ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىپ، تۆۋەندە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G كارتىسىنى ئىشلىتىپ ئۇبۇنتۇدا تورغا چىقىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئالدى بىلەن usb modem قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلايمىز.
سول تەرەپ يۇقىرىدىكى تورغا ئۇلاش سىن بەلگىسىنى بېسىپ، رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.
تەھرىرلەش تىزىملىكىدىن تۆۋەندە مەن بەلگە قىلىپ قويغان جاينى بېسىپ بەلگىلەش ئېلىپ بارساقلا بولدى.
يۇقىرىدىكى مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرسەك، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىدىكى تورغا ئۇلاش سىن بەلگىسىگە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ بايا بىز بەلگىلىگەن تاللاش قوشۇلىدۇ. ئادەتتىكى سىمسىز تورغا ئۇلىغاندەك ئۇلىساقلا بولدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سالامەت تۇرۇپسىزمۇ ؟ مەن سىز دىگەن ئۇسۇللار بۇيىنچە ئۇبۇنتۇنى سىمسىز تورغا ئۇلىۋالدىم رەھمەت سىزگە
سىز بۇ يازمىڭىزنى يەنە بىر تەھرىرلەپ قويسىڭىز چۈنكى ئىشلەتكۈچى دىگەن يەرگە ctnet@mycdma.cn مەخپى نومۇر دىگەن كاتەكچىگە vnet.mobi دىگەن بۇ ئۇچۈرلارنى تولدۇرمىساق بولمايدىكەن ،
يەنە بىر مەسىلە بىز تورغا ئۇلايدىغان يەردىكى جۇڭگو تېلگىرافىنىڭ بەلگىسى يوقاپ كىتىپ بەك ئاۋارە قىلدى ، بىر قىتىم ئۆچۇرۇپ قوزغاتساق يوقاپ كەتسە كىيىن چىقارماق بەكلا قىيىنكەن ياكى بولمىسا چىقمايدىكەن ، مۇشۇنى قانداق بۇيرۇق ئارقىلىق داۋاملىق تۇردىغان قىلغىلى بولىدۇ ؟
سىزگە بىر تەكلىپ سىز مومكىن بولسا ئۇبۇنتۇ چ چ توپى قۇرسىڭىز بالىلار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق ئۇگنىشكە ياردىمى بولاتتى ياكى بولمىسا م س ن توپى قۇرسىڭىزمۇ مەيلى
رەخمەت سىزگە مەن دىققەت قىلماپتىمەن.
سىز ھەر قېتىم ئۇبۇنتۇنى قوزغاتقاندا كارتىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ ئاندىن ئۇبۇنتۇنى قوزغۇتۇڭ.
QQ توپى قۇرۇشنى بۇرۇنلا ئويلىغان، ئەزەلدىن QQ نى جىق ئاچمىغاچقا، بىر نەچچە كۈن ئاۋال ئاران قۇياشقا چىقتىم
سىز كۆرسەتكەندەك قىلىپ سىستىمىنى قايتا قوزغاتسام باشقا سىمسىز تورلارمۇ بىراقلا يوقاپ كەتتىغۇ؟
ئۆتكەندە باشقىلار يېڭى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G كارتىسى ئۈچۈن، قوزغاتقۇچ قاچىلاش كېرەككەن دەن ئىنكاس قىلغان. بىراق بۇ قوزغاتقۇچنىڭ Linux نۇسخىسى بارمۇ يوقمۇ ئىزدەك كۆرمىدىم. ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ بېقىڭ.
سىمسىز تورلارمۇ بىراقلا يوقاپ كىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئۇبۇنتۇ 11.04 ئۇمۇمىي يۈزلۈك مەسىلە. بۇنى توردىن بىر ئاختۇرۇپ كۆرسىڭىز. ئوڭشاش ئۇشۇلى بار. مە يېقىندىن بېرى بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، بىلوگنى يېڭىلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن.