ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ تۆت يۈزگە تۆت خىل ئۈستەل رەسىمى ئىشلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى304 كۈن بولدى / ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش / 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 387+


ھەممىمىزگە مەلۇم Ubuntu نى ئادەتتە تۆت ئۈستەل يۈزى قىلىپ ئىشلىتىمىز (تۆتتىن جىق ياكى ئاز قىلسىمۇ بولىدۇ ئەمدى). بىراق ئۈستەل يۈزىگە رەسىم تاللىغاندا پەقەت بىرنىلا تاللىغىلى بولىدۇ، يەنى ھەممە يۈزدىكى رەسىم ئوخشاش. مەن تۆۋەندە CompizConfig Settings Manager دىن پايدىلىنىپ Ubuntu نىڭ قانچە ئۈستەل يۈزى بولسا ئۈستەل يۈزىگە ئوخشىمايدىغان شۇنچە خىل رەسىم ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئالدى بىلەن System–>Preferences–>CompizConfig Settings Manager->Wallpaper
gconf-editor غا كىرىمىز. ( CompizConfig ھەممىمىزدە باردۇر). ئاندىن قانچە ئۈستەل يۈزى بولسا ئۈستەل يۈزىگە ئوخشىمايدىغان شۇنچە خىل رەسىمنى تاللايمىز.

تېرمىنالغا  gconf-editor نى كىرگۈزىمىز ياكى مائۇسنى ئېكراننىڭ سول يۇقىرى تەرىپىدىكى Application نىڭ ئۈستىگە ئەكېلىپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن Edit Menu نى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن System Tools نى تېپىپ ئوڭ تەرەپتىن Configuration Editor نى تاللايمىز دە Application ——> Seytem Tools__>Configuration Editor غا كىرىمىز.
سول تەرەپتىن تەرىپ بويىچە /apps/nautilus/prefrence/ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى show_desktop نى تاقىۋېتىمىز (ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىمىز).

قانداق؟! دېگىنىمدەك سىز تاللىغان رەسىملەر ھەر بىر ئۈستەل يۈزىدە ئايرىم كۆرۈندىمۇ؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 1 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە.

  1. بىغەم : 2011-يىل 16-مارت04:49 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

    ھەممىنى سىز دېگەن بويىچە قىلدىم. لېكىن تۆۋەندىكى يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدىم.

    «سول تەرەپتىن تەرىپ بويىچە /apps/nautilus/prefrence/ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى show_desktop نى تاقىۋېتىمىز (ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىمىز).»

    مېنىڭ كومپىيوتىرىمدا nautilus دىگەن تىزىملىك چىقمىدى، ئۇنى قەيەردىن قاچىلايمەن؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 16-مارت15:01 جاۋاب

      سىز تېرمىنالغا sudo nautilus دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ. root ھالىتىدىكى كۆزنەك ئېچىلدىمۇ يوق؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×