ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما
ئېلان قىلىنغىلى596 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 54 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,380+

كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى تۈنۈگۈن تارقىتىلدى. مەن تۈنۈگۈن QQ توپىدا كۆپچىلىك بىلەن مۇڭداشقاچ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئورگان بېتىدىن بۇرۇن تەمىنلىگەن، بۇ ۋاققا ماڭا ئوخشاش قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار باردۇر، ھى…ھى…
ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ جۇڭگودىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چۈشۈرۈش بېتىگە يوللاپ قويدۇم.
قايسى كۈنى يەنە QQ توپىدا بەزىلەر بىر كۈندە ئۇبۇنتۇ نەچچە قېتىم قايتا قاچىلىغانلىقىنى دېگەن، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىكى بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلارنى، مۇ شۇ يازمىغا يىغىنچاقلىدىم. كۆپچىلىك ئەگرى يولنى ئاز ماڭسا دېگەن ئۈمىدىمەن.
ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى ئىقتىدارى دېگەن يازمىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار، تىلى ئىنگلىزچە بولسىمۇ، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۇبۇنتۇ 11.04 كە بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشقۇسى.

  • قاچىلاش باسقۇچى

قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش باسقۇچىدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا قاچىلاشنى ئۈچىنچى باسقۇچىغا ئازراق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ. ئەگەر سىز قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتمەكچى ياكى، كومپيۇتېرىڭىزدىكى بۇرۇن بار نەرسىلەرنى ساقلاپ قالماقچى بولساڭلار، بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى Something Else نى تاللاپ، ئاندىن قاتتىق دىسكىغا قارىتا رايونغا بۆلۈش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ.


قاچىلاشنىڭ قالغان باسقۇچى ئۇبۇنتۇ 11.10، 11.04 بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرماي.

  • يېڭىچە ئۈستەل يۈزى

ئۇبۇنتۇ 11.04 كە پۈتۈنلەي يېڭىچە Unity كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلگەن. Unity نى Gnome نىڭ ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويغان بىر چاپان دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ھېچ گەپ يوق. ئۇبۇنتۇ 11.04 كە كىرىش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىن Ubuntu Classic نىڭ تاللاپ، ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۈستەك كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىپ، بەلگىلەش ئېلان بارساڭلار بولىدۇ. Unity غا ئالدىرىماي كۆنىسىلەر.


ئۇبۇنتۇ 11.04 قاچىلىغاندا كۆرسىتىش كارتا چوقۇم 3D قوللىشى كېرەك. كومپيۇتېر بىر قەدەر كونا ياكى سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. 2D Unity نى قاچىلاپ يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن Unity 2D نى تاللاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

sudo add-apt-repository ppa:unity-2d-team/unity-2d-daily
sudo apt-get update
sudo apt-get install unity-2d
  • Compiz نىڭ سىستېمىنى ۋەيران قىلىشى

Unity ئۈستەل يۈزىنى مۇكەممەل ئىشلىتىش ئۈچۈن Compiz قاچىلىشىمىز زۆرۈر. ھەمدە Compiz ئۈنۈملىرى بولمىسا كۆپچىلىك ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ زېرىكىپ قېلىشى مۇمكىن.

sudo apt-get install compizconfig-settings-manager

بىراق 3D ئۈستەل يۈزىنى مەن ئاچالمىدىم. ئۇبۇنتۇ ئورگىنى ھەقىقىي نۇسخىسىدىن باشلاپ بۇ BUG تۈزىتىلدى دېگەن بولمىسا. Compiz نى تەڭشىگەن ۋاقتىڭلاردا سىستېما قېتىۋالىدىغان، قايتا Unity غا كىرگەندە، ئېكراننىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپىدە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ مەسىلىنى Unity بىلەن Compiz تۇتۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنداق بولۇپ قالسا ئاكتىپلىشىپ سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەڭلار. Ubuntu Classic قا ياكى Alt+Ctrl+F1 غا كىرىپ تۇرۇپ /home/isim/.gconf/apps ئاستىدىكى compizconfig-1 نى  ئۆچۈۋېتىپ، compiz نى ئەسلىدىكى سۈكۈت تەڭشىكىگە ئەكىلىپ، سىستېمىغا قايتا كىرسەكلا بولدى. شۇنداق قىلىپ compiz نى Ubuntu Classic غا كېرىپ تۇرۇپ ئالدۇرماي تەڭشەڭلار.

