ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇغا Mac ئۇسلۇبى Macubuntu
ئېلان قىلىنغىلى422 كۈن بولدى / ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش / 15 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,884+

ئالما كومپيۇتېرلىرىدىكى سىستېمىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. Macubuntu ئۇسلۇبىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى MacOs قا ئوخشاش قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. كىشىگە تۇيۇقسىزلا ھەقسىز MacOs سىستېمىسىغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى سۈكۈت ئۇسلۇبنى ياقتۇرساممۇ، كۆپچىلىككە ئۇبۇنتۇغا قانداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلاپ ئالما چاپىنىنى كىيدۈرۈشنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي.
قېنى باشتا Macubuntu ئۇسلۇبىنى قاچىلىغاندىن كېيىنكى ئۇبۇنتۇ ئارايۈزىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:





Macubuntu ئۇسلۇب تۈرىنىڭ ئورگان بېتى: https://sourceforge.net/projects/macbuntu
ئالدى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىغا ئاساسەن Macubuntu ئۇسلۇبنى چۈشۈرىمىز.
ئۇبۇنتۇ 10.04 Macubuntu ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://sourceforge.net/projects/macbuntu/files/macbuntu-10.04

ئۇبۇنتۇ 10.10 Macubuntu ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://sourceforge.net/projects/macbuntu/files/macbuntu-10.10

قاچىلاش ئۇسۇلى:
باشتا ئۆزىمىز چۈشۈرگەن Macbuntu-10.04.tar.gz ياكى Macbuntu-10.10.tar.gz يېشىمىز. ئاندىن تېرمىنالدا cd بۇيرۇقى بىلەن يېشىلگەن Macbuntu-10.04 ياكى Macbuntu-10.10 ھۆججەت قىسقۇچى مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلايمىز.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo ./install.sh

ئەگەر ئۆچۈرمەكچى بولساق يەنە شۇ ھۆججەت قىسقۇچ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئۆچۈرىمىز.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo ./uninstall.sh

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 15 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 9 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 6 پارچە.

  1. نۇرتېكىن : 2011-يىل 30-مارت00:44 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~ مەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىش ئۈچۈن سىستېمىغا كۆرسەتكۈچ كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىنى قاچىلىغان ئىدىم،لېكىن ئىكران بەكلا چوڭ چىقىۋالدى :?: (640*480ھالەتتە)، كىچىكلىتەي دىسەممۇ تەڭشەيدىغان يىرىدە (640*480)ۋە(320*240) دەپ ئىككىلا تۈر باركەن، شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم :sad: (لېكىن ئۈنۈملەر نورمال ئىشلىدى :oops: )ئىكراننى قانداق قىلسام نورمال ھالەتكە ئەكىلەلەيمەن؟.. مۇمكىن بولسا بەختىيار ئەپەندىم مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز! (چۈنكى مەن يىڭى ئۈگەنگەچكە بەزى جايلىرىنى چۈشۈنۈش سەل تەسكەن~) سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم~

  2. Bakhtiyar : 2011-يىل 30-مارت11:02 جاۋاب

    سىز ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دېسكىغا قاچىلىغانمۇ ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىغانمۇ؟ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىغان بولسىڭىز دەل سىز دىگەندەك چىقىۋېلىپ 3D ئۈنۈملىرىنى ئىشلىتەلمەيسىز.

  3. نۇرتېكىن : 2011-يىل 30-مارت13:37 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغان(بۇرۇن ghostxp سىستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم،كىيىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن)، قانداق قىلسام ئۇبۇنتۇدا ئىكراننى نورمال چوڭلۇقتا ئىشلىتەلەيمەن.ئۇبۇنتۇنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىش ئۈچۈن سىستېمىغا كۆرسەتكۈچ كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىنى قاچىلىشىم كىرەككەن، ئەگەر قاچىلىمىسام 3D ئۈنۈملىرى ئىشلىمەيدىكەن،قاچىلىسام ئىكران چوڭىيىپ كىتىدىكەن، قانداق قىلسام بۇلار….. …838808502 ماۋۇ چ چ نى قېتىۋالسىڭىز، سىزدىن بەزى سورايدىغان مەسىلىلەر باتتى…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 30-مارت14:02 جاۋاب

      سىزنىڭ مەسىلىڭىزنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپتىم. سىزنىڭ QQ رىڭىزنى قاچىلىۋالدىم. سىز چىقاندا ماڭا خەت يېزىڭ. :mrgreen:

  4. نۇرتېكىن : 2011-يىل 1-ئاپرېل09:23 جاۋاب

    سىزنىڭ چ چ نۇمىرىڭىزنى قاتالمىدىم،مۇمكىن بولسا سۈرەت كۆرسىتىش كارتىسىنى قاچىلىدىغاندىن كىيىن ئىكران چوڭىيىپ كىتىش مەسىلىسىنى مۇشۇ بلوگدىلا كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسڭىز~ كۆپچىلىك تەڭ پايدىلانساق.. ياكى سىز قېتىۋالغان بولسىڭىز ماڭا بىر ئۇچۇر قايتۇرۋەتكەن بولسىڭىز~

