YLmf OS 4.0 بولسا مىنىڭچە لىنۇكس Mint نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىكەن. جۈمىلىدىن يەنە شۇ ئۇبۇنتۇكەن. خۇدايىم نىسىپ قىلسا ئوزاققا قالماي مەنمۇ بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تارقىتىمەن .
نۇرغۇنلار 雨林木风 گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم تارقىتىلغا YLmf OS 4.0 بولسا پۈتۈنلەي جوڭگولىقلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېچىلغاچقا، ئۇنىڭدا بىز كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۆنگەن دېتاللارنىڭ ھەممىسى سەپلەگلىك ئىكەن. سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يىرىدە، قويغۇچلاردا، GB ئۆلچىمىدىكى خەنچە نورمال كۆرۈنىدۇ. لىنۇكس ئىشلىتىشنى ئۇزۇندىن بىرى كۆڭلىگە پۈككەن، بىراق لىنۇكس ئىشلىتىشكە قانداق قەدەم بېسىشنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن ياخشى تاللاش.
ئورگان بېتى: https://www.ylmf.org
مەنمۇ ئىشىلتىپ كېلۋاتمەن،يېرىم يىل ئاۋال ylmf os3.0نى ئىشلەتكەن،بىرەر ئايچە بولدى،ylmf os4.0نى ئىشىلتىۋاتىمەن،ئۇيغۇر تىلىنى بەك ياخشى قولايدىكەن،،بۇ ئىنكاسنىمۇ شۇ سېستىمىدا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن…..
بۇ تىمىنى نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن، مەنمۇ ئىلگىرى بۇ سىستىمىنى سىناپ باققان، لىكىن ھەرىپ تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىسام خەنچە ۋە زاڭزۇچە باركەن، لىكىن ئۇيغۇرچە يوقكەن، ئۇبۇنتۇدا بار ئىدى، ئۇيغۇرچە قاتالماي شۇ ئاچچىقىمدا سۆكۈپلىۋەتكەن، دىسكىسىنىمۇ ئوشتۇۋەتكەن ئىدىم(ئۇلۇغ ئانا تىلىمنى چەتكە قاققانلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ)، مۇمكىن بولسا شۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ھەرىپ تاختىسىنى قانداق قاتقانلىقىڭلارنىمۇ ئىيتىپ بەرگەن بولساڭلار. رەخمەت.
بۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ نىڭ يۇمشاق دىتال ماركىزىنى يۈكلىگىلى بۇلامۇ ؟ يەنە ibus قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىيالمىدىم .