ئۇبۇنتۇ 10.04 beta1 ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىدە بۈگۈن تارقىتىلدى. ئۇبۇنتۇ 10.04 beta2 مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى نامزات بولغان RC نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى تارقىتىلىدۇ. رەسمىي نۇسخىسى بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى تارقىتىلىدۇ. ئۇبۇنتۇ 10.04 beta1 چۈشۈرۈش مەنزىلى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە تەمىنلەندى.
ئۇبۇنتۇ 11.04 بولسا، ئۇبۇنتۇ تارقىتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جىق ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن نۇسخا بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ يېڭى Unity ئۈستەل ئارايۈزى قوللىنىلغان. كومپيۇتېر سەپلىمىسى 3D ئۈنۈمىنى ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە، 2D شەكلىدىكى Unity ئۈستەل يۈزى تەمىنلەنگەن. Linux kernel 2.6.38 يادرو ئىشلىتىلگەن.
ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەركىزى پۈتۈنلەي يېڭىچە
ئايرىم netbook نۇسخىسى (خاتىرە كومپيۇتېر نۇسخىسى) تارقىتىلمايدۇ
.
.
.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.ubuntu.com/testing/natty/beta#Download%20Beta
ئۇبۇنتۇ 11.04 beta1 تارقىتىلدى
[ئالدىنقىسى] ئۇبۇنتۇدا جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G كارتىسى ئارقىلىق تورغا چىقىش
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن (2)
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن (2)
بۇ نوسخا بەك ئۆزگىچە ئىشلىنىپتۇ. تۈنۈگۈن قاچىلاپ سىناپ باقتىم، راستىنلا بەك ئېسىل ھەم كۆركەم ئىكەن. ubuntu 10.10 نى windows xp غا ئوخشاتساق، ماۇۋنى windows 7 گە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
شۇنداق پۇتۇنلەي ئۆزگىچە ئىكەن. مەن 12.04 چڭققۇچە 10.04 ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىغان، بىراق 11.04 نى ھەقىقەتەن مىنى تەققازا قىلدى.
11.04 نى ھەقىقەتەن ياخشىكەن …بىراق نەنى بىسىپ قۇيدۇمكى ئىكراندا ھىچنىمە كۇرۇنمەيۋاتدۇ ..ئەسلى باتتى …قايتا قايتا قۇزغاتساممۇ شۇنداق ..ئۇستىدىكى يەنە سۇل تەرەپتكى بەلگىلەر يۇق …قانداق قىلسام بۇلدۇ ..ئنگلىزچىسىنى قاچلىۋاپتىمەن
كاساپەتنى كۆركەم ئىشلىگەن بىلەن چاتىقى تولا ئىكەن. مېنىڭمۇ بۇزۇلدى. ھەل قىلالماي 10.10 نى قاچىلىۋەتتىم. رەسمىي نوسقىسى چىققۇچە ساقلايلى.
مەن ئۇبۇنتۇنىڭ 11.04 beta1 نى چۇشۇرگەنتىم،لېكىن قاچىلىغىلى بولمىدىغۇ؟ بىرەر يەرلىرىنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ نىمە؟ 10.10 نى قاچىلىسام شۇنداق نورمال~ ياكى قاچىلاش ئۇسسۇلى ئوخشىمامدۇ~
ئىچىدە wubi.exe بارمۇ يوق. بولسا ئەشۇ ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم چۈشۈرگەندە باشقا شەكلىنى چۈشۈرۋالغان ئوخشايسىز
wubi.exe باركەن ، لېكىن قاچىلاپ ئوتتۇرغا كەلگەندە، خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى..
قانداق خاتالىق؟ مەزمۇننى دەپ بېرەلەمسىز؟ كۆپچىلىك ھەپىلىشىپ باقايلى