ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > مىنىڭ تۇرمۇشۇم > مەزمۇنى
مەن نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن يوقاپ كەتتىم؟
ئېلان قىلىنغىلى60 كۈن بولدى / مىنىڭ تۇرمۇشۇم / 84 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 844+

ئەسسالام ئەلەيكۇم، بىلوگنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى:

بۈگۈن بىلوگنى ئېچىپ ئىچىم بەك سىيرىلىپ كەتتى. شۇنچە جىق ئىنكاسلارنى، سوئالخانىدا جاۋابسىز قالغان غېرىب سوئاللارنى كۆرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا بىلوگنى يازمىساممۇ بولۇپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنى چوڭ كۆرۈپ سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغىنىم مىنىڭ مەسسۇليەتسىزلىگىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزۈمنىڭ بەش ئايدەك ۋاقىتتا نېمىشقا غايىب بولۇپ كەتكىنىمنى چۈشەندۈرگۈم كېلىپ قالدى.

ئالىي مەكتەپنى مۇشۇ يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرۈپ، خۇاۋېي(华为)شىركىتىگە ئىشقا چۈشتۈم، ئۆزۈم ئالىي مەكتەپنى شىئەندە ئوقۇغاچقا، ئۆزۈمگە تونۇش، تاماقتا قىينالمايمەن، شىنجاڭغا بېرىپ كېلىشكىمۇ قۇلاي دېگەنلەرنى مەقسەت قىلىپ، شىركەت بىلەن توختام ئىمزالىغاندا ئىككىلەنمەيلا خىزمەت ئورنۇمغا خۇاۋېينىڭ شىئەن تەتقىقات مەركىزىنى (华为西研究所) تاللىدىم. كىم بىلسۇن، 7-ئاينىڭ بېشىدا ئىشقا چۈشۈپ بىر ھەپتە بولا بولماي، مېنى شاڭخەيگە كاماندىروپكىغا چىقىشقا بۇيرۇدى. بارغۇم يوق دېسەم، ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ زاكاز قىلىپ بولغانلىقى ئېيتتى، ئىشقا چۈشۈپ بىر ھەپتە بولغاندا نېمە دېيەلەيمەن؟ ياۋاشلىق بىلەن ماڭدىم شۇ.

شاڭخەيگە كېلىپ، يېڭى پۇدۇڭ رايونىدا خۇاۋېي شاڭخەي تەتقىقات مەركىزىنىڭ (华为上研究所) يېنىدا ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ياتاق ناھايىتى كاتتا بولسىمۇ، بۇ يەر شاڭخەينىڭ خېلى بىر چىتى بولغاچقا، تۇرمۇش يەنىلا قۇلايسىز ئىدى. ياتاقنىڭ تور سۈرىتى شۇنچىلىك ئاستىكىن، بەيدۇنىڭ باش بېتىنى ئاران ئېچىپ، بىر نەرسە ئىزدىسەملا ھېچنېمە چىقاي تۇراتتى. بىر قاپ تاماكا ئېلىش ئۈچۈنمۇ خېلى مېڭىپ كېچىپ بىر ماگىزىنغا بېرىپ ئالاتتىم. تاماقتا قىينالمىدىم، شىركەتتە باشقا مۇسۇلمان ئەللەردىن كەلگەنلەرمۇ خېلى كۆپ بولغاچقا، شىركەتنىڭ ھالال تاماق ئېتىدىغان ئاشخانىسى بار ئىدى.

شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسى شۇنچىلىك قاتتىقكىن، شىركەت ئىچىدە رەسىم تارتىشقا، بارماق دىسكا، يان دىسكا دېگەنلەرنى ئېلىپ كىرىش مۇمكىن ئەمەس. شىركەت ئىچىدە csdn、cnblogs دېگەندەك بىرنەچچە تور بېكەتلەرگىلا چىققىلى بولىدۇ. باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق شىركەت ئۆزنىڭ مول ماتېرىياللارى بىلەن تولغان ئىچكى تور بېكەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.

