كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ رەسمىي نۇسخىسى مۇشۇ 4-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ alpa-3 سىناق نۇسخىسىنى، بېكەتنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيمىز. ئۇبۇنتۇنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ مۇقىملىشىپ بولدى. alpha-3 نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك، ھازىر بىر قىسىم bug لار تۈزىتىلىۋېتىپتۇ. قېنى بىز ئۇنىڭ ئارايۈزىدىن بىر ھۇزۇرلىنىپ باقايلى.
ھەقىقي نۇسخىسىغا تاقىتى-تاق بولغانلار، ئىچ پۇشىغىڭلارنى چىقىرارسىلەر.
نىمە دىگەن پەيزى.ئۇبۇنتۇ ھەقىقەتەن نوچىكەن جومۇ!
شۇنداق، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى مەشغۇلات سىستېمىسى.
ubuntu غا بارغانسىرى ئامراق بولۇپ قالدىم،قوش سېستىما قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن،خىزمەتتىكى بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ubuntuنۇسخىدىكىسى بولغان بولسا ئىدى،مۇشۇنىلا ئىشلىتەرمەنكەن