يېڭىلىنىۋاتىدۇ…

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 54 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 15 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 10 پارچە. دەلىللەنگىنى: 29

  1. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 29-ئاپرېل12:00 جاۋاب

    مەن كىچە دەل compiz نىڭ خاپىلىقىغا ئۇچرۇدۇم،ھەم 1-ئاكتىپ مەن بولغان ئوخشايمەن :mrgreen:

  2. omar14 : 2011-يىل 30-ئاپرېل08:13 جاۋاب

    ھەي مەندە پەقەت ۋاقىت يوق …….قانداق ياخشى ئىشلار باركەن بۇنىڭدا ؟

  3. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 3-ماي20:33 جاۋاب

    مەن بۇ 11.04 كىمۇ كونۇپ قالغاندەك قىلىمەن بۇدا 7 قىسىم دەرىسلىكنى كۆرگەندىن كىيىن ئازراق بىر نەرسە بىلگەندەك بولدۇم 3d ئۈنۈمىنى تەڭشەشتە سەل قىيىنچىلىق بولدى قالغانلىرى نۇرمال شۇ تور بولمىسا ھىچ قانداق تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بومايدىكەن بۇ سىستىمىىنى تەڭشەش ئۈچۈن كومپىيوتىرىمنى تور بار يەرگە ئاپرىپ بىر كىچە ئۇخلىماي ئاران تەڭشەپ چىقتىم. جىقراق ماتىريال كورگەندىن كىيىن يەنە بىر كىچە ئۇخلىمىسام خىلى تەڭشىلىپ قالغۇدەك…. :mrgreen: :mrgreen:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 3-ماي22:11 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇغا بۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغان بولسىڭىز، ھەرگىز يېرىم يولدا تاشلىۋېتمەڭ. قانداق مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز تارتىنماي سوراڭ، قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن :oops:

  4. بىلىملەر تورى : 2011-يىل 11-ماي19:50 جاۋاب

    ubuntu نى قاچىلىلاپ wlan تورغا ئۇلاي دىسەم FireFox دا ئۇلاش كونۇپكسىى بېسىلماي ۋاتىدۇ. ubuntu غا باشقا تور كۆرگۈچ قاچىلاشقا بولامدۇ؟ مەسلەن: 搜狗

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 11-ماي20:12 جاۋاب

      google chrome نىڭ مەخسۇس ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بار. مەن ئادەتتە شۇنىلا ئىشلىتىمەن. opera قاچىلىشىڭىز بولىدۇ.
      chrome نىڭ deb ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، ماڭا ئوخشاش چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز :mrgreen: . windows نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش.
      https://www.google.com/chrome?platform=linux&hl=zh-CN

  5. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي18:32 جاۋاب

    ipئادرىسىنى تەڭشەيدىغان ئورۇننى قانداق تەڭشەيدۇ ؟مىنىڭ كومپيۇتىرىممۇ تورغا ئۇلاقلىق ئەمەس .مەكتەپكە ئىلىپ كىلىپ تەڭشەي دىگەن .مەكتەپنىڭ تورىنى بىر قانچە كومپيۇتىر ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان ئىدۇق.شۇڭا ipئادرىسىنى تەڭشەيدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بىرىش توغرىسىدا ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 12-ماي18:48 جاۋاب

      ifconfig بۇيرۇقى ئارقىلىق ip ئادرىسىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
      ifconfig eth0 IPadresi
      يۇقۇرىدىكى بۇيرۇق بىلەن ئىشلەتمەكچى بولغا IP نى كومپيۇتېرغا باغلايىسز(IPadresi نىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز مەجبۇرى ئىشلەتمەكچى بولغان IP ئادرېسىنى يازىسىز).