خۇۋېينىڭ بېسىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقى كۆپچىلىك ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. شىركەتتە ھېچكىم بىرىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلە دېمەيدۇ. بىراق قىلىۋاتقان ئىشنىڭ تەسلىكىدىن، ھېچكىمنىڭ بالدۇر قايتقۇسى كەلمەيدۇ. جىقراق نەرسە ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ كەينىدە قالماسلىققا، يىل ئاخىرىدا جىقراق مۇكاپات، پايغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىدىغان گەپ. مىنىڭ ئورنۇم بىزنىڭ بۆلۈم باشلىقىنىڭ يېنىدا بولغاچقا، ئۇ ئۆيگە قايتمىغۇچە مەن قايتالمايمەن. چۈنكى باشلىق ماڭا بەك ئامراق، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، سوراپ تۇرىدۇ. مەنمۇ يېڭى ئىشقا چۈشكەن بولغاچقا، سەك ياۋاشراق ئىشلەپ، ھەر كۈنى 9،10لاردا ئىشتىن چۈشۈپ يۈردۈم. ياش بولغاندىن جىقراق نەرسە ئۆگىنەي، كىيىن شىنجاڭغا قايتقاندا ئەسقاتار دەپ شۇ. خۇاۋېينىڭ يېڭى ئىشچىلار ئۈچۈن ئېچىلغان نۇرغۇن تەربىيىلەش سىنىپلىرى، ئىمتىھانلىرى شەنبە يەكشەنبىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەزىدە ئايلاپ ئارام ئالمايدىغان گەپ.

بىر مۇنچە گەپ ئەگىتىپ ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا يوقاپ كەتكەنلىكىمنىمۇ سۆزلەپ بولدۇم. نېمىشقا بۈگۈن بىلوگ يېزىپ قالدىم دېگەندە تۈنۈگۈن شىئەنگە قايتىپ كەلدىم ھا…ھا… ئىجارە ئۆيدىن بىرنى مىڭ تەستە تېپىپ ئورۇنلىشىپمۇ بولدۇم. قارىسام تور سۈرىتىمۇ قالتىسكەن. بىراق خىزمەت ئەھۋالىمنى بىلدىڭلار، قاچانلاردا بىلوگنى يېڭىلىيالايمەن، ئىنكاسلارغا،سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بىراق مەن تىرىش ۋاقىت چىقىرىمەن.

كۆپچىلىك ئامان بولۇڭلار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 84 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 10 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 71

  1. ئۇزدىل : 2012-يىل 14-نويابىر11:53 جاۋاب

    ياش ۋاقتىڭىزدا جاپا تارتسىڭىزمۇ كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگەنگىنىڭىز ياخشى. سىزنى ئالاھىيدە مەشىقلەندۈرۈش بازىسىغا نۇقتىلىق ئۆگېنىشكە ئەۋەتىپتۇ. قېيىنچىلىق ئادەمنى تاۋلايدۇ. كەلگۈسى خىزمەت ئىشلىرىڭىزدا قىينالمايسىز. ئاللاھ ئىگەم مۇبارەك تېنىڭىزنى ئامان، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغۇسى!

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 15-نويابىر19:21 جاۋاب

      كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ئاللاھ دېگىنىڭىزنى بەرسۇن! ئامان بولۇڭ

  2. مەپتۇن : 2012-يىل 14-نويابىر16:00 جاۋاب

    يوۋ، ما بىلوگمۇ يېڭىلىنىدىكەن ھە… (چاقچاق)
    مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا تەسىرى بار خۇۋاۋېي شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
    شاڭخەيدىن كېتىپ بولۇپ ئاندىن دېمەي شاڭخەيدە ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇنراق دەپ قويمامسىز دەيمەن، ئانچە-مۇنچە ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ تۇرار ئىدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل 8-ئايدا مەنمۇ خۇۋاۋېينىڭ شاڭخەيدىكى تەتقىقات مەركىزىگە بارغان ئىدىم، ئۇچرىشىدىغانغا بىر پۇرسەت كەپتىكەن ئەسلى.
    ھەراست، شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كەلمىسە، ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتىڭىز توغرىلىق بىلىشكە بولارمۇ؟ ئىككىمىز كەسىپداشدەك قىلىمىز.

