ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدىكى ناھايىتى ئېسىل خەتكۈش
ئېلان قىلىنغىلى422 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 667+

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويمىساق ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالىمىز. ماڭا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ ئالدا ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان ئادەم تېخىمۇ شۇنداق. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈم ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇبۇنتۇدىكى خەتكۈش دېتالى تونۇشتۇراي. ئۇنىڭ ئىسمى xpad.

بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ. تەگلىك رەڭگىنى، خەت نۇسخىسىنى، خەت چوڭ كىچىكلىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيمىز. ئەگەر بۇ دېتالنى سىستېما قوزغالغاندا ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

دېتالنى قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن xpad دەپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىساقمۇ، ياكى بىۋاسىتە تۆۋەندىكى xpad قاچىلاش دېگەن خەتنى چېكىپ يەنە شۇ ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن تىز تېپىپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

xpad قاچىلاش


بۇ دېتالنىڭ لىنۇكس ئۆگەنگۈچىلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان يەنە بىر قۇلايلىق تەرىپى، بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان، بىراق ھېچ ئېسىمىزدە قالمايۋاتقان بۇيرۇقلارنى مۇشۇنىڭغا يېزىپ قويساق بولىدۇ. بۇنداق بولغان كۈندە نەچچە رەت قاراپ ئاسانلا ئەستە ساقلىۋالالايمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×