ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
بىر deb ھۆججىتى بىلەن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونتلارنى تۇللۇق قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى401 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 24 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,666+

غەيرەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى ياساشقا تۇتۇش قىلغىلى خېلى بولغان. بىراق ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ھەمدە ug-ttf-fonts_1.0.deb نى ئۆچۈرگەندىكى خاتالىقلارنى تۈزەيمەن دەپ بۈگۈن ئەمدى تارقىتىدىغان بولدۇم. ug-ttf-fonts_1.0.deb ھەم بۇنىڭدىن كىيىن يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە ۋە  https://ugubuntu.googlecode.com دا تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىلىرى ئۈچۈن ئايرىم يازما يېزىپ ئولتۇرمايمەن.
ug-ttf-fonts_1.0.deb ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن UKIJ نىڭ بارلىق فونتلىرى، تور بەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئەلپىدا فونتىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئەلكاتىپ فونتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ug-ttf-fonts_1.0.deb نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.0.deb



ug-ttf-fonts_1.0.deb نى چۈشۈرگەندىن كىيىن قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى ug-ttf-fonts_1.0.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ (cd بۇيرۇقى بىلەن deb ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ دېمەكچى)
قاچىلاش بۇيرۇقى:

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo dpkg -i ug-ttf-fonts_1.0.deb


قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىنىڭ ئۇسلۇب، تەگلىك رەسىم … ئۆزگەرتىدىغان يېرىگە كىرىپ فونتلارغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.


ئەگەر بۇ يەردە مەن يازمىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئېيتقان فونتلار نورمال كۆرۈنسە، قاچىلاشتا، deb ھۆججىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەگەر بۇ deb ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلانغان فونتلارنى ئۆچۈرمەكچى بولساق، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

www.uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo apt-get remove ug-ttf-fonts


ئەگەر قاچىلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلارسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 24 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 15 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 9 پارچە.

  1. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 24-ئاپرېل00:26 جاۋاب

    مۇېەپپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم،ئۇيغۇرچە توربەتلەر98%نورمال. :wink:
    جاپا تارتىۋاتىسىز. :smile:

  2. مۇخلىس : 2011-يىل 24-ئاپرېل19:19 جاۋاب

    بەك كاتتا ئىش بولۇپتۇ جۇمۇ بۇ :razz:

  3. خەتتاب : 2011-يىل 24-ئاپرېل20:30 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەسلى سىز ئۇ كى ئې جى ، ئالىپ ، ئەلكاتىپ ،

  4. خەتتاب : 2011-يىل 24-ئاپرېل20:36 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاپا تارىپسىز جۇمۇ ، قولىڭىزغا دەت كەلمىگەي ! يەنە داۋاملىق ئۇيغۇرچە لىنۇكىس دىتاللىرنى ئىشلەپ تۇرۇڭ ! سىز ئەسلى ئەلپىدانىڭ ئورنىغا ئالىپنىڭ 8.0 خەتنۇسخىسنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئەلپىدا خەت نۇسخىسى يۇنىكودلۇق ئەمەسكەن ئۆلچەمسىزكەن ، بۇندىن كىيىنكى پىلانغا مۇشۇنى قېتىۋېلىڭ ، ئۇنداق بولغاندا ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسىدىن قۇتۇلۇپ يۇنكودلۇق خەت نۇسخىللىرى ئومۇملىشاتتى ، بىرلىككە كېلىشكە پايدىسى بارمىكىن دەپ قارايمەن ،

    • پرېستان : 2011-يىل 17-ماي18:06 جاۋاب

      Alpida Unicode System ماۋۇ بولسا ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنىڭ نامى، دېمەك ئەلپىدا يۇنكودلۇق خەت نۇسخىسى.

  5. خەتتاب : 2011-يىل 24-ئاپرېل20:39 جاۋاب

    ياكى بولمىسا بارلىق ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك ، ئۆلچەمسىز خەتنۇسخىللىرنىڭ ھەممىنى قاچلايدىغان قىلامسىز ؟ مەندە بار پىرىسلانغان شەكلى 56 م ب كېلىدۇ ، يەنىلا ئاخىردا ئەجرىڭىزگە رەھمەت دىمەي تۇرالمايمەن ، ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچلىغانلارغا بەكلا پايدىسى زور بۇنىڭ ،

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 24-ئاپرېل21:24 جاۋاب

      بۇ deb ھۆججىتى ئۈچۈن قانداق پىكىر بولسا ئاڭلايمەن. ئەگەر پىكىرلەردە كۆپچىلىك بىرلىككە كېلەلىسەك، كىيىنكى نۇسخىسىنى ئويلىغىنىمىزدەك، تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ياساپ تارقىتىمەن. :oops:

  6. شەمشەر117 : 2011-يىل 25-ئاپرېل16:51 جاۋاب

    مۇشۇ دېتال ئىچىدىكىلىرىمۇ يىتەرلىك بوپتۇ ، باشقا خەت نۇسخىلىرىنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزى قاچىلىۋالسا بولىدۇ ، ئاساسى ئېھتىياجدىن چىقسىلا بولدى ، بۇنداق بولغاندا سىغىمى چوڭىيىپ كىتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .

