ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى651 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 29 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,698+

  • ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلاشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلى بار. ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى ttf فونتىنى قوش چېكىپ ئېچىپ، ئوڭ ئاستىنقى تەرەپتىكى قاچىلاشنى باسساقلا فونت ھازىرقى ئىشلەتكۈچى مۇندەرىجىسىگە قاچىلىنىدۇ. بۇخىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى قاچىلىغان فونتنى بىرلا ئىشلەتكۈچى ئىشلىتەلەيدۇ.

  • ttf فونتىنى بىۋاسىتە ئىشلەتكۈچى مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى فونت مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويساقمۇ، يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز.
  • مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان  ttfشەكىلدىكى خەت نۇسخىلىرىنى بىر ھۆججەت خالتىسىغا يىغىڭ ،ئۇيغۇرچە خەت فونت چوقۇم يۇنىكودلۇق فونت بولسۇن. مەسىلەن بىز بۇ ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىسمىنى abc دېسەك ، abc نى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستەل يۈزىگە قويۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق فونتلارنى /usr/share/fonts/ نىڭ ئاستىغا كۆچۈرىمىز.
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$ sudo cp -r ~/Desktop/abc /usr/share/fonts
  • fonts/abc مۇندەرىجىسىگە كىرىمىز
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$ cd /usr/share/fonts/abc
  • فونت ھوقۇقىنى بەلگىلەيمىز.
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$ sudo chmod 777 ./*
  • ئەمدى تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى تەرتىپ بويىچە كىرگۈزسەكلا قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ.
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo mkfontscale
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo mkfontdir
www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo fc-cache –fv

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 29 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 2 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە. دەلىللەنگىنى: 26

  1. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 14-ئاپرېل18:54 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلوگ دىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،بىزدەك ھەۋەسكارلار ئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىپسىز.
    يەنە بىر ئىشنى سورۇۋالسام،مەن UKJ خەت نۇسخىسىنى قاچىلىغان،لېكىن ئۇيغۇرچە توربەتلەر يەنىلام نورمال ئەمەس،قانداق قىلسام نورمال كۆرۈنىدىغاندۇ،سېستىما 10.10 ئىدى.ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 14-ئاپرېل19:28 جاۋاب

      رەخمەت سىزگە. :mrgreen:
      ھازىر ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئەلپىدا ئىشلىتىدۇ، سىز شۇنى قاچىلاڭ، يەنە بەزى بىكەتلەر ئەل كاتىب ئىشلىتىدۇ شۇنىمۇ قاچىلاپ قويۇڭ.
      https://www.uyghurix.net/ugubuntu/biket-heqqide

  2. باھادىر : 2011-يىل 4-دېكابىر23:03 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلوگىڭىزدىن جىق نەپكە ئېرىشتىم،ھارمىغايسىز…..
    فونت قاچىلاش جەريانىدا بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم،يەنى سىز دىگەندەك قىلسام ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ،دەيدۇ….قانداق قىلسام قاچىلىيالايمەن؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×