تەرجىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم «Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا» قاتنىشىشىڭىز زۆرۈر. بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۈچۈن،

https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug

چەكسىڭىز سول تەرەپتە «Join the team» دېگەن يەر بار، شۇ يەرنى چېكىپلا، ئاستىدىكى «Join» دېگەن توپچىنى باسسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سىزنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، سىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولالايسىز، ھەم ئۇيغۇرچە تەرجىمىگە قاتنىشالايسىز.

تەرجىمىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

  • تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم بۇرۇنقى تەرجىمىلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  •  بىرەر ھۆججەتنىڭ تەرجىمىسى تاماملانغاندا چوقۇم ئۇنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈڭ(ئۇيغۇرئېدىتنى ئىشلىتىپ).
  •  تەرجىمىنى توردا تۇرۇپمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، بىراق بىز بۇنى تەۋسىيە قىلمايمىز. تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەتنى چوقۇم كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ تېجىمە تاماملانغاندا ئاندىن ئۇنى يەنە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلارنى قاملاشتۇرالمىسىڭىز(تىل قىيىنچىلىقى تۈپەيلى)، «ubuntu-l10n-ug@lists.launchpad.net»  غا قايسى بولاقنى تەرجىمە قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. بىز سىزگە ھۆججەتنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. تەرجىمە تاماملانغاندا يەنە گۇرۇپپىغا ئەۋەتسىڭىز بىز سىز ئۈچۈن launchpad.net غا يوللاپ بېرىمىز.
 تەرجىمە ۋە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا قوشۇش قاتارلىقلار ھەققىدە: https://kenjisoft.homelinux.com/ubuntulinux.pdf نى كۆرۈڭ(سەل كونىراق مەزمۇن شۇنداقتىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار)

بۇنىڭدىن سىرت 2008-يىلى Ubuntu تەرجىمىسىنى باشلىغاندا كۆپچىلىك بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر: https://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=329 بار.

بۇنىڭدىن سىرت 2008-يىلى Ubuntu تەرجىمىسىنى باشلىغاندا كۆپچىلىك بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر: https://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=329 بار.

Upstream ھەققىدە:

Ubuntu دا Upstream دەيدىغان بىر گەپ بار، بۇ Launchpad.net دىمۇ تەرجىمە قىلىش بولىدىغان Gnome، KDE، XFCE دەيدىغان دېتاللارنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ Upstreamلارنى Launchpad.net دا تەرجىمە قىلسا، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئۇلارنىڭ باش تەرجىمە مەركىزىگە يوللانمايدۇ.
Launchpad.net دىكىلەر بۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى چوقۇم Upstream نىڭ باش تەرجىمە مەركىزىگە يوللاپ بېرىشنى ياكى بولمىسا بۇلارنى Launchpad.net دا ئەمەس، Upstream نىڭ باش تەرجىمە مەركىزىدە تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
«Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى» مۇ بۇنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بىر قىسىم Upstream لارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش مەركىزى تۆۋەندىكىچە:

يازما ئەسىلى ئادىرىسى : https://kenjisoft.homelinux.com/atalghu

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆرۈلگىنى 4,871+

ھازىرغىچە 16 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 10 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 6 پارچە.

  1. ئوكيان242 : 2011-يىل 9-مارت18:52 جاۋاب

    مەن بەك كوپ قىتىم قاچىلاپ باقتىم لىكن ئانچە ئوڭۇشلۇق بولماي قالدى ئەمدى راس گەپنى دىسەم بۇ سىستىمىنى گوسىت ئىكىسپىدەك بىر كۇنۇپكىدا قاچىلايدىغان قىلغىلى بولماسمۇ
    مىنىڭ خەنزۇچىدىن پەقەتلا خەۋىرىم يوق لىكىن ئەرەپچىنى ئوتتۇرا ھال بىلىمەن مەخسىتىم مەندەك بىلمىگەنلەرگە قولاي بولامدىكى دەيمەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    بەلكى كىيىنچە بوپ قالا ھە؟ :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 10-مارت02:21 جاۋاب

      منىڭ مەسلىھەتىم، ئۇبۇنتۇنى wubi قاچىلاڭ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، قاچىلاش ئۇسۇلىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.https://www.uyghurix.net/ugubuntu/ubuntuni-wubi-qachilash.html
      مۇرەككەپ بولغان قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا ئايرىش باسقۇچىنى باسمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇبۇنتۇنى ئەرەبچە قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز. قاچىلاش ئىشلىتىش جەريانىدا باشقا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ، بىرلىكتە ھەل قىلايلى.

  2. تۇمان : 2011-يىل 12-مارت03:17 جاۋاب

    رەخمەت سىلەرگە مەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلىيالىدىم لېكىن ئۈستەل يۈزىدە ھېچنىمە يوق . يەنە بىرى سىلەرنىڭ تور بېتىڭلار نورمال كۆرىنمەيدىكەن.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-مارت01:54 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغان ئۈستەل يۈزىدە ھىچنىمە بولمايدۇ. سىن بەلگىلەرنى ئۈستەل يۈزىگە ئۆزىڭىز چىقىرسىز. بەتنىڭ ئۇبۇنتۇدا نورمال كۆرۈنمەسلىكىدىكى سەۋەب، سىز تېخى ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىماپسىز. https://www.uyghurix.net/ugubuntu/biket-heqqide بۇيازمىنى كۆرۈڭ.

  3. تورباجىن : 2011-يىل 13-مارت06:11 جاۋاب

    مەخپى نۇمۇر دەپ چىقىۋالدىغۇ؟قانداق قاچىلايمەن؟ يول كۆرسەتسەڭلار!