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 1-ئاپرېل20:26 جاۋاب

      كەچۈرۈڭ، بۇ ئىككى كۇندە بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ تورغا چىقالمىدىم. سىز كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىغان بولسىڭىز. مائۇسنى ئېكراننىڭ سول يۇقىرى تەرىپىدىكى ئۇبۇنتۇ توغ بەلگىسى بار ئورۇنغا ئەكىلىپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز Edit Menus دىگەن تاللاش بار. شۇن تاللاپ سول تەرەپتىن Other چەكسىڭىز ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىش كارتىسىنى بەلگىلەيدىغان تاللاش بولۇشى مۇمكىن شۇنى تاللاپ قۇيۇڭ. ئاندىن Applications>Others غا كىرىپ كۆرسۇتۇش كارتىسىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ باسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەن دېگەن يەر بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئادرېسىغا كېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس (مەن سىناپ باقمىدىم).
      https://hi.baidu.com/ppoffice1994/blog/item/92d25a0812f1652b6a60fb15.html

  5. دولقۇن731 : 2011-يىل 3-ئاپرېل12:30 جاۋاب

    كومپيوتېرىمغا Ubuntu ۋە Win7نى تەڭ قاچىلغان ئىدىم، ياتاقداشلىرىم ۋە دوسلىرىم ھەيرانلىق ئىچىدە Ununtuدىكى ئۇيغۇرچىغا ۋە ئالايىدە ئۈنۈنلىرىگە قىزىپ قالدى ۋە ئىككىسى Ubuntuنى قاچىلدى. ئۇلارغا بۇ Mac ئۇسلۇبىنى كۆرسەتسەم، باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ Ubuntuبىلەن ھەپىلىشىپ بېقىش ئۇيىنىڭ بارلىقى ئېيتىۋاتىدۇ.

  6. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 16-ئاپرېل03:13 جاۋاب

    MAC ئۈستەل يۈزى ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ قارىسام ئەيتۇنىس كۆرۈندى،مۇشۇ بولسىمۇ تەييار باركەن دەپ ئويلاپ خوش بولسام،سىن قويغۇچ ئەيتۇنىس شەكلىدە كۆرۈنۈپتۇ.ھاھاھا.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 16-ئاپرېل08:07 جاۋاب

      :lol: ئالما شىركىتى لىنۇكسقا بەك ئۆچ ئوخشايدۇ، ئايتۇنىسنىڭ پەقەت لىنۇكس نۇسخىسى يوق. :lol:

  7. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 16-ئاپرېل11:29 جاۋاب

    ئۇنداقتا قوش سېستىمىدىن ئايرىلمىساق بولىدىكەندە،سىزدەك بىلمىگەن يەرلىرىمنى سوراپ بىلىۋالىدىغان ئادەم چىققاندىن كېيىن ئۇبۇنتۇغا يەنە باشقىچە ھەۋەس قىلىپ قالدىم.
    يەنە بىر ئىش:ئىككى كومپىيوتۇرغا ئۇبۇنتۇ قاچىلىدىم،خاتىرە كومپىيوتۇرنىڭ سېستىما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلغان ئازبىر قىسىم ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ كۆرۈنىشى نورمال ئەمەس،ئۈستەل كومپىيوتۇرنىڭ سېستىما تىلىنى خەنچە ئىشلەتتىم بۇنىڭدا ئىشقىلىپ نورمال (خەتلەرنى ئوقۇغۇلى بولىدۇ)ئىككىلىسىگە ئوخشاش فونت قاچىلىدىم،ئەلكاتىپ،ئەلپىدا،UKJ بۇ نىمە ئىشتۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 16-ئاپرېل11:36 جاۋاب

      خاتىرە كومپىيوتۇرغا ئۇيغۇرچە فونت نورمال قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ. سىز نورمال كۆرۈنمىگەن ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنىڭ style.css ئېچىپ ئۇنىڭغا قايسى خىل ئۇيغۇرچە فونت ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋىلىڭ، ھەمدە شۇ فونتنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. :smile:
      بۇ سىستېما تىلى بىلەن مۇناسىۋېتسىز.

  8. دولقۇن731 : 2011-يىل 22-ئاپرېل15:34 جاۋاب

    مانا مەن قاچىلىۋەتتىم. رەھمەت
    c017dab3fbd9ba21ef52900f4e469559.jpeg

  9. ئىبرايىم : 2011-يىل 24-ئىيۇن16:53 جاۋاب

    11.04 كە يوقمۇ بۇ چاپان؟

  10. شەربەت : 2011-يىل 2-دېكابىر09:28 جاۋاب

    مەنمۇ بەختىيار غوجامغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئۇبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلىغان ئىدىم.بۇ چاپان ماڭا ماس
    كىلەرمۇ؟ :?:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×