  7. gheyret : 2011-يىل 25-ئاپرېل21:04 جاۋاب

    سالام بەختىيار ئەپەندى،
    مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى كېيىكى نىشانغا يۈرۈش قىلىڭ. يەنى بىرەر بوغچىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مەلۇم بىر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان. بۇنداق بولغاندا Locale ھۆججىتىنى ۋە ھەرپتاختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرلا بۇيرۇق بىلەن قاچىلاشقا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلاتتى.
    ئۆتكەندە Debian غا UKIJ فونتلىرىنى قوشۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. ئۇلار بوغچا ياساپ تارقىتىپتۇ. https://packages.debian.org/sid/fonts-ukij-uyghur. بىراق تېخى مۇقىم بولمىغان نەشرىدە ئىكەن. UKIJ دىكى فونتلاردا خاتالىق كۆرۈلسە بۇلارنىڭ تېزرەك يېڭىلاپ بولۇشى ناتايىن. شۇڭا ياسىغان بوغچىنى تاشلىۋەتمەي، خاتالىقلار تۈزىتىلگەندە يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 25-ئاپرېل22:48 جاۋاب

      سالام غەيرەت ئەپەندى
      ئۇلار تارقاتقان deb ھۆججىتىنى بايا ئېچىپ قاراپ باقتىم. ئىچىدىكى shell مىنىڭكىدىن مۇكەممەل يېزىلىپتۇ. پايدىلانسام بولغىدەك.
      تىل بولىقى قاچىلايدىغان deb ياساش بەك تەس ئەمەسكەن. مەن ھازىر شۇنىڭغا تۇتۇش قىلدىم.
      بىلوگۇمدا زىيارەتتە بولغىنىڭىزغە رەھمەت. :razz:
      سالام بىلەن: بەختىيار

  8. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 4-ماي21:29 جاۋاب

    مەن ubuntu 11.04 كە بىۋاستە قاچىلىسام قاچىلانمىدى..تىرمىنالدا قاچىلاشتا سەل قىيىنچىلىق بولىۋاتىدۇ..ئۇۇيغۇرچە تىل مۇھىتىدا توقۇنۇش بولامدۇ قانداق بىلمىدىم.. :cry:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 4-ماي22:30 جاۋاب

      سىز قايسى ئۇسۇل بىلەن قاچىلىغان؟ قاچىلاش بىلەن تىلنىڭ ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. مەن iso نى بارماق دىسكىغا ئۇيىۋېلىپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ، ئۇبۇنتۇ 11.04 نى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىدىم، سىزنىڭمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. ئارتۇق پۇل خەجلەپ cd دىسكىسى ئېلىپ يۇرمەيسىز :grin:

      • ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 5-ماي19:58 جاۋاب

        مەن windosw ئۈستەل يۈزىدە بىۋاستە iso يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ wubi ئارقىلىق قاچىلىغان مىنىڭ دىگىنىم ئۇيغۇرچە فونىتنى قاچىلاش ئەھۋالى ئىدى…مۇشۇ سەھپىدىكى ئۇيغۇرچە فونىت deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسام قاچىلانمىغان ئىدى…ئىنكاسىمدا يازماي قاپتىمەن..

        • Bakhtiyar : 2011-يىل 5-ماي20:11 جاۋاب

          قاچىلاش داۋامىدا رەسىمدىكىدەك كۆرسەتمە كۆرۈنىدۇ.
          d3a6a9ea0e91eed0a2b44bb6841a9f74.png
          سىز ئوڭ تەرەپتىكى Ignore and install نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋام ئەتسىڭىز بولىدۇ.