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-مارت06:22 جاۋاب

      بېكەتنىڭ ئاساسىي ساۋات تۈرىدە قانداق قاچىلاش توغرىسىدا يازما ۋە ۋىدېئو بار، تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر يەنە قانداق قىيىنچىلىق بولسا خەت قالدۇراسىز.

  4. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 19-مارت03:42 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن ubuntu 10.10 مۇۋەپپقيەتلىك قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن شۇنداق نۇرمال لىكىن شۇ deb ھۆججىتنىنى بىرۋاستە ئىجرا قىلسام قاچىلمايۋاتىدۇ…مۇشۇ ھەقتە تەلىىم بەرگەن بولسڭىز…
    بولسا tar.gz ھۆججەتلىرنى قاچىلاش ئۇسۇلىنىمۇ كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز…

  5. Bakhtiyar : 2011-يىل 19-مارت04:21 جاۋاب

    deb ھۆججىتىنى بىۋاستە قاچىلىغىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. سىز xxx.deb ھۆججىتىنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز، تېرمىنالدا xxx.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ ئاندىن sudo dpkg -i xxx.deb بۇيرىقىنى يۈرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ.
    xxx.tar.gz نى قاچىلاشتا، شۇ پىرىسلانغان ھۆججەت ئىچىدا ئادەتتە قاچىلاش تەرتىپى تۇنۇشتۇرىلغان readme دىگەندەك ھۆججەت بار. مەسىلەن سىز ئۇنى يىشىپ xxx دىگەن ھۆججەت قىسققۇچقا ئىرىشىسىز. ئاندىن تېرمىنلدا xxx نىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ sudo ./configure،make،make install دىگەندن بۇيرۇقنى تەرتىپ بويىچە يۇرگۈزسىز (بۇ پەقەت مىسال بەزى tar.gz لار ئوخشىمايدۇ ). ئەگەر configure نى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا chmod بۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ ھوقوق تەڭشەيسىز.

  6. 1987 : 2011-يىل 21-ئىيۇن21:53 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتىگە يېڭى قاتناشقانلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئىشلار يېڭىچە ۋە غۇۋا تۇيۇلىدىكەن. شەخسەن مەن دەسلەپتە تازا بىلىپ بولالمىغان. نىمە قىلىشنى بىلىۋالسىلا مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەرنى قىلغىسى بار. شۇڭا بىر سۈرەتلىك بىرەر نەرسە ئىشلىنىپ 56 ياكى youku غا يوللانسا قىلغۇسى بارلار بىرلا كۆرۈپ ئۆزى قىلىدىغان ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالسا ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 21-ئىيۇن22:59 جاۋاب

      ئەمىليەتتە ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىش ناھايىتى ئاسان. سىز ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە قىلماقچى بولغان po ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، ياكى تور بەت يۈزىدە ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلالغان خالىغان جاينى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
      تەرجىمەگە قاتنىشىشىنىڭ بىر PDF كىتابى بولىدىغان، مەن تېپىپ مۇشۇ يەرگە چىقىرىپ قوياي

  7. بىغەم : 2011-يىل 3-ئاۋغۇست15:27 جاۋاب

    ئوبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسى تولۇق پۈتۈپ بولمىدىمۇ؟

  8. يارقىن : 2011-يىل 29-دېكابىر10:45 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى نەدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

  9. ئۇچقۇن : 2011-يىل 29-دېكابىر19:51 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    ئۇستازلار مەن ئەمدىلا ئۇبۇنتۇ سىستىمىسىنى قاچىلىغان ئىدىم ، مەن قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، قانداق مەشخۇلات قىلىشنى بىلەلمىدىم ، مەن قەيەردىن باشلاپ ئۇگەنسەم بولىدۇ؟
    ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇنى قەيەردىن چۇشۇرىمىز؟

  10. سۇكۈت : 2012-يىل 29-ماي15:59 جاۋاب

    ياخشىمۇ سىز؟ مەن قۇرلۇش لاھىيىلەيمەن. مىنىڭ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللىرىم ئاساسلىقى autocad ۋە تىيەنجىڭ شىركىتىنىڭ ۋىندوۋس مۇھىتىدا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللىرى ، مەن ئوبۇنتو مەشغۇلاتسىستىمىسىنى ئىشلەتسەم يۇقارقى يۇمشاق دىتاللىرىمنى نۇرمال ئىشلىتەلەمدىم؟

  11. Bakhtiyar : 2012-يىل 29-ماي16:37 جاۋاب

    AutoCAD نىڭ لىنۇكس نۇسخسى يوق. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا AutoCAD بىلەن ئازراق ئۇچۇراشقان، بىراق مەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا جىق نەرسە بىلمەيدىكەنمەن. Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن CAD دەپ ئىزدىسەم، AutoCAD غا ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان نۇرغۇن دېتاللار چىقتى. بىراق بۇ دېتاللارنىڭ سىزنىڭ خىزمەت ئىھتىياجىڭىزدىن چىقالايدىغان چىقالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. 百度 دىن ئىزدىسەم، لىنۇكس مۇھىتىدا ئىشلىتىشە بولىدىغان خېلى كۆپ دېتاللارنى بىرسى يېزىپ قويۇپتۇ، كۆرۈپ باقسىڭىز.
    https://zhidao.baidu.com/question/279622202.html
    بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك Windows نۇسخىسى بارغۇ دەيمەن. ئەگەر بىرەرسىگە كۆنەلىسىڭىز، Ubuntu ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ Google دىن ئاقتۇرۇپ بېقىڭ.

  12. ئارىسلان : 2012-يىل 25-دېكابىر23:31 جاۋاب

    centos بىلەن ubuntu نىڭ پەرقى چوڭمۇ ؟ دېمەكچى قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە بۇيرۇقلىرىدا …

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×