ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
ئۇيغۇرچە فونت قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى يېڭىلاندى
ئېلان قىلىنغىلى577 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 39 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,770+

FireFox نىڭ 4.0 نەشرىدە «لا» ھەرىپىنىڭ نورمال ئۇلانماسلىقىدەك مەسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، UKIJ فونتلىرىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ 3.1 نەشرى ئىلان قىلندى. مەن بۇ فونتنى ياسىغان، ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن تۆھپىكارلاردەك قىلالمىساممۇ، چاممامنىڭ يىتىشىچە، ئىلگىرىكى ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلايدىغان ug-ttf-fonts_1.0.deb غا يېڭى فونتلارنى قۇشۇپ باشقىدىن ياساپ چىقتىم.

ئۇبۇنتۇدا ئاساسەن Firefox ئىشلىتىلدىغان بولغاچقا، ug-ttf-fonts_1.1.deb ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئازدۇر كۆپتۇر قولايلىق ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس.

چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.1.deb

ug-ttf-fonts_1.1.deb ھۆججىتىگە UKIJ فونتلىرىنىڭ 3.1 نەشىرى ئالماشتۇرۋېتىلگەندىن باشقا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. قاچىلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ug-ttf-fonts_1.0.deb بىلەن ئوخشاش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 39 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 9 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 4 پارچە. دەلىللەنگىنى: 26

  1. ئەلشىر : 2011-يىل 29-ماي19:26 جاۋاب

    قاچىلىغىلى بولمىدى. سېستىما ئۇبۇنتۇ 11.04 USB ئۇسكىنىسىگە (يان دېسكىغا) قاچىلىغان، چۈشۈرگەن ھۆججەتنى desktop قىلا ساقلاپ قوش چېكىپ ئاچقاندىن كېيىن internal error دەپ چىقتى.

  2. مۇخلىس : 2011-يىل 22-ئىيۇن15:19 جاۋاب

    سىزنىڭ تور بىتىڭىز ھېچ قانداق فونت قاچىلانمىغان ئۇبۇنتۇدىمۇ نورمال ئېچىلىدىكەنغۇ ؟ يا ئۇبۇنتۇ ئىئوت تونىمىسا ! بۇ قانداق كارامەت

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-ئىيۇن16:13 جاۋاب

      مەن بېكەتنى Firefox دا نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشىگەن. ئەمىليەتتە سىزمۇ بىلوگىڭىزنى مۇشۇنداق قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. بەك ئاسان، يەنى بىلوگغا eot ئۇلىغاندا css دا تۆۋەندىكىدەك يازسىڭىزلا بولىدۇ.

      @font-face {
      	font-family: 'alpida unicode system';
      	font-style:normal;
      	font-weight:normal;
      	src: url('AUS.eot');
      	src: local('Alpida Unicode System Regular'), local('Alpida Unicode System'), url('/AUS.ttf') format('truetype');
      }
      

      بۇ يەردىن AUS.eot نى ئۆزىڭىزنىڭ eot ھۆججىتنى ئادرىسىغا، AUS.ttf نى ئوزىڭىز بىلوگغا ئىشلەتكەن فونتنى بوشلىقىڭىزغا يوللاپ شۇنىڭ ئادرېسىغا ئۆزگەرتىڭ

  3. مۇخلىس : 2011-يىل 23-ئىيۇن11:56 جاۋاب

    ھە بىلىۋالدىم ،بۇ firefox نىڭ ئىشى دەڭا ! رەخمەت .مەنمۇ ئۆزگەرتىۋالمىسام :cool:

  4. نەزەرى : 2011-يىل 29-ئىيۇن23:27 جاۋاب

    تېمىلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. ئېسىل يازمىلار يۇغلىشىپتۇ بۇ يەرگە.
    بولۇپمۇ يڭى ئۇسلۇب تېخىمۇ ھۆسۈن قوشۇپتۇ.
    خەنچە ياكى ئۇيغۇرچە deb ھۆججەت ياساش دەرسلىكى ئىزدەۋاتىمەن.ئوبدانراق دەرسلىك بولسا تونۇشتۇرارسىز. رەھمەت

    • نەزەرى : 2011-يىل 13-ئىيۇل09:31 جاۋاب

      مۇمكىن بولسا يۇقارقى ئىنكاسىمغا بىر جاۋاب قايتۇرسىڭىز.كۆپ ئاپىرىن. مەن تولا ئېتىشىپ كەتتىم. ئەپلىكراق deb ياساش ئۇسۇلى تاپالماي….

      • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-ئىيۇل18:30 جاۋاب

        ‏‏قەتتىي خاپا بولمىسىڭىز، ما ئالدىراشچىلىقتا، ھىلى يازىمەن، ئەتە يازاي دەپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن.
        لىنۇكسداdeb ھۆججىتى ياساش ناھايىتى ئاسان، بىراق چۇقۇم( Shell Script(shell 脚本 نى ئازراق بىلىشىڭىز كېرەك.
        مەسىلەن مەن ياسىغان بۇ deb ھۆججىتىنى يەشسىڭىز DEBIAN ۋە usr ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ بار. deb ھۆججىتىنى ئادەتتە چۇقۇم بىر DEBIAN ھۆججىتىنى ۋە بىر ۋە بىر قانچە، بەلگىلىگەن ھۆججەتلەرنى قويىدىغان مۇندەرىجىلەردىن تۈزىلىدۇ (يەنى سىز بىر ھۆججەتنى /usr/share/loacal/ مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىگە قويماقچى بولسىڭىز، deb ھۆججىتىنى ئىچىگىمۇ مۇشۇنداق مۇندەرىجە قورىسىز).
        ئەمدى تەس يىرى DEBIAN مۇندەرىجىسى. بۇ مۇندەرىجە ئىچىگەن ئەڭ ئاز بولغاندا control، postinst،postrm مۇشۇ ئۈچ ھۆججەت بولىشى كېرەك.
        control ھۆججىتىگە دېتال نەشىرى، ئۇچۇرى قاتارلىقلانى يازىمىز.
        postinst نىڭ ئىچىگە، قاچىلىنىشى داۋامىدا ئىشلىتىلىغان بۇيرۇقنى يازىمىز.(shell ئارقىلىق)
        postrm ئۆچۈرۈش داۋامىدا ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقنى يازىمىز.(shell ئارقىلىق)
        ئەگەر سىز مەلۇم ھۆججەتنى مەلۇم مۇندەرىجە ئىچىگە ئەكىرىدىغان deb ياسىماقچى بولسىڭىز، postrm ھۆججىتىگە ئۆچۈرگەندە ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقنى يازسڭىزلار بولىدۇ.(shell ئارقىلىق)
        مەسىلەن مەن ئۇبۇنتۇدا dpkg -b بۇيرۇقى ئارقىلىق deb ھۆججىتىنى شەكىللەندۈرمەن.
        مەن بۇ deb ھۆججىتىنى ياسىغاندا بىرلا تور بېكىت ياكى ماتېريالغا تايىنىپ ياسىغان ئەمەس. كۆرگەن ماتېرياللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈسەك Google، 百度 ئىزدەپ تاپقان، لىكىن ئايرىم ساقلىۋالماپتىمەن، كەچۈرسىز :oops:

        • نەزەرى : 2011-يىل 13-ئىيۇل18:47 جاۋاب

          ھە ئۇقتۇم.مەنمۇ تولا ماتىريال كۆرۈپ كەتتىم. ئۇ تېمىلارنىڭ بىرى تىيىز بىرى چوڭقۇر،ماڭا ماس كىلىدىغنىنى تاپالماي باش قاتقان. ھازىر بىلوگىمنىڭ خەنچە تارماق بېتىگە ھەممە نەرسىنى يۇغلىۋالدىم.
          يىتىمنىڭ ئاغزى گۆشكە تەگسە چىشى قاناپتۇ دېگەندەك سىستىما ئالماشتۇرۇپ ھەممە رايۇن ھەركاتچان بولۇپ قاپتۇ.wubi دىمۇ بىر خاتالىق ئۇچۇرى چېقىۋىلىپ ئىلاج بولمىدى. شۇڭا سەل دەم ئىلىۋىلىپ قايتا سىستىما قاچىلاي.
          يەنە بىر قولاشمىغان مەسلىھەتنى سوراي.
          1. مەنمۇ ماۋۇ ئۇسلۇبنىڭ 2.5 نەشىرنى چۈشۈرۈپ ئاز-تولا تەرجىمە قىلىپ باقتىم. سىزنى دوراپ. ئەمما تەڭشەكلىرىدە CSS دە ئوبدان قىينىلىۋاتىمەن. خەنچە بىلوگىمغا خەنچىسىنى سىناپ كۆرسەم ئىقتىدار پەرقىنى بەك بايقىمىدىم. سىزچە قانداق يىڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇپتۇ؟ كۆتۈرۈشكە ئەرزىگۈدەكمۇ؟
          2. مەن ھازىر 2.4 دە مۇشۇ ئىنكاسنى ئېلخەتتە ئۇقتۇرۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرالمىدىم. سىز بىرەر قىستۇرما ئىشلەتتىڭىزمۇ ياكى؟ باشقا دىققەت قىلىدىغان نوقتا بارمۇ؟
          3. سىز ماۋۇ ئۇسلۇبنى تارقىتامسىز؟ پۇللۇق ساتامسىز؟ مەن ھازىر خەتلەرنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، ياكى CSS تەڭشەكلىرىدە يول كۆرسىتەلەرسىزمۇ؟ مەن سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئوڭ-سولى ئۆرۈلگەن شەكلىنى ئىشلىتەي دېگەن.
          4. بۇ ئۇسلۇبقا چۈشۈرۈش بېتى فورماتى قوشقىلى بولامدىكەن؟ ھازىر مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بولىقى تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتقان، بىلوگنىڭ ئۆزىدىلا قىلاي دەيمەن.
          سۇئال بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. ئاشكارا جاۋاب قولايسىز بولسا مىنىڭ تولدۇرغان ئېلخەتكە قايتۇرارسىز. كۆپ رەھمەت.
          نەزەرى

          • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-ئىيۇل19:13

            سالام نەزەرى:
            سوئالىڭىزغا تور يۈزىدىلار تەپىسىلىي جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتىم، چۈنكى سورىغان بەزى سوئاللىرىڭىزغا باشقىلارغا كۆپ قېتىم تەكرار جاۋاب بېرىپ كەتتىم.
            1. ئىقتىدارى كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، مىنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب يېڭى ئۇسلۇبنىڭ «بېكەت تەۋىسىيىسى» دېگەن يىرىدىكى دوملىما يازما تىزىملىكى.
            2. ئېلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسلۇب ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، فۇنىكسىيىسى functions.php نىڭ ئىچىدە، بىلىشىمچە سىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇب ئۆركەش بىلوگىدا تارقىلىغان نۇسخىسى شۇغۇ دەيمەن. بۇنىڭدا ئۇسلۇبنىڭ بەزى يەرلىرى خېلى دەرىجىدە ئۆزگەرتىلىۋېتىپتۇ، شۇڭا مەنمۇ بىر نىمە دىيەلمەيمەن.
            3. ئۆزىڭىز بىلىسىز بۇ ئۇسلۇب wordpress ئۇسلۇبلىرى ئىچىدە خېلى مۇرەككەپ ئۇسلۇب ، مەن كۆرگەن ئۇسلۇبلار ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپى. بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغان بىلەن، ئىچىدىكى نۇرغۇن PHP قىممىتىنى قول سېلىپ ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ.
            بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ھەقلىق سېتىۋالىمەن دەپ بەزىلەر ماڭا ھەتتا نۇرقۇتقىمۇ خەت يېزىپتۇ. لىكىن بىر ئېغىز گەپ مەن بۇ ئۇسلۇبنى ساتمايمەن، چۈنكى مەندە ساتقىدەك سالاھىيەت يوق، سىتېشقا ئۇسلۇبنىڭ ئەسلىي ياسىغۇچىسىنىڭلا ھەققى بار. ئەمدى تارقىتىشقا كەلسەك مەن بۇ ئۇسلۇبنى چۇقۇم ھەقسىز تارقىتىمەن. قاچان دىسىڭىز، مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرغاندا، چۈنكى ھەممە ئادەم ۋە بارلىق بىلوگىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بولسا دەپ ئويلايمەن. مىنڭ بىر كەمچىلكىم بىر نەرسىنى پەقەت باشقىلار ئوخشاش قىلىشنى خالىمايمەن. مانا بۇ مىنىڭ ئۇچ يىلدىن بويان ئىزچىل لىنۇكس ئىشلىتىشمىنىڭ سەۋەبى.
            2.4 نى پىرىستان تورىدا ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلاشقان، بىراق بىر يېقىن ئاغىينەم بەك سوراپ تۇرىۋېلىپ، شۇنىڭغا بەردىم. بۇ قېتىم ئۇسلۇب ئالماشتۇرسام چۇقۇم ھازىرقىسىنى ھەقسىز تارقىتىمەن.
            4. مەخسۇس چۈشۈرۈش بېتىنى ئۇسلۇب ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق يازما ئارىسىغا چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسى قوشقىلى بولىدۇ.
            جاۋابنى مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن ئاساستا ئوقۇغايسىز. مەن قولىمدىن كەلسىلا ھەممە ئادەمگە ياردەم قىلىدىنغا ئادەم، ھەرگىزمۇ بۇسلۇبنى ئىچىم يامانلىق قىلىپ تىقىۋالغىنىم يوق.

  5. نەزەرى : 2011-يىل 13-ئىيۇل19:24 جاۋاب

    توغرا چۈشەنمەيدىغان ئىش بولمايدۇ.
    ھەممىمىز توردا يۈرگەن بالىلار، بۇنچىلىك داۋلىنى چۈشەنگىچىلىكىم بار.
    مىنىڭ ئۇسلۇبىمدىكى مەسىلە راسىتلا بۇرۇنقى تەرجىمە نىڭ ئىشىكەن.
    ھازىرچە مەزمۇننى چىڭ تۇتۇپ ، كىيىنرەك سىز تارقاتقاندا ھايىت دەپلا كۆچۈۋالارمەن يا. خا خا
    ئاۋارە قىلدىم. ئەتە-ئۆگۈن مەن يەنە ubuntu غا چىقىمەن. يەنە مالال قىلارمەن .

  6. قەيسەر : 2011-يىل 9-ئۆكتەبىر21:36 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن باشقا بىر تىمىڭىزدا سىزگە تورسىز مۇھىتتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ بېقىشقا مۈمكىنمىدۇ دىگەن ئىدىم.سىناپ باقمىغانسىز؟ :razz:

    • ئۇچقۇن : 2012-يىل 4-يانۋار13:10 جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىز قايسى تىلدا كىرگۇزگۇچ ياساشنى كۆزدە تۇتقانسىز؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×