  6. مىنىستىر : 2011-يىل 18-ماي13:25 جاۋاب

    مەن مۇشۇ 11.04نەشرىنى مەۋھۇم كومپيۇتىرغا زادىلا قاچىلىيالمىدىم .سىزنىڭ تەسىيەرىڭىز بويىچە vmwareنى قاچىلىدىم .لىكىن بۇ يەردىكى بىر مەسىلە مىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ھەل قىلالمىدىم .vmwareنى قاچىلاپ ئاندىن ubuntu 11.04نەشرىنى قاچىلىغاندا قاچىلاش تىلىنى تاللايدىغان كۆزنەك ئىچىلماي ئاپتوماتىك قاچىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ .مىنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچقا بەزى ئورۇنلىرىنى چۈشىنەلمىدىم ۋە قاچىلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى .شۇنىڭ بىلەن مەن vmwareغا windows xpقاچىلايمەن دەپ قاچىلايدىغان سىستىمىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىپ لىكىن مەۋھۇم دىسكىغا يەنىلا ubuntu 11.04نى سىلىپ قاچىلىدىم.بۇ چاغدا بارلىق مەشخۇلاتلار نۇرمال ئاياقلىشىپ مەۋھۇم كومپيۇتىر قايتا قوزغىلىپ ئۈستەل يۈزىنىڭ رەكلىك رەسىمى كۆرۈندى .لىكىن بىر دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىۋالدى .مائۇس ۋە كونۇپكا تاختىسى ئىشلىمىدى . مەن بۇنى ئىككى كومپيۇتىردا سىناپ باقتىم نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش .
    تورداشلاردىن سورايدىغىنىم قاچىلاش تىلىنى تاللايدىغان كۆنەكنى قانداق توختىتىدۇ ؟سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتۇڭلارمۇ ؟ياكى بولمىسا vmwareنىڭ ئىشىمىدۇ ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 18-ماي13:32 جاۋاب

      ئىككىنچى چېتىم قاچىلىغاندا چىققان دىئالوگ رامكىسى vmware نىڭ دىئالوگ رامكىسى بولسا دېمەك، ئۇبۇنتۇ نورمال قاچىلىنىپ بوپتۇ، سىز vmware نىڭ قۇشۇمچە قۇرالىنى قاچىلىسىڭىز ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ.
      مەئۇس، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئىشلىمىگەنلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب vmware بەلكىم، usb ئەسۋابىنى تۇنىمىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىدىن تەڭشىگىلى بولىدۇ

  7. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 23-ئىيۇن15:07 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم..مەن ubuntu 11.4 نىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم ھەقىقىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن :cry: يەنە قايتا قاچىلامدىم ياكى باشقىچە ئۇسۇللرىرىمۇ بارمۇ…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 23-ئىيۇن15:09 جاۋاب

      يېڭىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
      sudo apt-get update
      sudo apt-get upgrade

  8. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 29-ئىيۇن14:06 جاۋاب

    ubuntu ئشلىتىش جەريانىدا يەنە بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم..سىستىمىنى قوزغاتقان ۋاقىتتا نۇرمال ئىشلەيدۇ..دىگىدەك تىز بولمىسىمۇ..لىكىن ئازراق ئىشلەتكەندىن كىيىنلا سۈرئىتى شۇنداق ئاستىلاپ كىتىدۇ cpu 100%ئىشلەيدۇ يا قىتىۋالمايدۇ…ئاخىرى بولالماي قايتا قوزغىتىمەن ياكى xp ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمەن..
    كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسىغۇ ئانچە تۆۋەن ئەمەس بولمىسا..
    xpغا ئوخشاش تىزلىتىش ئۇسۇللىرى بارمۇ ئەگەر بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.. :twisted: :cry:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئىيۇن14:20 جاۋاب

      Unity نى بىر يېڭىلىۋېلىڭ. سۈرەتنىڭ بۇنداق ئاستا بولىشى ئىشكى ساقلىغۇچنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكى. ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز قانچىلىك؟
      ئاندىن ئۇبۇنتۇ 11.04نى تىزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭ.
      https://www.ylmf.net/ubuntu/tips/2010122818615.html

