ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا Ibus ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
ئېلان قىلىنغىلى680 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 78 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,891+

مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى يەنى سىستېمىغا سەپلەگلىك بولغان IBus ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ‏IBus سىستېمىغا سەپلەگلىك بولغان يۇمتال بولۇپ ئەگەر ئۆچۈرۋەتكەتلەر بولسا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىستېمىدا سەپلەگلىك بولسا قاچىلاش ھاجەتسىز. ئەڭ ياخشىسى System>>Prefence نى ئېچىپ قاراپ بېقىڭلار.

قاچىلاش بۇيرۇقى:

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install ibus

ئاندىن يۇمتال قاچىلاش ئورنى بولغان ‏System>>Administration>>Synaptic Package Manager نى ئېچىپ ئۇنىڭدىن IBus m17n قىستۇرما دېتالىنى چۈشۈرىمىز. ئادەتتە ubuntu 10.04 ئىشلىتىۋاتقانلار بۇ باسقۇچنى قىلمىسىمۇ قىستۇرما دېتال سىستېما بىلەن بىرگە IBus قا قاچىلاقلىق. بۇ قىستۇرما دېتالدا دۇنيادىكى ھەممە تىل دېگۈدەك بار. بىز كۆزنەك ئۈستىدىكى ئىزدەش رايونىغا IBus m17n دەپ كىرگۈزۈپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.

Ibus نى قايتىدىن قوزغىتىپ Input Method دېگەن ئورۇندىن، ئۇيغۇرچىنى تاللاپ Add نى بېسىپ قوشساقلا بولدى.

ئەمدى IBus نى سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىپ بەلگىلەيمىز. ئالدى بىلەن System>>Prefence>>Start Up Aplication نى ئىچىپ بىرىنچى قۇرغا ئىسمىنى ئىككىنچى قۇرغا IBus نى قوزغىتىش بۇيرۇقى /usr/bin/ibus-daemon -d نى كىرگۈزىمىز (ئادەتتە سىستېما قاچىلىغاندىلا بۇ يەر تەڭشەكلىك).

يۇقىرىدىكى مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ibus نى قايتا قوزغاتساق ياكى سىستېمىدىن چېكىنىپ ياكى قايتا قوزغىتىپ كىرسەكلا بولدى. تىل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl + Space نى باسىمىز. سىستېمىدا ئۇيغۇرچە خەت توغرا كۆرۈنۈشى ئۈچۈن كومپيۇتېرغا چوقۇم ئۇيغۇرچە Unicod خەت شەكلى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.

بىز جۇڭگودا ياشايدىكەنمىز كومپيۇتېرىمىزدا خەنچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا بولما. Ibus سەپلەنگەن پىنيىنچە كىرگۈزگۈچ ياخشى ئەمەس. نىڭ m17n قىستۇرما دېتالىدىكى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ پەقەت ياخشى بولمىغانلىقتىن مەن تۆۋەندە windows دىكى 搜狗 كىرگۈزگۈچى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان خەنزۇچە كىرگۈچنى IBus قا قاچىلاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى. ئالدى بىلەن System>>Administration>>Synaptic Package Manager نە ئېچىپ ئىزدەش رايونىغا IBus pinyin دەپ كىرگۈزىمىز، ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىستۇرما دېتاللارنى قاچىلايمىز.

ئاندىن IBus نى ئېچىپ بايا ئۇيغۇرچىنى قوشقاندەك Pinyin نىمۇ قوشىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 78 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 7 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 68

  1. ئېرشات : 2011-يىل 20-مارت15:19 جاۋاب

    chromium دا «ە»ھەرېپ كاتەكچە چېقۋالدى.قانداق ئوڭشايمەن؟ :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 20-مارت17:11 جاۋاب

      ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قاچىلىمىغاننىڭ ئىشى. ۋاقتىنچە firefox ئىشلىتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. ئەگەر chromium دا نورمال زىيارەت قىلماقچى بولساڭ https://www.uyghurix.net/ugubuntu/biket-heqqide بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپ چىق. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  2. ئېرشات : 2011-يىل 22-مارت14:45 جاۋاب

    ھەقېقەتەن ئوڭشالدى. :mrgreen:

  3. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 5-ئىيۇل11:26 جاۋاب

    لىكىن مەن قاچىلىغان ubuntu 11.4 نۇسخىسىدا خەنچە ئىنگىلىسچىدىن باشقا تىللار يوقكەن..
    تاللايدىغان ئورۇندىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن…
    :???: deb ھۆججىتى بولسا تەمىنلىسەڭلار. ئۆيدە تور بولمىغاچقا خىلى قىيىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 5-ئىيۇل16:18 جاۋاب

      https://code.google.com/p/ibus/downloads/list بۇ ئادرېستىن ibus m17n قىستۇرمىسىنىڭ ئەسلىي كودىنى چۈشۈرۈش، يىشىپ قارىسىڭىز ئىچىدە INTALL دەپ بىر ھۆججەت بار شۇنى يۈرگۈزۈپ، سىناپ بېقىڭ. ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ Ibus نەشىرى 1.3.9 بولغاچقا بولامدۇ يوق بىلمەيمەن.
      قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Ibus نى ياكى سىستېمىنى قايتا قوزغىتىسىز ئۇنتۇپ قالماڭ

  4. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 6-ئىيۇل00:22 جاۋاب

    سىزگە كۆپ رەھمەت. مەن سىناپ باقاي

  5. سەرخىل : 2011-يىل 14-نويابىر16:05 جاۋاب

    Firefox 8 دە پەقەت سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلسام نورمال چىقتى . بىراق باشقا ئۇيغۇرچە بەتلەرنى زىيارەت قىلسام خەتلەر بىنورمال چىقتى. مىنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىندوۋىس 7 .

  6. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 6-مارت19:46 جاۋاب

    قوش سىستىما ھالەتتە گوستىنى قايتا قاچىلىسام، ئوبۇنتۇغا قانداق كىرىمەن.

    جىددىي يارىدەم قىلساڭلار!!!!!!

  7. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 6-مارت19:55 جاۋاب

    قايسىڭلار بار!!!!!!!!!

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 6-مارت21:31 جاۋاب

      windows نى قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن، قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ ئالدى يەنى MBR دىكى قوزغىتىش پروگراممىسى (引导程序) قايتا قاچىلانغاچقا، ئۇبۇنتۇنى قوزغىتالمايدۇ، شۇڭا سىز ئۇبۇنتۇ ئوبتىك دىسكىسى(بارماق دىسكىغا ئويۇلغان بولسىمۇ بولىدۇ) ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇپ، grub نى قايتا قاچىلاڭ.
      تۆۋەندىكى يازمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ
      https://www.uyghurix.net/ugubuntu/win7ni-qayta-qachilighandin-kiyin.html

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×