ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى679 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 66 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,156+

ئۇبۇنتۇنى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلاشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇبۇنتۇلا ئىشلىتەمسىز ياكى windows بىلەن بىرگە قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتەمسىز، بۇنى چوقۇم ئالدىن بىكىتىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇبۇنتۇ بىرلا سىستېما ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بۇ ئاسان تۆۋەندىكى مەن تونۇشتۇرغان باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر windows بىلەن قوش سىستېما قىلماقچى بولسىڭىز ، كومپيۇتېرىڭىزغا ئەڭ ئاۋۋال Windows قاچىلىۋېلىڭ. ئاندىن 20G ئەتراپىدا ئۇبۇنتۇ قاچىلايدىغان يەر ھازىرلاڭ (Windows نىڭ دىسكا بۆلىدىغان قوراللىرى قۇمدەك جىققۇ). قالغان مەشغۇلات ئوخشاش. بىراق قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر قاچىلاش جەريانىدا قاچىلاش رايونىنى تاللىغاندا بەك ئېھتىيات قىلىشىڭلار كېرەك.
مىنڭ ئىشلەتكىنىم ئۇبۇنتۇ 10.04، ئۆخشىمىغان نۇسخىلار ئارىسىدا ئازراق قاچىلاش پەرقى بولۇشى مۇمكىن.ئەمىسە قاچىلاشنى باشلايلى:

  • ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئورگان بېتى ياكى مەن چۈشۈرۈش بېتىدە تەمىنلىگەن ئادرېستىن ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈۋالىمىز.
  • چۈشۈرۈلگەن iso نى نۇر دىسكىغا ئويىمىز (بارماق دىسكىغا ئويسىمۇ بولىدۇ).
  • كومپيۇتېرنىڭ BIOS نى بەلگىلەيمىز. يەنى ئۇنى CD_ROM دىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن تەييارلىۋالغان CD نى سېلىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز (ئەگەر بارماق دىسكىغا ئىشلەتكەن بولساق كومپيۇتېرنى USB دىن قوزغىلىدىغان قىلىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز ).
  • رەسىمىدىكى كۆزنەك كۆرۈنگەندىن كېيىن ئەڭ ئۈستىدىكىنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلىمايمۇ ئىشلىتەلەيمىز. مەن بۇ يەردە ئاستىدىكى تاللاپ داۋاملىق قاچىلىدىم.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ۋاقىت رايونىنى تاللايمىز.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللايمىز. ئادەتتە ئىنگلىزچىنى تاللايمىز.

  • بۇ قاچىلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش بولۇپ، linux دا قاتتىق دىسكىنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككىگە ئايرىشىمىز كېرەك. يەنى يىلتىز ”/“ بىلەن “sweap /“ . ئەگەر سىز كومپيۇتېرىڭىزدا پەقەت ئۇبۇنتۇنىلا ئىشلەتمەكچى بولساق سۈرەتتىكى تاللاشنىڭ ئۈستىدىكىنى، ئەگەر windows ۋە باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن بىرگە ئىشلەتمەكچى بولساق ئاستىدىكىنى تاللاپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇبۇنتۇنىلا ئىشلەتمەكچى شۇڭا ئۈستىدىكىنى تاللىدىم.

  • رەسىمىدىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا بولدى.


  1. بۇ يەر دىن بىز ئايرىماقچى بولغان دىسكا شەكلىنى تاللايمىز.
  2. دىسكا چوڭ _ كىچىكلىكىنى  بېكىتىمىز.
  3. دىسكا ئورنىنى بېكىتىمىز.
  4. ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان دىسكا تۈرىنى تاللايمىز. ئادەتتە EXT4
  5. بۇ يەردىن بىز ئايرىماقچى بولغان دىسكا رايونىنى قەيەرگە قوشماقچى ئىكەنلىكىمىزنى تاللايمىز.

  • قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن “Forward”  بىلەن قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىزگە ئىشلەتكۈچى ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇر بېكىتىمىز.

  • بۇ يەر بىزنى يۇقىرىدا قىلغان مەشغۇلاتىمىزنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  • سىستېما قاچىلىنىشقا باشلايدۇ .

  • سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېكراندا قايتا قوزغىتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. قايتا قوزغاتساقلا قاچىلىنىش تامام بولىدۇ .

