ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇغا cairo-dock قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى645 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 4 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,265+

كۆپچىلىككە ئالما كومپيۇتېرلىرىدىكى ئاستىنقى قورال ئىستونى تونۇش بولسا كېرەك. ئۇبۇنتۇدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان قوراللار بەك كۆپ، بىراق كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە قويىدىغان تەلىپى بىرقەدەر تۆۋەن، مۇقىم، ئىشلىتىش ئاسان بولغان قورال يەنىلا cairo-dock.

مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇ 10.04 نى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، PPA مەنبەسىدىن cairo-dock نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
PPA مەنبەسىدىن بىرنى قوشىمىز.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:cairo-dock-team/ppa

سىستېما يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى بىر يېڭىلايمىز.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update

قاچىلايمىز.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install cairo-dock

Applications > System Tools > Cairo Dock نى ئېچىپ قوزغىتىمىز.

ئەگەر سىستېما قوزغالغاندا تەڭ قوزغىلىدىغان قىلماقچى بولساق، System > Preferences > Startup Applications نى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 4 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 2 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە. دەلىللەنگىنى: 1

  1. نۇرتېكىن : 2011-يىل 13-ئاپرېل14:14 جاۋاب

    ئەجەپ ياخشى بولدى،مەن تېخى قانداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلىغانتىم، ھازىرلا سىناپ باقاي! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت~~ :oops:

  2. قارام ئنسان : 2012-يىل 17-ئاپرېل00:30 جاۋاب

    cairo-dockنى ubuntu11.10غا كورسەتكىنىڭىز بۇيىنچە قاچىلىسام يۇمشاق دىتال بوغچىسى يوق ياكى ئۇنى ئورناتقىلى بولمايدۇ يۇمشاق دىتال بوغچىسى چىقىشالمايدىغان ئارسىدا تۇقۇنۇش كىلىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئۇچۇرچىقىپ قاچىلىغىلى بولمىدى يول كۆرسەتسىڭىز :?:

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 17-ئاپرېل11:35 جاۋاب

      بۇ ppa مەنبەسى بىر يىل بورۇنقى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ كى. بىۋاستە sudo apt-get install cairo-dock نى يۈرگۈزۈپ، ياكى يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن cairo-dock دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ

سىرىتتىن دەلىللەنگىنى: 1

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×