ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
Windows7 دە ئۇبۇنتۇنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش
ئېلان قىلىنغىلى509 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 75 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,213+

بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىم ماڭا لىنۇكسنى سىناپ بېقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مىنىڭ كومپيۇتېرىمنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭغا قاچىلاپ بېرەي دېسەم پەقەت خوش ياقمىدى، (ھەم قاچىلاپ بەرسەممۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئويۇن ئوينايدىغان ئۇ ئاداش، ئىككى كۈندە زېرىكىپ ئۆچۈرۈپ بەر دەپ كىرمىسۇن دېدىم) شۇڭا ھەممىمىز بىر مەكتەپ، بىر دائىرىلىك توردا (局域网) بولغاندىن كىيىن، مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا يىراق ئارىلىقتىن كىرىدىغان (远程登录) قىلىپ بەردىم. لىنۇكس ئىشلىتىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ، Ctrl+Alt+F1~F7 نى باسساق، ئوخشىمىغان تېرمىنال ئېچىلىدۇ، ھەمدە بىر نەچچە ئىشلەتكۈچى تەڭ كىرىپ بىر كومپيۇتېرنى ئىشلىتەلەيمىز. شۇڭا ئۇ مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا سىرتتىن كىرسە مىنىڭ مەشغۇلاتىمغا ھېچ قانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ( ئىككىمىز تەڭ دەھشەت سۈزۈك كىنو كۆرمىسەكلا :mrgreen: ).

تەييارلىق ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

Windows7 دە ئۇبۇنتۇغا يىراقتىن كىرىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك. بىرى تور مۇھىتى، يەنى ئىككى كومپيۇتېر ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان بۆلىشى،  دائىرىلىك توردا (局域网) بولسا تېخى ياخشى، تور سۈرىتى بەك ئاستا بولماسلىقى كېرەك. (ئىككى كومپيۇتېردا ئايرىم ئايرىم IP نى ئۆزئارا ping قىلىپ تەكشۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ). لىنۇكسدا IP ئادرېسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ifconfig بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز.

يەنە بىرى، كىرمەكچى بولغان كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى بەك تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، Windows7 دە ئۇبۇنتۇنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش ئۇسۇلى، بەزى كونا كومپيۇتېرلاردا بىر ئادەم ئاران مەشغۇلات قىلالايدۇ (سۈرەت ئاستا، قاتىدۇ دېمەكچى)، ئەگەر بۇنداق كومپيۇتېرغا قاچىلانغان ئۇبۇنتۇغا بىرەرى مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل بىلەن يىراقتىن كىرسە، كومپيۇتېر پارتلاپ كەتمىسۇن :mrgreen:  بۇ ئۇسۇل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئادەتتە كارخانا، ئورۇنلاردا  لىنۇكسنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش ئۇسۇلى ئاساسەن قوللىنىلمايدۇ، ssh ئارقىلىق خەتلىك تېرمىنالغا كىرىدۇ. بۇنى كېيىنچە ۋاقتىم چىقسا يازارمەن.

تەپسىلىي مەشغۇلات جەريانى

ئالدىن بىلەن ئۇبۇنتۇدا Remote Desktop قورالىنى قوزغىتىمىز، بۇ سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلاغلىق، ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر بولسا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىۋالساڭلار بولىدۇ. بۇ قورال ئارقىلىق باشقىلارنى كومپيۇتېرىمىزغا يىراقتىن كىرەلەيدىغان قىلىپ بەلگىلەيمىز. بۇ يەردىكى مۇھىمى ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى تاللاش. قالغانلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكگە قىزىقساڭلار سىناپ بېقىڭلار. مەن بەلگە قىلىپ ئۆچۈرۈۋەتكەن يەردە IP رىمىز كۆرۈنىدۇ.

يۇقىرىدىكى مەشغۇلات تاماملانغاندىن كىيىن Windows7 نىڭ بۇيرۇق يۈرگۈزىدىغان يېرىنى (运行) ئاچىمىز، ھەم mstsc.exe نى كىرگۈزۈپ يۈرگۈزىمىز.

ئېچىلغان يېڭى كۆزنەككە كىرمەكچى بولغان ئۇبۇنتۇنىڭ IP ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز.

ئاستىدىكى ئۇلاشنى باسساق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، ئۇبۇنتۇدا بار بولغان قوللانچى نامى، شىفىرىنى كىرگۈزۈپ كىرسەكلا بولىدۇ.

گەپنى ئۇزارتىپ مۇشۇ يەرگە ئەكەپتىمەن. ئەمدىن Windows7 دە باشقا Windows نىڭ  گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىشمۇ يۇقىرىدا تونۇشتۇرغىنىم بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. كىرمەكچى بولغان  Windows نى باشقىلار يىراقتىن كىرەلەيدىغان قىلىپ بەلگىلەيمىز، ئاندىن قالغان مەشغۇلات ئوخشاش. يەنى كومپيۇتېرىم –› خاسلىقىغا (我的电脑,属性) كىرىپ رەسىمدىكىدەك قىلىمىز.

بىراق ئىسىڭلاردا بولسۇن Windows قا بىر قېتىمدا بىرلا قوللانچى كىرەلەيدۇ. شۇڭا بەزى تور مۇھىتىدا يىراقتىن كىرگەندە، ئەسلىي ئىشلەتكۈچى ئاپتوماتىك چېكىنىپ كەتكەچكە تور ئۈزۈلۈپ نورمال كىرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. QQ نىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار بىراق پەقەت بىخەتەر ئەمەس جۇمۇ :oops:

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 75 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 4 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 2 پارچە. دەلىللەنگىنى: 69

  1. ئو.تۇرپان : 2011-يىل 26-ئاۋغۇست23:31 جاۋاب

    ياخشىكەن. بىر سىناپ باقمىسام.

  2. ئەلتىكىن : 2011-يىل 27-ئاۋغۇست20:37 جاۋاب

    ئۆتكەندە ماڭا دىگەن سىناق مۇشۇ شۇمۇ؟مەن سىناپ باقاي قېنى…………… :mrgreen: سىزنىڭ ip نەچچە ئۇنداقتا………… :lol: :lol:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 27-ئاۋغۇست23:07 جاۋاب

      ياق بۇ ئەمەس، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كىرسەك سۈرەت بەك ئاستا بوپ قالىدۇ، مەن دىگىنىم ssh ئارقىلىق كىرىشتى، IP نى سىنايدىغان چاغدا دىيىشەيلى ھە، ھۇجۇم قىلىپ كەتمەڭ بىكار :mrgreen:

      • ئو.تۇرپان : 2011-يىل 28-ئاۋغۇست07:00 جاۋاب

        ھۆنەرلەر بولسا بىللە پايدىلانساق، ئاشۇ ssh نىمۇ بىر سۆزلىۋەتمەمسىز…

        • Bakhtiyar : 2011-يىل 28-ئاۋغۇست13:33 جاۋاب

          بۇ ئادەتتە كارخانا ئورۇنلار جىق ئىشلىتىدۇ، يىقىدىن بويان بەك ئالدىراش، چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قويىمەن

  3. ئەلتىكىن : 2011-يىل 28-ئاۋغۇست02:16 جاۋاب

    قاچانلىققا سىنايمىز مەن بەك ئالدىراپ كىتۋاتمەن :lol: :lol: :mrgreen: :mrgreen: ئاۋال سىزگە ھۇجۇم قىلىپ سىناپ باقسام بۇلار…..بولمىسا نەـىجىسىنى ئۇقىلى بولمايدۇ….. :grin: :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×