ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا سىستېمىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تازىلاش يۇمتالى Ubuntu Tweak
ئېلان قىلىنغىلى680 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 66 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,005+

بىز بۇرۇن windows نى ئىشلىتىپ كۆنگەن، ئۇنىڭدا بىزنىڭ سىستېمىنى باشقۇرۇشىمىزغا ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن يۇمتاللار بار.بۇنداق يۇمتاللار ئۇبۇنتۇدىمۇ بارمىدۇ؟ بۇ بەلكىم بەزىلىرىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بۇلىشى مۇمكىن.
بۈگۈن مىنىڭ سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇنداق بىزنىڭ ئەخلەتلەرنى تازىلىشىمىزغا ۋە ئۇبۇنتۇنى گۈزەللەشتۈرىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان قورال ubuntu tweak.
بۇ يۇمتالنى ئۇبۇنتۇ 10.04 غا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ:
ppa يېڭىلاش مەنبەسىنى قۇشىمىز.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:tualatrix/ppa

سىستېمىنى بىر قېتىم يېڭىلايمىز.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update

تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ubntu tweak نى قاچىلايمىز.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install ubuntu-tweak

سىز بۇنى Applications—>System Tools—>Ubuntu Tweak ئارقىلىق ئاچسىڭىز بولىدۇ.

كىرىش ئېكرانىنى بەلگىلەش ئارقىلىق، كىرىش ئېكرانىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە كىرىشتىكى سۈرەتنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

يۇمتال يېڭىلاش مەنبەسىنى ئۆزگەرتىش كۆزنىكى، سىز بۇ ئارقىلىق مەنبەنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

GNOME بەلگىلەش كۆزنىكى، بۇ ئارقىلىق كۆزنەكنىڭ ھەرخىل ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى تەڭشىيەلەيسىز.

كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش كۆزنىكى، بۇ ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز.

ubuntu tweak نىڭ ئۇچۇرلىرى.

ھەرخىل ھۆججەتلەرنىڭ ئورنى، سىز بۇ يەردىن بۇلارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
يەنە تېخى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھۆججەتلەرنى يېڭىلاش جەريانىدا چۈشۈپ قالغان قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز. ئىشقىلىپ ئۇ ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان قورال.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 66 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 0 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 66

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟


    تاقاش×