ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
قوش سىستېما شارائىتىدا Win7 نى قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ 10.10 غا كېرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى420 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 10 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 908+

ئۇبۇنتۇ بىلەن Win7 بىرگە ئىشلىتىۋاتقانلار بىلسە كېرەك. Win7 قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇغا كىرگىلى بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇ 10.10 دا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن بىراق ئاساسەن ئوخشاش.
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ مەن بىلىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.

  • ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىش تىزىملىكىنى Windows دىكى boot قا قوشۇش (WinXP دە ئاسانراق، بىراق Win7 دە مەن قىلالمىدىم شۇڭا بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمەن).
  • ئۇبۇنتۇنىڭ LiveCD سى بىلەن ئوڭشاش

ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ CD دىسكىسىدىن قوزغىتىمىز. ھەم تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇقنى تەرتىپ بويىچە كىرگۈزىمىز.

ubuntu@ubuntu:~$sudo -i
root@ubuntu:~#fdisk -l

تېرمىنالدا كۆرۈنگەن ئۇچۇرغا قاراپ ئۇبۇنتۇرۇمىزنىڭ قايسى رايونغا قاچىلانغىنى كۆرۈۋالىمىز. مەسىلەن / رايون sda6، ئەگەر boot/ مۇ ئايرىم ئايرىلغان بولسا sda7 (ئايرىم ئايرىمىغان بولساق ئىشىمىزنى قىلىمىز، ھى…) تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.

root@ubuntu:~#mount /dev/sda6 /mnt
root@ubuntu:~#mount /dev/sda7 /mnt/boot
ubuntu@ubuntu:~#grub-install –root-directory=/mnt/ /dev/sda
ubuntu@ubuntu:~#exit

سىستېمىنى قايتا قوزغىتىمىز. قايتا قوزغاتقاندا grub> چىقىشى مۇمكىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىگۈزمىز.

ubuntu@ubuntu:~#grub>kernel /boot/grub/core.img
ubuntu@ubuntu:~#grub>boot

ئۇبۇنتۇغا كىرگەندىن كىيىن، 系统System-管理Administration-Synaptic Package Manager新立德软件包 نى ئېچىپ grub-pc نى ئىزدەپ قاچىلايمىز. ئەگەر قاچىلاقلىق بولسا ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلايمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇقنى يۈرگۈزسەكلا ئىش تامام.

uyghurix.net/ugubuntuputer:~$sudo -i
uyghurix.net/ugubuntuputer:~#update-grub2

ئۇبۇنتۇ بىلەن Windows نى بىرگە ئىشلىتىۋاتقانلار، قاتتىق دىسكىغا قاچىلانغان ئۇبۇنتۇنى توغرا ئۆچۈرۈش دېگەن يازمام بىلەن بۇ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسا بىر سىستېما بۇزۇلسا ئىككى سىستېمىنى تەڭ قاچىلاش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 10 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 6 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 4 پارچە.

  1. abdrhimjan : 2011-يىل 19-ئاپرېل15:27 جاۋاب

    نىمىشقا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 19-ئاپرېل15:58 جاۋاب

      ىسزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوقكەن شۇ :mrgreen: :mrgreen: چاق-چاق ھە…
      بۇ ئۇبۇنتۇ بىلوگى بولغاچقا، ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇبۇنتۇدا firefox ياكى chrome ئىشلىتىپ بۇ بىلوگقا چىقىدۇ. ئۇ تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچىنى نورمال كرگۈۈزگىلى بولىدۇ. IE ۋە IE يادىرولوق تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچىنى بەزىدە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بەزىدە بولمايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم. :oops:

  2. بىغەم : 2011-يىل 5-ئاۋغۇست15:53 جاۋاب

    بۇ ئۇسۇل 11.4كە ماس كەلمەمدۇ قانداق؟

    ubuntu@ubuntu:~$sudo -i
    root@ubuntu:~#fdisk -l

    بۇ ئىككى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەم command not found دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى. :?:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 5-ئاۋغۇست21:58 جاۋاب

      sudo -i بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچىگە ئايلىنىپ، ئاندىن fdisk -l بۇيرۇقى بىلەن، كومپيۇتېردىكى ئايرىلغان رايۇننى تاپىسىز، ياكى بىۋاستە sudo fdisk -l دەپ كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      ئاندىن كۆرۈنگەن دىسكا ئۇچۇرىدىن چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ تۇرۇپ، boot نى ئايرىم ئارىغان بولسىڭىز شۇنى، ياكى بىۋاستە غول مۇندەرىجى يەنى / مۇندەرىجىسىنى تېپىپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

      fdisk -l بۇيرۇقى ئۇبۇنتۇ 10.10 دا ئوپتىك دىسكىدىن قوزغاتقاندا نورمال ئىشلەيتى بولمىسا، شۇنداقلا بۇ بارلىق لىنۇكسدىكى دىسكا ئايرىشتا ئىشلىىلدىغان بۇيرۇق. ئەگەر boot نى ئايرىم ئارىغان بولسىڭىز شۇنى، ياكى بىۋاستە غول مۇندەرىجى يەنى / نىڭ سانى بىلسىڭىز بۇ باسقۇچنى قىلمىسڭىزمۇ بولىدۇ.

  3. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 7-مارت22:45 جاۋاب

    گوسىتنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئوبۇنتۇ قوزغالدى بىراق ، ئىكىسپىنى قوزغاتسام، خاتالىق كۆرۈلدى. بۇ خاتالىقنى قانداق ئوڭشايمەن!!!!!!!!

    رەھمەت دوستۇم بەخىتيار!!!!!!!!!!!!!!!!!

  4. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 8-مارت13:30 جاۋاب

    دوستۇم بەختىيار مەن يازغان سۇئالغا قاراپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن.!!!!!!

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 8-مارت14:20 جاۋاب

      ئۇبۇنتۇنىڭ grub نى مەن دېگەندەك قايتا قاچىلىغانمىتىڭىز، ياكى ئۇبۇنتۇنى قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ قوزغىلىپ xp گە كىرگىلى بولمىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن دېگەندەك grub نى قايتا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ.
      ئەگەر يەنە بولمىسا mbrfix دەپ بىر دېتال بار، شۇنىڭ ئارقىلىق windows نىڭ mbr سىنى ئوڭشاپ xp گە كىرىپ سىناپ بېقىڭ. ئوڭۇشلۇق كىرسە ئۇبۇنتۇنىڭ grub نى قايتا قاچىلىسىڭىز ئۇبۇنتۇغىمۇ كىرگىلى بولىغۇ دەيمەن.
      https://www.uyghurix.net/ugubuntu/qattiqdiskidiki-ubuntuni-ochurush.html

  5. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 8-مارت13:33 جاۋاب

    ئوبۇنتۇدىكى ئوپىسنى خەنزۇچىلاشتۇرۇشقا بولمامدۇ؟ مېنىڭ ئىگىلىسچە سەۋىيەم يوق دېيەرلىك ئىدى.!!!!!!!!

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 8-مارت14:06 جاۋاب

      ئوپىسنى دېگىنىڭىز بارلىق كۆۈنمىسىدىكى تىلنى دېمەكچىمۇ. مەن شۇ توغۇرلۇق بىر يازما يېزىۋاتىمەن. سەل تۇرۇپ بىلوگقا يوللاپ قوياي

  6. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 23-مارت11:45 جاۋاب

    دوستۇم بەختىيار سىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق يارىدەملىرىڭىز ئۈچۈن، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×