ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىسىز؟
ئېلان قىلىنغىلى617 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 36 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 4,023+

يېقىندىن بىرى بىلوگنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇبۇنتۇدىن زېرىكىپ قالدىڭلارمۇ ياكى مەن يېقىدىن بويال يازغان يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇبۇنتۇ 11.04 توغرىسىدا بولغاچقا شۇنداقمۇ بىلمىدىم.

شۇڭا بۇ بىلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ بەرسەڭلا. مېنىڭمۇ بۇنىڭدىن كىيىن بىلوگنى قانداقراق باشقۇرۇش ھەققىدە كۆڭلۈمدە سان بولسا.

ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىۋاتىسىز؟

  • ئۇبۇنتۇ 11.04 (63%, 20 Votes)
  • ئۇبۇنتۇ 10.10 (19%, 6 Votes)
  • ئۇبۇنتۇ 10.04 (19%, 6 Votes)
  • ئۇبۇنتۇ 10.04 دىن كونا نۇسخىسى (0%, 0 Votes)

Total Voters: 32

Loading ... Loading ...

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 36 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 23 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 13 پارچە.

  1. nuruz : 2011-يىل 10-ماي10:13 جاۋاب

    ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم
    لىنۇكىس سېستمىلار توغرىسىدا توختىماي ناھايىتى ياخشى ئىزدىنىپ كېتىپ بارىسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ، مەنمۇ بىر لىنۇكىس سېستىمىلارنى تەۋسىيە قىلغۇچى، دائىم باشقىلارغا لىنۇكىس قاچىلاپ بەرگەندە https://www.uyghurix.net/ugubuntu بىلەن بىلىك كۇلۇبىنى باش بەتلەپ قويىمەن.

    بىر ئىلتىماسىم شۇكى ھەر مەزموننىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى «تۇللۇق ئوقۇش» نى «تولۇق ئوقۇش» قا ئۆزگەرتىپ قويامسىز.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 10-ماي10:36 جاۋاب

      رەخمەت سىزگە. مەن ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇر ئېدىت بۇ يەردىكى خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرمىگەچكە سەل قاراپ ئۆتكىزىۋېتىپتىمەن. ئادەتتە يازما يازغاندا ئىملاغا خېلى دىققەت قىلاتتىم بولمىسا. يەتتە يىلدىن بېرى ئىچكىرىدە يۈرگەننىڭ پايدىسى دەڭە بۇ :smile: ھازىرلا ئۆزگەرتىپ قوياي…
      يەنە قانداق تەكلىپىىز بولسا بەرگەسىز جۇمۇ… :mrgreen:

  2. مۇخلىس : 2011-يىل 10-ماي12:43 جاۋاب

    ئىملا خاتالىقى ،ھەي،ئۇ يەرگە مەن بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن ،

  3. nuruz : 2011-يىل 10-ماي15:47 جاۋاب

    نېمانداق تېز!
    تىرىشىڭلار مىللىتىمىزنىڭ ئوغلانلىرى!!!

  4. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 11-ماي12:31 جاۋاب

    يەنىلا يىڭى نۇسخىسىغا بەكرەك كۈچىسىڭىز بولغۇدەك…مەنمۇ ھەممە نۇسخىسىنى قاچىلاپ باققان ئۇ چاغلاردا ئانچە بىلمىگەچكە ئۇزاق ئىشلىتەلمىدىم…سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىدىكى دەرسلىكلەرنى كۆرگەندىن كىيىن قايتا قاچىلاپ يەنە ئىشلىتىشكە كىرىشىپ كەتتىم…شۇ تور بولمىسا ئىقتىدارىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىكەن…

