ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، قاچىلاش داۋامىدا كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇنىڭ liveCD قوزغاتساق، ھازىر قاچىلاش ۋە ھازىر ئىشلىتىش دەپ ئىككى تاللاش كۆرۈنىدۇ. قاچىلاشنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز. ھازىر ئىشلىتىشنى بېسىپ liveCD دىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىمەيمىز. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر ئىشلىتىش (try to use مۇشۇنداقراق) بېسىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: خالىغان جايدا خالىغان كومپيۇتېردا بارماق دىسكىمىزدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتەلەيمىز. بىراق سۈرەت ئازراق ئاستا بۆلىشى، قوزغاتقۇچلار ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.
بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر قاچىلاش (Install now) بېسىپ ئۇبۇنتۇنى liveCD دىن قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: CD/DVD دىسكىسى ئالىدىغان پۇلىڭىزنى تېجەپ قالىمىز ئەلۋەتتە. ھى…ھى…
بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇبۇنتۇ iso سىنى قانداق قىلىپ بارماق دىسكىغا توغرا ئۇيۇش. ئەلۋەتتە iso نى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە Windows شارائىتىدا ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بىلەن، ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
- UltraISO
UltraISO نى قاچىلاپ ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى UltraISO ئارقىلىق ئاچىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 启动光盘–写入硬盘映像 نى باسىمىز. UltraISO ھەقلىق دېتال بولغاچقا xxx نۇسخىسىنى ئۆزۈڭلار بەيدۇ قىلىڭلار. ھى…ھى…
ئېچىلغان كۆزنەكتىن :便捷启动–写入新的驱动器引导区–Syslinux نى تاللايمىز. بۇ باسقۇچ بولمىسا بارماق دىسكىغا ئويۇلغان ئۇبۇنتۇ boot missing دەپ قوزغالمايدۇ جۇمۇ.
ئەمدى ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللاپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلساقلا بولدى.
- Universal USB Installer (ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇل)
ئالدى بىلەن Universal USB Installer نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قوزغىتىمىز. ھەم رەسىمدىكى 1 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى، 2 دېگەن ئورۇندىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى تاللايمىز.
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1 نىڭ سول تەرىپىدىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللايمىز، 1 نىڭ ئوڭ تەرىپىنى تاللاپ قويساق ئۇيۇشتىن بۇرۇن بارماق دىسكا (يان دىسكا) فورماتلىنىدۇ، ئېھتىيات قىلىڭلار. 2 دېگەن ئورۇندىن ئىشلەتمەكچى بولغان بوشلۇقنى تاللايمىز.
ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم، ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىلىپ يۈرسەڭلارمۇ ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاپ پۇل تىجىسەڭلارمۇ بولىدۇ (بارماق دىسكىسى بارلار).
بۇرۇن بۇ بەت بارلىقىنى ئانچە بىلمەپتىكەن، ئەمما كارونىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن يەنە بىر خىل يېڭىچە مەزمۇننى ئۆزىگە يار قىلغان بۇ بلوگنى كۆرۈپ خۇش بولدۇ،م، ئۇبۇنتۇ توغرىسىدا كۆپلىگەن بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزغا تېلەكداشمىز
سالام. تور بېتىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، رەھمەت.
ياتاق تورىدا نۇرغۇن تور بېكەتلەرنى چەكلەپ قويغاچقا، ئۇبۇنتۇغا يۇمتال قاچىلاش سەل تەس توختاپ قالدى، شۇڭا DVD نۇسخىسىنى قاچىلاي دەپ سىنىغانىدىم، بارماق دېسكىغا ئويسام (ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باقتىم) كومپيۇتېرىم بارماق دېسكىدىن قوزغالغىلى ئۇنمىدى.(قوزغىتىش تىزىملىكىدە بارماق دېسكا كۆرۈنمىدى.) نەچچە قېتىم سىنىدىم، بۇنىڭدا بىرەر ئەپچىل چارە بارمۇ؟ يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
ئاۋارە قىلدىم دىگەن سۆزنى ئەمدى ئىشلەتمەڭ.