  • مانا بۇ  ubuntu 10.04  نىڭ ئۈستەل يۈزى. قانداق ئاسانمىكەن. ئەگەر قاچىلاش جەريانىدا قانداق مەسىلىگە يولۇقساڭلار مۇشۇ يەرگە سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار ، بىرلىكتە ھەل قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 66 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 8 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 4 پارچە. دەلىللەنگىنى: 54

  1. بىغەم : 2011-يىل 16-مارت04:16 جاۋاب

    sweap رايونى قانداق رايون؟، ئۇنىڭ نېمە رولى بار؟

    ئۇبۇنتۇنى sweapكە رايون ئايرىماي، بىرلا (يىلتىز) رايۇن ئايرىپ قاچىلاشقا بولامدۇ؟

    ئەگەر sweapكە رايون ئايرىماقچى بولساق، يىلتىز رايۇندىن ئىلگىرى ئايرىمدىمىز؟ كىيىنمۇ؟ ياكى ئىلگىرى-كىيىنلىكنىڭ پەرقى يوقمۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 16-مارت15:07 جاۋاب

      sweap نىڭ رولى windows دىكى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. لىنۇكس كومپيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچى يىتىشمىگەن sweap رايۇنىنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر كوميۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 1G دىن كىچىك بولسا sweap رايۇنىنى فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىككى ھەسسىسى قىلىپ ئايرىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر 1G دىن چوڭ بولسا sweap رايۇنىنى فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن تەڭ قىلىپ ئايرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ رايۇننى چۇقۇم ئايرىش كېرەك. ئۇبۇنتۇنى ئەك ئاز بولغاندا sweap/ ۋە / ئىككى رايۇنغا ئايرىشقا بولىدۇ. تەرتىپى مىنىڭچە قانداق بولسا ئوخشاش.

  2. نۇرتېكىن : 2011-يىل 28-مارت23:47 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~ مەن ئۇبۇنتۇنى نورمال قاچىلىۋالدىم،لېكىن مۇنداق بىرقانچە مەسىلىگە دۇچ كەلدىم.(1) بۇ سىستىمىغا سىرىتتىن ھېچقانداق دىتال قاچىلىيالمىدىم، :arrow: (2) ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى قانداق چىقىرىمىز(ئەگەر دىتال ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولساق قايسى دىتالنى قاچىلايمىز،مەن بۇسىستىمىدا تېخىغىچە بىرەر دىتالنىمۇ قاچىلىيالمىدىم :?: )(3) بۇ سىستىمىنى ئايرىم قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلامدۇ( باشقا ghost xp , win7 دىگەندەك سىستىمىلارنى قاچىلىماي بىۋاستە مۇشۇ سىستىمىنىلا ئىشلىتىشنى دىمەكچىمەن…) مۇمكىن بولسا يۇقارقى سۇئاللىرىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز..بۇ سىستىمىغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم..ئىشلەتمەي دىسەم تېخى… ياكى چ چ 838808502 نى قېتىۋالساڭلارمۇ بۇلىدۇ…… :oops:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-مارت00:03 جاۋاب

      (1)ئۇبۇنتۇغا پەقەت لىنۇكس ئۆزىنىڭلا دېتاللارنى قاچىلىيالايسىز. ئەگەر Windows دېتالىنى چوقۇم قاچىلىماقچى بولسىڭىز، wine دېگەن دېتالنى ئىشلىتىپ ياكى ئۇبۇنتۇدا مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Windows سىستېمىسى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ (Windows دەك بولمايدۇ ئەلۋەتتە).
      (2)ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىش ئۈچۈن سىستېمىغا كۆرسەتكۈچ كارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچى قاچىلاغلىق بولىشى كېرەك، ئاندىن Compizconfig دېگەن دېتالنى قاچىلايسىز.
      (3)ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن بىر يىل كومپيۇتېرىمدا ئۇبۇنتۇ بىرلا سىستېما ئىشلەتكەن، كىيىن مەكتەپتە تونۇشتۇرىدىغان، ھەم ئىمتىھان ئالىدىغان دېتاللارنىڭ ھەممىسى Windows نىڭ بولغاچقا ھازىر قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
      بولسا ئازراق ۋاقىت تەخىر قىلسىڭىز، مەن يېقىندا ‹‹ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن يەنە نېمىلەرنى قىلمەن›› ئاتلىق سۈرەتلىك دەرسلىك ئىشلەشنى پىلانلاۋاتىمەن. :mrgreen: :mrgreen:

  3. شەمشەر117 : 2011-يىل 17-ئىيۇن15:07 جاۋاب

    مەسلەن ئۇبۇنتۇنى E دىسكىغا قاچىلىماقچى بولسام ، sweap رايۇنىنىمۇ Eدىسكىنىڭ ئىچىدىن بۈلىۋېتەمدۇ ياكى باشقا دېسكىدىن بۈلىۋالامدۇ ~~~~ ؟؟؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 17-ئىيۇن15:31 جاۋاب

      ۋاقتىڭىز بولسا ھازىرلا QQ توپىدا ماڭا خەت يېزىڭ، مەن تەپسىلي چۈشەندۈرۈپ قوياي :oops:

  4. سۇتۇق : 2012-يىل 16-ئىيۇن19:57 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇنى مەۋھۇم كومپىيوتىرغا قاچىلىغان ئىدىم قاچىلانغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ قوزغالدى،تىزىمغا ئالدۇرغان ئىسىمنى كىرگۈزەلىدىم لىكىن مەخپى شىفىرنى كىرگۈزەلمىدىم خەت بېسىلماي تۇرىۋالدى.