  5. مىنىستىر : 2011-يىل 11-ماي19:11 جاۋاب

    ئوبۇنتۇنىمۇ بىر كونۇپكا بىلەن قاچىلايدىغان قىلىپ ياسىسا بولمامدۇ ؟

    مەن مۇشۇ ئوبۇنتۇ دىگەن سىستىمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقاي دەپ خىلى كۈچەپ باقتىم .10.04نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىمۇ خاتا مەشخۇلات قىلىش سەۋەبىدىن كومپىيۇتىرىمدا ئارتۇق بىر دىسكا رايونى پەيدا بولۇپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ دىسكا رايونىنى بىرلەشتۈرۈمەن دەپ كومپيۇتىرىمدىكى ماتىرىياللىرىدمدىن ئايرىلىپ قالدىم .ھەر ھالدا ئوبۇنتۇنى ئىشلىتىش جەھەتتە دەسلەپكى سەۋىيە تۇرغۇزدۇم .بۇ قىتىم 11.04نۇسخىسىنى سىناپ بىقىشنى ئويلىغان ئىدىم .مەۋھۇم كومپيۇتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقاي دىسەم ئۇنىڭغا قاچىلانمىدى .wubiدىن پايدىلىنىپ cدىسكىغا قاچىلاپ باقاي دىسەم ئۇ نۇسخىسىدا يوقكەن .شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتىرىمغا بىر قاچىلاپ باقاي دەپ قاچىلاشنى باشلىدىم .بۇ نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلى دىگەندەك ئوخشاپ كەتمەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە كومپيۇتىرىمدىكى دىسكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇم .ئەلۋەتتە ماتىرىياللىرىمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ھەسرەت قىلمايمەن .شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى سۇئالنى سوراش خىيالىغا كىلىپ قالدىم .

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 11-ماي20:08 جاۋاب

      مەنمۇ كومپيۇتېرىمدىكى ھەممە ماتىرياللارنىڭ يۇيلۇپ كىتىش دەردىنى تارتىپ باققان. ھەتتا ئۇبۇنتۇ دېگەننى ئېككىنچى قاچىلايدىغان بولسام… دەپ ۋەدىلەرنىمۇ بەرگەن تېخ :mrgreen:
      ئەمما ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش باسقۇچى، ئىچكى تۈزىلىشىگە سەل پىشىپ قالسىڭىز، بۇلاردىن ئەنسىرمىسىڭىز بولىدۇ. بولسا ئۇبۇنتۇ 11.04 نى wubi قاچىلاش ئىشلىتىپ بېقىڭ. سىزگە ئامات تىلەيمەن، بىر كۈنلەردە ماڭا ئوخشاش ئۇبۇنتۇدىن باشقا سىستېما ئىشلەتكىڭىز كەلمەس بولۇپ قېلىپ، بىلوگنى بىللە مۇنبەرگە ئۆزگەرتەمدۇق تېخى :cool: … ھازىر ئۇبۇنتۇدا بەلگىلىك ئاساسى بار ئادەم ئىزدەۋاتقاندا.. :mrgreen:

  6. بىلىملەر تورى : 2011-يىل 11-ماي20:53 جاۋاب

    بىكىتىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ. سىزنى قوللايمەن. بىلىملەر تورىدىكى باھارلىق تورداشلار سىزنى قوللايدۇ. بىكىتىڭىزنى لوگو ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    مەنمۇ ئۇبىنتۇغا بەك قىزىقاتتىم. ئەمدى ماۋۇ يېڭى يەشىرىنى قاچىلاپ سىزنىڭ بىكىتىڭىزگە كىرىپ قىستۇرما قوشاي :oops: رەھمەت سىزگە!

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 11-ماي21:16 جاۋاب

      بولىدۇ، ئۆزئار ھەمدەم بولۇپ ئۆتەيلى، قانداق مەسىلە بولسا بىكەتتە، ياكى ئايرىم ئېلخىتىمگە خەت يازارسىز :mrgreen:

  7. پرېستان : 2011-يىل 12-ماي11:47 جاۋاب

    ubuntu نىڭ كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى قانداقراقتۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 12-ماي12:18 جاۋاب

      بورادەر قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇغۇ بىلوگىمغا :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:
      xp بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ.ئىچكى ساقلىغۇچ 512 دىن يۇقىرى بولسا ياخشى. ئۇبۇنتۇ 11.04 كە يېڭى untiy ئىشلىتىلگەچكە كۆرسىتىش كارتىسىغا قويىدىغان تەلىپىمۇ سەل يۇقىرى. مەن intel 128 كۆرسىتىش كارتىسىدىمۇ ناھايىتى نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.

      • پرېستان : 2011-يىل 12-ماي20:31 جاۋاب

        مەن ئىنكاس يازمىغان بىلەن بۇ بلوگغا دائىم كېلىپ تۇرىمەن.

