Thunderbird بولسا ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئېلخەت باشقۇرۇش دېتالى. كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇنىڭ سۈكۈت ئېلخەت دېتالى Evolution، بۇ دېتالمۇ ناھايىتى ياخشى بىراق مەن يەنىلا Thunderbird نى ياقتۇرىمەن. ئۇبۇنتۇ 11.10 دىن باشلاپ سۈكۈت ئېلخەت دېتالىغا Thunderbird ئىشلىتىدىغاننىڭ گېپى بار.
ئالدى بىلەن Thunderbird نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى Thunderbird 5.0 Beta 1 نى كومپيۇتېرغا قاچىلايلى.
ئۇبۇنتۇ 10.04/ 10.10/ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق PPA مەنبەسىدىن قاچىلايمىز.
sudo apt-get update && sudo apt-get install thunderbird
Windews ۋە MacOS X ئىشلىتىۋاتقانلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئۆزۈڭلارغا ماس كەلگەن نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
https://www.mozillamessaging.com/en-US/thunderbird/early_releases/downloads
Thunderbird نى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، دېتالنى تۇنجى قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ، بۇ يەرگە ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمىزنى تولدۇرىمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ Gmail ئېلخېتىنى بەلگىلىگەن جەرياننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، باشقا ئېلخەت ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ماس ئۆزۈڭلارنىڭ ئېلخېتىنى ماس ھالدا بەلگىلىۋېلىڭلار بولىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەلگىلەپ بولغاندىن كىيىن (مىنىڭ بەلگىلىگىنىم Gmail، بەزى ئېلخەتلەرنى بەلگىلەش ئازراق ئوخشىماسلىقى مۇمكىن). Thunderbird توردىكى ئېلخېتىڭىزنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، شۇنداق قۇلايلىق، بىراق بىز بىر مەسىلىنى ھېس قىلىمىز يەنى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ. جاۋاب يېزىش كۆزنىكىدە خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىغىلى بولمايدۇ.
بۇ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مەسىلە ئەمەس، بىز Thunderbird قا نىسبەتەن ئازراق بەلگىلەش ئېلىپ بارساقلا Thunderbird نى ئۇيغۇرچىغا تولىمۇ ماسلىشىدىغان قىلىپ تەڭشىيەلەيمىز. قېنى ئەمىسە باشلايلى.
ئالدى بىلەن Thunderbird نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەيمىز. ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقان ھەم ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىيالمىغانلار بۇ يازمىنى كۆرۈڭلار.
بەزى نەرسىلەرنى گەپ بىلەن بىرمۇنچە يېزىپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىكەن، Thunderbird نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئۈچۈن يۇقۇرىدىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. مەن خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىنى ئەسلىيەگە تەڭشىدىم، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان خەت نۇسخىسىغا تەڭشىۋالساڭلار بولىدۇ.
ئەمدىن خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا قىلىپ تەڭشەيلى. بۇنى تەڭشەشمۇ ناھايىتى ئاسان، بىز BiDi Mail UI قىستۇرمىسىنى قاچىلىساقلا بولىدى. بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، قورال ئىستونىدىن Tools>> Add-ons نى تاللايمىز. ھەمدى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنى قاچىلاش دېگەن يەرنى تاللايمىز. ھەمدە بايا چۈشۈرۈپ قويغان bidi_mail_ui-0.9.5-tb.xpi ھۆججىتىنى تاللاپ قويساق قاچىلىنىدۇ.
قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، Thunderbird نى قايتا قوزغىتىمىز، ھەمدە كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ئەڭ ئاستىدىكىنى يەنى ئۆزىمىزنىڭ خەت شەكلىنى ئىشلىتىمەن دېگەننى تاللايمىز.
مانا ئەمدى قارىساق ئوڭدىن سولغا يازىدىغان تاللاش كۆپەيدى، شۇنداقلار خەت ساندۇقىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە ئېلخەت ئوڭدىن سولغا توغرىلاندى.
ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلارغا يەنە بىر قىستۇرما تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ قىستۇرما Ubuntu Unity unread count and quicklist بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىساڭلار بولىدۇ. بۇ قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
Ubuntu Unity Messaging Menu Integration قىستۇرمىسى، ئۈنىمى:
Unity Launcher Integration قىستۇرمىسى، ئۈنىمى:
Thunderbird ئورگان بېتى: https://www.mozilla.org/en-US/thunderbird
Thunderbird قىستۇرمىلىرى: https://addons.mozilla.org/en-US/thunderbird/?browse=featured
دىققەت: Thunderbird نىڭ فونتىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەن بىلەن، Windows يۇقىرىقىدەك كۆرۈنەمدۇ يوق بىلەيمەن.
11.10 دا بۇ ئېلخەت باشقۇرغۇچى بىللە قاچىلىنىدىكەن، لېكىن تەڭشەش كۆزنىكىگە كىرەلمىدىم(تاپالمىدىم).
11.10نۇسخىسىدا فونتنى تەڭشەپ تويغان بولساممۇ بىراق تاللىغان فونتنى ئىشلەتمىدى. لىكىن ئۇيغۇرچە خەتنى ئوڭغا توغۇرلاش ئوڭۇشلۇق بولدى