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 15-نويابىر19:25 جاۋاب

      قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ھەممىنى دېيەلمەي. ھازىر ئاساسلىقى ++C تىلى ئارقىلىق ئالاقە سۇپىسىنىڭ كودىنى يېزىۋاتىمەن. ھەم تاختىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى SuSe لىنۇكس بولغاچقا، بارلىق قورۇلۇشنىڭ makefile ھۆججىتىنى بىر كونا خىزمەتچىنىڭ يتەكچىلىكىدە يېزىشقا قاتنىشىۋاتمەن.

  3. ئەلتىكىن : 2012-يىل 14-نويابىر16:37 جاۋاب

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئامان ئىسەن بولسىڭز شۇنىڭ ئۈزى كۇپايە ،قالغان ئىشلار ئاستا -ئاستا ئۆز يۇلىغا كىرىپ ماڭدۇ…………..

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 15-نويابىر19:22 جاۋاب

      ئاللاھ خالىسا، :smile:

  4. سالىھ بەگ : 2012-يىل 20-نويابىر14:33 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇغۇ . ئۆزى ياقتۇرغان خىزمەت ئۆزى تاللىغان خىزمەتنى ئىشلىگەندە ھاردىم تالدىم دىمەي ئۈگۈنۈپ ئىشلەش كىرەك . خىزمىتىڭىزنى قوللايمەن .

  5. ئىبرايىم : 2012-يىل 30-نويابىر10:27 جاۋاب

    ما بىكەتتىكى يىڭىلىقنى كۆرىدىغان كۈنمۇ بولىدىكەن، مەن تېخى سىزنى بۇ بىكەتكە كىرىدىغانلار ئازلاپ كىتىپ، بىكەتنى توختىتىۋىتىشنى ئويلاشقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. تېخىمۇ تىرىشىڭ. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

  6. ئادىلجان ئابلىز : 2012-يىل 30-نويابىر20:32 جاۋاب

    مۇبارەك بولسۇن

  7. ئابلىمىت : 2012-يىل 3-دېكابىر03:06 جاۋاب

    خۇداغا شۈكرى ! ئاخىرى قايتىپ كەپسىز، ئۇزاقتا بىر نەرسە يازسىڭىزمۇ يېزىپ تۇرسىڭىزلا مەيلى، « ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان» .
    داۋاملىق تىرىشىڭ، بىزمۇ ھەم بەل قويمايمىز.

  8. ئارىسلان : 2012-يىل 25-دېكابىر23:24 جاۋاب

    خۇۋاۋېيدا ئىشلىگىنىڭىز بەكلا ياخشى بوپتۇ. دېيىش كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بەك ياخشى ئۈگىنىڭ، مايۈننىڭ گېپى بويىچە ئىيتقاندا بۈگۈن بىزنىڭ دەۋرىمىز ئەمەس، بىزنىڭ دەۋىرىمىز 10-20 يىلدىن كېيىن كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاندىن قانچىلىك ئىقتىدارىمىز بولسا شۇنچىلىك تۆكۈپ كاتتا ئىش قىلالايمىز. ھازىر قىلىدىغىنىمىز ئۈگىنىش… سىزدەك دوستلاردىن زور ئۈمىد كۈتىمەن.

  9. نۇردوس : 2013-يىل 7-يانۋار01:33 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  10. كارو : 2013-يىل 9-يانۋار14:07 جاۋاب

    ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×