  8. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي17:54 جاۋاب

    مەن چۈشۈرگەن 11.04دىسكىسىدا wubiدىن قاچىلاش دىگەن ھۆججىتى يوقكەن .مەنمۇ ئامال بار شۇنداق قىلاي دىگەن .ھىلىمۇ ياخشى كومپيۇتىرىمنىڭ 分区表نى ساقلاپ قويغان ئىكەنمەن .شۇنى قايتۇرساملا بارلىق ھۆججەتلىرىم ئەسلىگە كەلدى .لكىن نورمال ئەسلىگە كەلدىمۇ .بىر نەرسە دىيەلمەيمەن .چۈنكى تىخى ھەممە ھۆججەتلىرىمنى ئىچىپ سىناپ بولالمىدىم .

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 12-ماي19:24 جاۋاب

      چۇقۇم بولىشى كېرەك، سىز بىلوگىنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىكى ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىپ ubuntu-11.04-desktop-i386.iso نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ :oops:

  9. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي17:57 جاۋاب

    ئوبۇنتۇنىڭ 11.04نۇسخىسىنى مەۋھۇم كومپيۇتىرغا قاچىلىغىلى بولمامدۇ ؟يەنە ئاۋارە بولۇپ قالماي دەيمەن .ئاۋال سىناپ ،قاچىلاشقا راۋۇرۇس پىشقاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز كومپيۇتىرىمغا قاچىلاي دىگەن ئىدىم .

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 12-ماي18:42 جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ، مىنىڭ ئۇبۇنتۇرۇمدىكى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا سىناق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەنە بىر ئۇبۇنتۇ 11.04 قاچىلاقلىق :oops:

  10. بىغەم : 2011-يىل 12-ماي20:42 جاۋاب

    مەن ھازىرچە 10.10نى ئىشلىتىۋاتىمەن. 11.4نى قاچىلاي دەپ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم، لېكىن چوقۇم 11.4 كە كۆچىمەن.

    مېنىڭچە 11.4 توغرىسىدا يازغان يازمىلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ.

  11. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي21:25 جاۋاب

    سىز ئىشلەتكەن مەۋھۇم كومپيۇتىر VirtualBoxمۇ ؟مەن windowsمۇھىتىدا 10.04نەشرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن .لىكىن 11.04نەشرىنى قاچىلاي دىسەم ئىككى قۇر ئىنگىلىزچە ئۇچۇر چىقىۋىلىپ قاچىلانمىدى .

  12. Bakhtiyar : 2011-يىل 12-ماي22:35 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇدا VirtualBox ئىشلىتىمەن. windows دا VMware ئىشلىتىشىىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. لىكىن windows دا VirtualBox دىمۇ نورمال قاچىلىنىشى كېرەك ئىدى. خاتالىق ئۇچۇرىنى ماڭا ئېۋەتىڭا، ياكى google دىن ئاقتۇرۇپ بېقىڭا…

  13. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي23:32 جاۋاب

    رەسىمنى قانداق قىستۇرۇشنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم .

  14. مىنىستىر : 2011-يىل 12-ماي23:37 جاۋاب

    ئادرىسى مانا :
    https://photo.blog.sina.com.cn/photo/75b7663cxa315db88cc39

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-ماي16:38 جاۋاب

      مەۋھۇم كومپيۇتېرنى تەڭشگەن ۋاقىتتا CPU قوش يادىرولۇق قىلىپ تەڭشىگەن ئوخشايسىز. بولسا مەن دىگەندەك windows دا VMware ئىشلىتىپ بېقىڭ

  15. رېتسىپ : 2011-يىل 13-ماي07:08 جاۋاب

    سىزنىڭ لىنۇكىس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم ئۈنۈملۈك بولىۋاتىدۇ . مەيۈسلنمەي داۋاملىق تىرشىڭ . بىز ھامان سىزنىڭ قوللىغۇچىللىرىڭىز !!! :razz:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-ماي16:39 جاۋاب

      سىلەردەك قوللىغۇچىلرىملا بولسا مەن چۇقۇم تېخىمۇ تىرىشىمەن. :mrgreen:

  16. شەمشەر117 : 2011-يىل 14-ماي18:23 جاۋاب

    ubuntu نى زادى ئۈگىنىپ قويماي بولمىدى ، يەنە بىر نەچچە يىلغا قالماي خېلى ئۇمۇملىشىپ قالىدۇ بۇ كاساپەت . خەۋەرلەرگە قارىغاندا 联想 بىر تۈركۈم كومپىيۇتىرلارغا ئالدىن ubuntu قاچىلاپ سېتىپتۇدەك ، ئىشقىلىپ كىشىلەر ھەقسىزغا ئامراق ئەمەسمۇ ….