  5. سۇتۇق : 2012-يىل 18-ئىيۇن00:26 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇنى مەۋھۇم كومپىيوتىرغا قاچىلىغان ئىدىم قاچىلانغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ قوزغالدى،تىزىمغا ئالدۇرغان ئىسىمنى كىرگۈزەلىدىم لىكىن مەخپى شىفىرنى كىرگۈزەلمىدىم خەت بېسىلماي تۇرىۋالدى.مۇشۇنۇڭغا تەبىر بىرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 18-ئىيۇن15:32 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇ مۇلازىمىتېر نۇسخىسىنى قاچىلسىڭىز، سۈكۈت ھالەتتە Gnome ئۈستەل يۈزى بولمىغاچقا، مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزگەندە ھىچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ. بىراق مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ بۇلۇپ ئىنتېرنى باسسىڭىزلار بولىدۇ.
      ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخسىنى قاچىلاپ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا يۇلۇققان بولسىڭىز، مەن راست نىمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. چۈنكى مەۋھۇم كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنى تۇنىمىدىمىكىن دېسەم، تىزىمغا ئالدۇرغان ئىسىمنى كىرگۈزەلەپسىز.
      ھازىرچە ئىسىمگە كەلگەن ھەل قىلىش ئۈسۇلى، ئىشلىتۋاتقىنىڭىز 12.04 بولسا، كىرىش كۆزنىكىنىڭ ئوڭ يۇقۇرى تەرىپىدە دۈگىلەكنىڭ ئىچىدە ئادەم بار سىن بەلگە بار شۇنى بېسىپ، بىرىنچى تاللاشنى يەنى OnseScrean Keyboard مۇشۇڭغا ئوخشاش تاللاشنى تاللىسڭىز، ئىكراندا بىر كۇنۇپكا تاختىسى كۆرۈنىدۇ، شۇنى مائۇس بىلەن چىكىپ مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ.

  6. قارامۇشۇك : 2012-يىل 11-ئۆكتەبىر13:36 جاۋاب

    قوش سېستىما( ئۇبۇنتۇ 12.04 بىلەن Windows Vista ) ئىشلەتكەندە ئۇبۇنتۇنىڭ دىسكا رايونىنى چوڭايتىدىغان ئامال بارمۇ؟(ھەر ئىككى سېستىما نۇرمال ئىشلەۋاتقان ئەھۋالدا) ئۇبۇنتۇنىڭ دىسكا رايونىنى كىچىك بەلگىلەپ قويۇپتىمەن،چوڭايتماقچى ئىدىم،بىلىدىغانلار بارمۇ؟

  7. نۇرسان : 2012-يىل 18-ئۆكتەبىر19:02 جاۋاب

    ئەسسسالامۇ ئەلەيۇم،مەن مەك كومپىيوتۇرىغا قاچىلاي دىگە،مەكنىڭ بۇت كەمپ رايونىنى فورماتلىۋېتىپ قاچىلسام بۇلامدۇ؟لىكىن مەكتە بىيوس بولمايدىكەن،دېسكىدىن ياكى USBدىن قوزغىلدىغان قىلىپ تاللىغىلى بولمايدىكەن،قانداق قىلمەن.ياردەم قىلسىڭىز.

  8. ئىمام : 2012-يىل 7-دېكابىر14:14 جاۋاب

    ياخشمۇ سىز بەختىيار-مەن ئۇيغۇر ئىكىسنى قاتتىق دىسكامغا ،قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاي دىگەن ئىدىم.قاتتىق دىسكامدىن ئايرىم دىسكا رايۇنىنىمۇ ئايرىپ تەييارلاپ بولدۇم .ئاندىن ئۇيغۇر ئىكىسنى نۇر دىسكىغا ئۇيۇپ تەييارلاپ.قاچلاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىدىم.قاچىلاش داۋاملىشىپ.(قوش سىستىما قىلپ قاچىلاش– ۋىندوۋىسنىڭ ئورنىغا قاچىلاش —باشقىچە قىلىش -) دىگەن ئۇرۇندىن زادى ئۈتەلمىدىم—بىرىنجىنى تاللاپ ئورنتۇش كۆزنىكدىن ئۈتەلمىدىم —باشقىچە قىلىش دىگەن جاينى تاللاپ .قاچىلايدىغان رايۇننى كۆرسۈتۈپ بەرسەم يانا بىر نىمەلەرنى قىلىڭ .غول دىسكىنى بىر نىمە قىلماپسىز دىگەندەك ئۇچۇرلار چىقىۋېلىپ .بۇ جايدىنمۇ ئۈتەلمىدىم…شۇڭا بىر يادەم قىلىپ ،قايسى كۆزنەكنى تاللايمەن-ھەم قانداق مەشخۇلات قىلىمەن ،ئېيتىپ بەرسڭىز .بەك خوش بۇلاتتىم .ئاۋارە قىلغىنىمدىن خجىلمەن. :mad:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×