  9. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 29-ئىيۇن16:37 جاۋاب

    ئىچكى ساقلىغۇچ 2G ئىشلەش پىرسەنتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس..لىكىن يىرىم سائەت ئەتراپىدا مەشغۇلات قىلغاندىن كىيىنلا بىردىنلا كومپىيوتېر ئىغىرلىشىپ كىتىدۇ.
    يەنە بىر مەسلەھەت: مەن xp دا كوك چىش ئۈسكىنىسى بىلەن تىلىفۇننى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ تورغا كومپىيوتېرىدا تورغا چىقاتتىم لىكىن ubuntud دا قانداق تەڭشەشنى بىلەلمىدىم…مۇشۇ مەسىلە ھەل بولسا ubuntu نى ئىشلىتىش ۋاختىم يەنە ئازراق ئۇزارغان بولاتتى…
    :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئىيۇن16:43 جاۋاب

      Ubuntu دا كۆك چىش ئارقىلىق يانفۇن ئېقىمىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېردا تورغا چىقىش XP دىن كۆپ ئاسان. Blueman دېگەن دېتالنى ئىشلەتسىڭز بولىدۇ.
      ئەگەر قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسڭىز، مەن بۇگۈن كەچكىچە يازمىدىن بىرنى تەييارلاي.

      • ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 30-ئىيۇن13:28 جاۋاب

        كۆپ رەھمەت سىزگە يازمىڭىزنى ساقلايمەن..تەپسلىرەك سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز. :wink: :razz:

  10. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 29-ئىيۇن16:41 جاۋاب

    ئۆيدە تور بولمىغاچقا قاچىلايدىغان بەزى نەرسىلەرگە ئامال يوقكەن. كاساپەت تور بولمىسا ئىقتىدارلىرىنى ئانچە جارى قىلدۇرغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئىيۇن16:47 جاۋاب

      مەن بۇرۇن تەتىلدە ئۆيگە قاتسام تېلفۇن كۆكچىشى ئارقىلىق چىقاتتىم

      • ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 30-ئىيۇن13:29 جاۋاب

        مۇشۇ ئۇسۇلنى تەپسىلىرەك سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن… :wink:

        • Bakhtiyar : 2011-يىل 1-ئىيۇل00:30 جاۋاب

          سىزگە دىگەن يازمىنى تەييارلاش جاريانىدا ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ Mobile Broadband دە bug بارلىقىنى بىلدىم. بولمىسا بۇ ئۇسۇل ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نەشىردە ياخشى ئىشلەيتتى. ئازراق كۈتۈپ تۇرۇڭ، مەن ھەل قىلىش چارىسىنى چۈقۈم تاپىمەن.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئىيۇن16:53 جاۋاب

      مەخسۇس سوئال سورايدىغان بەتتىن بىرنى يەنى ئۇبۇنتۇ سوئالخانىسىنى ئېچىپ قويدۇم، بۇنىڭدىن كىيىن سوئال بولسا شۇ يەردىن سوراڭ. باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن.

  11. مىنىستىر : 2011-يىل 15-ئۆكتەبىر23:48 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇ11.04نى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلىدىم .ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆرسەتمە بويىچە قايتا قوزغاتتىم .ئۇنىڭدىن كىيىن قارىسام ئۈستىدىكى تىزىملىك سىتونى يوقاپ سول تەرەپتە بىر مۇنچە سىنبەلگە پەيدا بولۇپ قاپتۇ .ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۈستىدىكى 系统 位置 应用程序دىگەن تىزىملىكلەرنى پەيدا قىلالمىدىم.يىڭىدىن ئۈگەنگەن بولغاچقا ئۈستىدىكى ئۇتىزىملىكلەرگەئەمدىرەك پىششىق بولغاندا يوقاپ قەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە外观دىن3dئۈنۈمنى پەيداقىلىدىغان视觉دىگەن يىرىنى پەيدا قىلالمىدىم.دوستلارنىڭ ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

  12. ناتىرىي خىلور : 2011-يىل 25-نويابىر07:44 جاۋاب

    چ چ نومۇرىڭىزنى قاچىلىۋالسام بولامدۇ ؟

  13. سادىق : 2012-يىل 6-نويابىر21:10 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇنىڭ نىمىلىكى ھەققىدە نەدە ماتىريال بار؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×