  9. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 4-ماي21:35 جاۋاب

    مەن ئادەتتە تور بەت كورگەندە شۇ تور بەتنىڭ قايسى خىل خەت نۇسخىسى ئىشلەتكىىنىنى ئىنىقلىغاندىن كىىيىن كورىۋالغاندىن نۇسخىسىنىلا ئىزدەپ تىىپىپ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن…
    بولسا تو بىتىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىمىسىمۇ نۇرمال كورۇنىدىغان تەڭشەش ئۇسۇلىنى بىر سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز تور بەت ياسايدىغانلار تور بىتىگە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ قويسا ئاۋارچىلىقمۇ بولماس ئىدى… :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 4-ماي22:26 جاۋاب

      ئەمىليەتتە توربەتنى firefox دا قانداق نورمال كۆرۈندىغان قىلدىڭىز دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ. :oops: بۇ خۇددىي eot ياساپ تور بەتنى ie دا نورمال كۆرۈندىغان قىلىپ تەڭشەش بىلەن ئوخشاش. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بەتنىڭ css نى ئۆزگەرتسىلا بولىدۇ. ھازىرچە مىنىڭ style.css نى كۆرۈپ پايدىلىنىپ تۇرۇڭ. ئەڭ ئۈستىنكى قىسمىدا.
      بۇنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ تۇرۇڭ، ئەگەر ئۆگەنگىڭىز بولسا ۋاقىت چىقىرىپ كىيىنچە سىزگە ئۆگۈتۈپ قوياي. ياكى توربەت ياسىسىڭىز مەن تەڭشەپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

  10. ئىرلان : 2011-يىل 17-ماي15:06 جاۋاب

    ubuntu غا deb ھالاتتە فونىت پىروگىراممىسى ياساپ قويۇپسىز ، باشقا centos , redhat, fedora ,suse لار ئۈچۈنمۇ rpm ھالەتتە فونىت قاچىلاش بولىقى ياساپ قوسىڭىز ؟ ۋاقىتىڭىز چىقارمۇ ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 17-ماي15:10 جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ياساپ يوللاپ قويىمەن :oops:

  11. ئىرلان : 2011-يىل 17-ماي19:23 جاۋاب

    بولسا مۇشۇنى sell ھالەتتە قانداق ئىشلىگىنىڭىزنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى كۆرۈپ مېنىڭ ياسىغىم كەلگەن ئىدى .

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 18-ماي06:36 جاۋاب

      deb بولىقى ياساش بەك تەس ئىش ئەمەس، بىراق چۇقۇم shell بىلىشىڭىز كىرەك. مەسىلەن بۇ deb ھۆججىتىنى يەشسىڭىز DEBIAN مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى، postinst غا يېزىلغان shell فونت قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، postrm غا يېزىلغان shell فونتنى ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلدۇ.
      ئەگەر rpm بولىقى ياسىسىڭىزمۇ مۇشۇ shell دىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى redheat، fedora …ھەممىسىدىكى سۈكۈت shell ئۆخشاشلا bash.

  12. قەيسەر : 2011-يىل 21-سېنتەبىر15:19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى deb بولىقى ھالەتتە ياسىغىلى بولارمۇ؟ :smile:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 21-سېنتەبىر20:06 جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەگەر پروگراممىسىنى يازىدىغان ئادەم چىقسا، deb بولىقىنى ئۆزەم ياساپ بېرىمەن.
      ئادەتتە ibus نىڭ m17n قىستۇرمىسىدا ئۇيغۇرچە تەمىنلەنگەچكە (deb بولىقى بار)، مۇشۇمۇ ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ.
      مەن ئاساسلىقى لىنۇكس مۇلازىمىتىرىنى ئۆگەنگەن (linux 系统管理员)، شۇڭا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ پروگرامىسىنى ئەلۋەتتە يازالمايمەن، بولمىسا :cry:

  13. قەيسەر : 2011-يىل 21-سېنتەبىر22:50 جاۋاب

    سىز دىگەن m17n نى تورسىز مۇھىتتا قاچىلىغىلى بولماس؟ :sad:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-سېنتەبىر10:16 جاۋاب

      سىز تېرمىنالدە apt-get ئارقىلىق قاچىلىغان، يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلىغان دېتاللارنىڭ ھەممىسى ئەمىليەتتە 编译 قىلىنىپ بولغان بولۇپ، شۇ deb بولىقى، ھەممىسى ئاۋال /var/cache/apt/archives مۇندەرىجىسى ئىچىگە چۈشۈپ، ئاندىن قاچىلىندۇ. دېمەك m17n قىستۇرمىسىنىڭمۇ deb بولىقى بار دېگەن گەپ.
      لىنۇكس ئۆگۈنۈشتە google جىقىراق ئىشلىتىڭ، ئىنگىلىس تىلىڭىز ياخشى بولسا https://help.ubuntu.com/ دىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنەلەيسىز

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×