ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا قالايمىقان كودلاردىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇش
ئېلان قىلىنغىلى498 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 593+

ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك مەسىلىگە دائىم يۇلۇقىدۇ. يەنى Windows دىكى خەنزۇچە Txt ھۆججىتى كىنو-فىلىم خېتىنى ئۇبۇنتۇدا gedit ئارقىلىق ئاشقاندا (مائۇستا قوش چىكىپ ئاشقاندا) ئۇقۇغىلى بولمايدىغان قالايمىقان كودكۆرۈنىدۇ. توردا flash فىلىمى كورگەندە ياكى flash ئويۇنى ئوينىغاندا ئىنگىلىسچە كودتىن باشقىسى كاتەك كۆرۈنىدۇ. ھەتتا مۈزىكا قويغۇچتىكى ناخشا ئىسمىمۇ تاشقى پىلانىت يېزىقىدا چىقىۋالىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى ئويلىمايدىغان بۇقېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغىچە GB ( ھازىر كەڭ ئىشلىتىلۋاتقان خەنزۇچە خەت كودى) ئۆلچىمىدىكى كودنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. (مىنڭ مۇئەللىمىمنىڭ ئىيتىشىچە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بۇ كود ئىشلىتلمەيدىكەن) بۇنى ھەل قىلىش چارىسى تۆۋەندىكىدەك:

  • خەنزۇچە Txt ھۆججىتى كىنو-فىلىم خېتىنى ئۇبۇنتۇدا gedit ئارقىلىق (مائۇستا قوش چىكىپ ئاشقاندا) نورمال كۆرۈش.

تېرمىنالغا gconf-editor نى كىرگۈزمىز ياكى مائۇسنى ئىكراننىڭ سول يۇقىرى تەرىپىدىكى Application نىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن Edit Menu نى تاللاپ ئىچىلغان كۆزنەكتىن System Tools نى تېپىپ ئوڭ تەرەپتىن Configuration Editor نى تاللايمىز.

ئاندىن Application ——> Seytem Tools__>Configuration Editor نى تاللاپ سول تەرەپتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىن تەرتىپ بۇيىچە /apps/gedit-2/preferences/encodings/ نى تاللايمىز. ئوڭ تەرەپتىكى ئىككى ھۆججەتنى ئايرىم ئايرىم ئېچىپ ئۇنۇڭغا GB18030 ياكى GB2312 نى قۇشۇپ ئۈستىگىراق چىقىرىپ قۇيىمىز.

  • قالايمىقان flash كودىنى تۈزىتىش

تېرمىنالنى ئىچىپ تەرتىپ بۇيۇنچە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزمىز. (بۇيرۇقنىڭ رولىنى بۇيەردە تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمۇدۇم) .

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$cd /etc/fonts/conf.d
uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo cp 49-sansserif.conf 49-sansserif.conf_backup
uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo gedit ./49-sansserif.conf

ئېچىلغان كۆزنەكتىكى نىڭ ئارىسىدىكى ئەسلىي فونت ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئۇبۇنتۇرىمىزغا قاچىلىغان خەنزۇچە فونت ئىسمىدىن بىرنى كىرگۈزۈپ ساقلايمىز. (جەمى تۆت يەرنى). مەسىلەن مەن ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكىسى WenQuanYi Micro Hei بولدى.

  • قويغۇچلادىكى قالايمىقان ھۆججەت ئىسمىنى توغۇرلاش

ئۇبۇنتۇدىكى كۆپ ساندىلىق قويغۇچلادىكى ئىسىم تىزىملىكىنىڭ تاشقى پىلانىت يېزىقىدا كۆرۈنىشى، بەلگىلەشتىكى مەسىلە بۇلۇپ تەڭشەش تىزىملىكىگە كىرىپ Playlist نى simplechinese قېلىپ قويساقلا بۇلىدۇ. ئەگەر مۇزىكا قويغۇچ Rhythmbox نىڭ ئىسىم تىزىملىكىمۇ قالايمىقان كۆرۈنسە تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بۇلىدۇ (ئاز ساندىكىلىرى يەنىلا ئوڭشالمايدىكەن).

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo gedit /etc/profile

ئېچىلغان ھۆججەتكە تۆۋەندىكى ئىككى قۇرنى قۇشۇپ ساقلايمىز.

export GST_ID3_TAG_ENCODING=GBK:UTF-8:GB18030
export GST_ID3V2_TAG_ENCODING=GBK:UTF-8:GB18030

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 2 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە.

  1. كەكلىك : 2012-يىل 16-يانۋار15:57 جاۋاب

    cd /etc/fonts/conf.dنى كىرگۈزسەم 没有那个文件或目录دەپ چىقىۋالدى؟؟؟
    قانداق قىلىمەن؟

  2. كەكلىك : 2012-يىل 16-يانۋار16:02 جاۋاب

    Configuration Editor دا apps/gedit-2/preferencesئاستىدىكى encodingsيوق تۇرىدۇ.پەقەت uiدېگەن ھۆججەت قىسقۇچلا تۇرىدۇ؟ تەشەككۈر

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×