  17. مىنىستىر : 2011-يىل 16-ماي15:33 جاۋاب

    VMwareنى ئىشلىتىپ قاچىلىغاندا ئاپتۇماتىك قاچىلاپ كەتتى .تىخى ئىشلەتكىدەك بولمىدىم .

  18. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 5-ئىيۇن20:11 جاۋاب

    11.04قاچىلاپ كومپىيوتۇردىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ئايرىلدىم،شۇ ئاچچىغىمدا قاچىلىماسمەن دەپ نەچچە كۈن يامانلاپ تاشلاپ قويغان، بولمىدى بۈگۈن يەنە قاچىلىماقچى.بىر-ئىككى قېتىم ئىشلىتىپ باققانلار مەرىدىن كىچەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. :lol:
    ئەسكىنىڭ ئوتى يامان دىگەندەك.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 6-ئىيۇن13:52 جاۋاب

      ئادەتلىنىپ كەتسىڭىزلا ئۇبۇنتۇدىن باشقىنى ئىشلەتكىڭىز كەلمەس بوپ كىتىسىز. :mrgreen:

  19. ئىبرايىم : 2011-يىل 6-ئىيۇن13:23 جاۋاب

    توربەتكە قەيەردىن تىزىملىتىدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 6-ئىيۇن13:49 جاۋاب

      تىزىملىتىشىڭىز ھاجەتسىز. ئېلخەت ئادرېسڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپلا ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار سىزگە جاۋاب بەرسە ئېلخىتىڭىزگە بارىدۇ. QQ توپىغا قېتىلىپ باشقا ئۇبۇنتۇ ھەۋاسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  20. ئىبرايىم : 2011-يىل 6-ئىيۇن14:55 جاۋاب

    بۇ ياخشى گەپكەن،مەن يىقىندا ubuntu11.4 نەشرىنى قاچىلىغان.opera تور كۆرەۈچىسىنى بىر سىناپ باقاي دەپ ئۇنى ئورناتقان، خەت نۇسخىسىنى ھەرقانچە قىپمۇ ئۆزگەرتەلمىدىم، ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە چىقسام خەت نۇسخىسى نورمال چىقماي بەك قىلە جىلە قىلدى،ئامالى بارمىدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 6-ئىيۇن15:01 جاۋاب

      سىز ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇچە فونت قاچىلىغانمۇ؟
      يەنە بىرگەپ ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان تەغدىردىمۇ، ئۇيغۇرچە بىكەتلەردىكى «ى» Opera دا نورمال ئۇلانماسلىقى مۇمكىن. ھازىر نۇرغۇن WordPress ئۇسلۇبلىرى Opera دا نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
      ئەگەر Firefox دىن باشقا جاھاننامە ئىشلەتكىڭىز كەلسا مەن Google Chrome نى تەۋىسسىيە قىلىمەن.

  21. ئىبرايىم : 2011-يىل 6-ئىيۇن15:00 جاۋاب

    ما رەسىم كۆزۈمگە ئەجەپ سىغمايدا،

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 6-ئىيۇن15:03 جاۋاب

      بۇنى سىستېما ئاپتوماتىك چىقىرىپ قويىدۇ. ئەگەر باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز. https://www.tedbirkar.net/gravatar.html بۇ يازمىنى كۆرۈڭ. :mrgreen:

  22. ئىبرايىم : 2011-يىل 6-ئىيۇن15:12 جاۋاب

    Google Chrome نىمۇ قاچىلىغان، قايسى كۈنى بىر يىڭىلىسام(更新)بۇزۇلدى بولغاي، ئىچىلىپ بىرنەچچە سىكۇنت ئۆتۈپلا ئۆزلىكىدىن تاقىلىپ قىلىپ ئاچچىقىمدا سۆكۈلىۋىتىپتىمەن.

  23. ئسلام ئوغلى : 2013-يىل 3-يانۋار21:16 جاۋاب

    مەن يەنىلا 12.دە 10 لىك نۇسقىسنى ئىشلىتەي

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×