ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
YLmf OS 4.0 تارقىتىلدى
ئېلان قىلىنغىلى562 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 35 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,195+

YLmf OS 4.0 بولسا مىنىڭچە لىنۇكس Mint نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىكەن. جۈمىلىدىن يەنە شۇ ئۇبۇنتۇكەن. خۇدايىم نىسىپ قىلسا ئوزاققا قالماي مەنمۇ بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تارقىتىمەن :oops: .
نۇرغۇنلار 雨林木风 گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم تارقىتىلغا YLmf OS 4.0 بولسا پۈتۈنلەي جوڭگولىقلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېچىلغاچقا، ئۇنىڭدا بىز كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۆنگەن دېتاللارنىڭ ھەممىسى سەپلەگلىك ئىكەن. سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يىرىدە، قويغۇچلاردا، GB ئۆلچىمىدىكى خەنچە نورمال كۆرۈنىدۇ. لىنۇكس ئىشلىتىشنى ئۇزۇندىن بىرى كۆڭلىگە پۈككەن، بىراق لىنۇكس ئىشلىتىشكە قانداق قەدەم بېسىشنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن ياخشى تاللاش.

ئورگان بېتى: https://www.ylmf.org

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 35 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 32

  1. ئاتتىلا : 2011-يىل 29-ئۆكتەبىر12:30 جاۋاب

    مەنمۇ ئىشىلتىپ كېلۋاتمەن،يېرىم يىل ئاۋال ylmf os3.0نى ئىشلەتكەن،بىرەر ئايچە بولدى،ylmf os4.0نى ئىشىلتىۋاتىمەن،ئۇيغۇر تىلىنى بەك ياخشى قولايدىكەن،،بۇ ئىنكاسنىمۇ شۇ سېستىمىدا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن…..

    • ئبرايىم : 2012-يىل 27-سېنتەبىر19:43 جاۋاب

      بۇ تىمىنى نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن، مەنمۇ ئىلگىرى بۇ سىستىمىنى سىناپ باققان، لىكىن ھەرىپ تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىسام خەنچە ۋە زاڭزۇچە باركەن، لىكىن ئۇيغۇرچە يوقكەن، ئۇبۇنتۇدا بار ئىدى، ئۇيغۇرچە قاتالماي شۇ ئاچچىقىمدا سۆكۈپلىۋەتكەن، دىسكىسىنىمۇ ئوشتۇۋەتكەن ئىدىم(ئۇلۇغ ئانا تىلىمنى چەتكە قاققانلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ)، مۇمكىن بولسا شۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ھەرىپ تاختىسىنى قانداق قاتقانلىقىڭلارنىمۇ ئىيتىپ بەرگەن بولساڭلار. رەخمەت.

  2. ئىمتىياز : 2011-يىل 30-نويابىر23:15 جاۋاب

    بۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ نىڭ يۇمشاق دىتال ماركىزىنى يۈكلىگىلى بۇلامۇ ؟ يەنە ibus قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىيالمىدىم .

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×