مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇنى adsl ئارقىلىق تورغا ئۇلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
- تېرمىنال ئارقىلىق ئۇلاش
بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلساقلا بولدى.
adsl تورغا چىقىش كارتا نومۇرىنى مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزىمىز.
تەڭشەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى تۆۋەنكى بۇيرۇق ئاقىللىق تورغا ئۇلايمىز.
توردىن ئۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەنكى بۇيرۇقنى
ياكى بۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
- Network manager ئارقىلىق تورغا ئۇلاش
ئۇبۇنتۇنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر تېرمىنال ئىشلىتىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. Network manager بولسا ئۇبۇنتۇغا سەپلەگلىك تور باشقۇرغۇچ بولۇپ ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان. ئالدى بىلەن ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرىقى تەرىپىدىن Network manager نى تېپىپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.
ئېچىلغان كۆزنەكتىن adsl نى تاللاپ ئاندىن add نى بېسىپ adsl تورغا چىقىش كارتا نومۇرىنى مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ apply نى بېسىپ تەڭشەكنى ساقلايمىز (service قا كىرگۈزمىسەكمۇ بولىدۇ).
تورغا ئۇلاش ئۈچۈن ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرىقى تەرىپىدىن Network manager نى چېكىپ بايا قوشقان adsl تەڭشىكىنىڭ ئىسمىنى چەكسەكلا تورغا ئۇلىنىدۇ. ئۈزۈش ئۈچۈن adsl تەڭشىكىنىڭ ئىسمى ئاستىدىكى ئۈزۈشنى چەكسەكلا بولدى.
مەنمۇ ئۇبۇنتۇ قاچىلاپ ئىشلىتەي دېگەن. ماۋۇ تېمىڭىزدىكى تورغا ئۇلاش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە باشقا تورغا چىقىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم تېلگىرافنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى كەڭبەلباغ تورى ، مەخسۇس دېتالى بىلەن تورغا چىقىمەن. pope بولسىمۇ لېكىن بىراقلا نومۇر ۋە مەخپىي نومۇرنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ تورغا ئۇلىغىلى بولمايدۇ.