ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ ھەقسىز CD دىسكىسىغا ئېرىشىش
ئېلان قىلىنغىلى446 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 467+


ھەقسىز تارقىتىلغان بۇ دىسكا ھېچقانداق ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەن بولۇپ پەقەت Linux نى تەشۋىق قىلىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ (ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ). بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ubuntu ئورگىنىدىكىلەر ھېچقانداق مائاش ئالمايدىغان بولۇپ كومىتېتنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ئوچۇق كودلۇق يۇمتاللارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ساخاۋەتچى شەخس ياكى شىركەتلەرنىڭ ئىئانىسىن كېرىدۇ(ئەگەر Mark Shuttleworth جۇڭگولۇق بولغان بولسا ھەرگىز ئۇنداق قىلماستى ھە). شۇڭا بىز ubntu linux نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىلا ھەقسىز دىسكىنى ئاز ئىلتىماس قىلىشىمىز كېرەك.
ubuntu ھەقسىز CD دىسكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى:https://shipit.ubuntu.com
بىز كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ. ئاندىن بەتكە تىزىملىتىپ كىرىمىز ھەمدە ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان نۇسخىنى تاللايمىز (بۇ يەردە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى بىلەن مۇلازىمېتىر نۇسخىسى بار) ئادەتتە ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى Request a CD of Ubuntu Desktop Edition تاللايمىز.

ئاندىن تۆۋەندىكى بەتكە ئۆزىمىزنىڭ تەپسىلىي ئىنگلىسچە ئادرېسىنى تولدۇرمىز.

:ئىسىم-فامىلە
organization:ئورگان (تولدۇرمىساقمۇ بولىدۇ)
Address:ئادرېس
City/Town/etc:شەھەر ناھىيە بازار
State/Province:ئۆلكە ئاپتونوم رايون
Postcode:پوچتا نومۇرى
Country:دۆلەت
Phone:تېلېفون نومۇرى
ئاندىنRequired نى باسساق Please double-check your address before submitting your request دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ. ئادەتتە ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە دىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالالايمىز.
قوشۇمچە:
Kubuntuھەقسىز CD دىسكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى:https://shipit.kubuntu.org
Edubuntu ھەقسىز CD دىسكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى:https://shipit.edubuntu.org
شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەيكى Ubuntu Linux نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىلا ھەقسىز دىسكىنى ئاز ئىلتىماس قىلىشىمىز كېرەك.
تۆۋەندىكىسى مەن ئىرىشكەن ھەقسىز دېسكا.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×