ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ ئاۋازى چىقماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى448 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 371+

ئۇبۇنتۇنىڭ ئاۋازى يوقاپ كېتىش كۆپ كۆرۈلىدىكەن (مەن بۈگۈن تۇنجى قېتىم يۇلۇقساممۇ). بۇرۇن مۇشۇ بەتتىمۇ باشقىلار بۇ توغرىسىدا سۇئال سورىغان. بۇگۈن مەن ئۆزەم يۇلۇققان مەسىلىنى مىسالغا ئېلىپ Ubuntu نىڭ ئاۋازى يوقاپ كىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
مەن يۇلۇققان مەسىلە ئىشلەتكۈچى ھوقوقى يەتمەسلىكتىن كىلىپ چىققان بۇلۇپ مەن ls -la /dev/snd بۇيرۇقى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۇچۇرغا ئىرىشتىم.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$& ls -la /dev/snd


total 0
drwxr-xr-x 2 root root 180 2010-12-30 08:53 .
drwxr-xr-x 12 root root 4580 2010-12-30 13:01 ..
crw-rw---- 1 root root 116, 8 2010-12-30 08:53 controlC0
crw-rw---- 1 root root 116, 7 2010-12-30 08:53 hwC0D2
crw-rw---- 1 root root 116, 6 2010-12-30 08:54 pcmC0D0c
crw-rw---- 1 root root 116, 5 2010-12-30 14:04 pcmC0D0p
crw-rw---- 1 root root 116, 4 2010-12-30 08:53 pcmC0D1p
crw-rw---- 1 root root 116, 3 2010-12-30 08:53 seq
crw-rw---- 1 root root 116, 2 2010-12-30 08:53 timer

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدىكى root ۋە audio گرۇپپىسىدكى ئىسلەتكۈچىلەرلا ئاۋاز ئاڭلىيالايدۇ. دىمەك مىنىڭ ھوقوقۇم يەتمىگەن گەپ، شۇڭا مەم تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق بۇ مۇندەرىجى ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە ئىشلىتىش ھوقوقى قوشتۇم.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$&sudo chmod -R a rwx /dev/snd

مانا ئەمدى مىنىڭ ئاۋاز چىقىتى. بىراق ئاۋازدىن مەن، root، ۋە audio گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارلا بەھىرلىنەلەيدۇ. شۇڭا يەنە بىر ئامال ئىشلەتكۈچىنى audio گۇرۇپپىسىغا قوشۇش، بۇنىڭ بۇيرۇقى:

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$&sudo usermod -a -G audio usrname

بۇيەردىكى username ئىشلەتكۈچى ئىسمى(ئاۋاز چىقمىغان ئىشلەتكۈچى).

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×