بەزى كومپيۇتېرنىڭ bios دا usb دىن قوزغىتىش دىگەن تاللاش يوقكەن. شۇڭا سىز بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ تۇرۇپ bios قا كىرىڭ. ئاندىن قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش، قوزغىلىدىغان قاتتىق دىسكىنى تاللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسى ھەم بارماق دىسكىڭىز كۆرىنىدۇ، بارماق دىسكىنى تاللاڭ. ئەگەر يەنە قىلالمىسىڭىز داۋاملىق ئىنكاس يازارسىز
بارماق دېسكىغا ۋىندوۋز نى ئويۇپ، قوزغالغاندا F12نى باسسام، قوزغىتىش تىزىملىكىدە بارماق دېسكام كۆرۈنىدۇ. ئۇبۇنتۇنىڭ 600نەچچە م ب لىق CD سىنى ئويساممۇ تىزىملىكتە كۆرۈنىدۇ. پەقەت 4GB لىق dvd نۇسخىسىنى ئويساملا، قوزغىتىش تىزىملىكىدە بارماق دېسكام كۆرۈنمەيدۇ.
نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. بارماق دېسكام 8GB لىق، SMI ئۆزەكلىك بارماق دېسكا.
Universal USB Installer بولسا DVD نى قوللىمايدۇ. مەنمۇ DVD نى سىناپ باقمىغان. Ultraiso بولىدىغۇ دەيمەن.
sinap bakayqu keni~~~
Ultraiso مۇشۇ دېتال بولىدۇ .مەن ئىشلىتىپ باققان
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئۇبۇنتۇ قاچىلاشتىن ياردەم قىلالاسىزمۇ؟
بىرىنجى قېتىم كومپىيۇتېرغا توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا نورمال قاچىلانغان (كومپىيۇتېرىم ئەسلى ۋىندوس 7 ، ئىككىسىنى تەڭ ئىشلىتەي دىگەن ). لىكىن قوزغاتقاندا ئېكراندا ھېچنىمە كۆرۈلمىدى. قايتا قوزغۇتۇپ سىناپ باقساممۇ بولمىدى .
شۇنىڭ بىلەن قايتا قاچىلماقچى بولۇپ قاچىلىسام تۇيۇقسىز ماۋۇ رەسىمدېكىدەك خاتالىق كۆرۈلدى قانداق قىلىشىم كېرەك . زادى مۇشۇ ئككى سېستىمىنى بىللە ئىشلىتەي دېگەن
wubi.exe نى قوزغاتقاندا، ئۇ تۇرغان بارلىق مۇندەرىجە ئىسمى (绝对路径) خەنچە ياكى ياپۇنچە بولمىسۇن، ھەممىسى لاتىنچە بولسۇن.
سىناپ باقتىم ‘ يەنىلا بولمىدى 。 باشقا نۇسقىلىرىنىمۇ قاچىلاپ باقتىم ‘ يەنە شۇ گەپ。ئاۋۇ لوگو خاتېرىگە قاراپ باقسام ھەممىسى ئېنگىلسچىكەن 。。。 چوقۇم ياردەم قىلسىڭىز。 يەنە قانداق ئېھتىماللىق بار؟.
Universal USB Installer دىن ئۇيغۇرئىكىس نى تاللاپ ئېپ كىرگىلى بولمىدى…
مەن بارماق دىسكا ئارقىلىق تاق سىستىما قىلىپ قاچىلاي دىسەم بەكلا تەس چۈشۈۋاتىدۇ. بىر سائەتتەك ۋاقىتتا بارماق دىسكىغا فورماتلىدى(ئىكىستىراكىتلىدى) ئاندىن ئۈستەل كومىيوتىرىمنى قايتا قوزغىتىپ دېل ئارقىلىق usbدىن قۇزغىلىدىغان قىلدىم ئەمما مانا قاچىلااتقىلى ئىككى سائەت بۇلۇپ قالدى يەنە شۇ قارا ئىكراندا بىرتال 一 سىزىق c پەننى ئۇڭشايدىغان بىر يېرى بار دىگندەك قىلانتى بىرى قانداق قلسام بولا ……